![]() |
قاشتېشى ۋە يۇرۇڭقاشنىڭ كۆز يېشى
بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىگە قويۇلغان 23 توننا ئېغىرلىقتىكى كوئىنلۇن قاشتېشى
كىشلەر خوتەن قاشتېشىدىن سودا پۇرسىتىنى بايقىدى،دېھقانلار ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا قاشتېشى كولىغىلى بارىدۇ،شەھەردىكى خىزمەتچى كىشلەرنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇنلىرى قاشتېشى سودىسى قىلىشنى بىلىدۇ،بۇ يەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشلەرنى جەلىپ قىلدى.سۈرەتتە:خوتەن شەھىرىگە يېقىن لوپ ناھىيىسىدىن تاش كولاش ئۈچۈن خوتەن شەھىرىگە ئاپتوبوس بىلەن ماڭغان كىشلەر.
2003-يىلى كۆپقىسىم خوتەنلىكلەر قاشتېشىنىڭ قىممىتىنى بىلمەيتتى.2004-يىلىدىن تارتىپ خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت خوتەن قاشتېشى ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى،كېيىن يەنە ئىككى يىلدا ئىككى نۆۋەتتە خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى،شۇندىن كېيىن كىشلەر قاشتېشىدىن ئاساسى ساۋاتقا ئىگە بولدى.سۈرەتتە:2010-يىلى 8-ئايدا بىر ئەر ئۆزى سېتىۋالغان تاشلارنى قۇچاقلاپ تۇرماقتا.
خوتەن قاشتېشى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كوئىنلۇن تېغىغا تارقالغان بولۇپ،يورۇڭقاش دەرياسى بولسا قەدىمقى داڭلىق ئاقتاش دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.قەدىمدىن تارتىپ خوتەن قاشتېشى چىقىدىغان ئاساسلىق دەريا ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاشتېشىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى،شۇنىڭغا ئەگىشىپ قاشتېشى تېرىيدىغان كىشلەرنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ باردى.يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى نەچچە يۈز مېتىر جاي قالايمىقان كولىنىپ يېشىللىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
2005-يىلى ۋە 2006-يىلىغا كەلگەندە دەريا ساھىلىدا تاش كولايدىغانلارنىڭ سانى مىليۇنغا يەتتى،3000 دانە توپا قېزىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.2007-يىلى 6-ئايدا ھۆكۈمەت چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئۈسكۈنىلەر بىلەن قېزىشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى.
خوتەن قاشتېشى ئاساسلىقى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ،دەريا،لاتقىلاردىن چىقىدىغان قاشتېشى ئاساسەن كولاپ تۈگىتىلدى.مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قاشتېشى كولايدىغانلار تاغ تىزمىلىرىدا قاشتېشى ئىزدىشىدۇ.
20 يىلدا خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى مىڭ ھەسسە ئۆرلىدى،بۇ يىل ۋۇخەندىكى بىر پارچە 25.5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى خوتەن قاشتېشى ئويمىسىنىڭ ئېلىنىش باھاسى 500 مىليۇن يۈەن بولدى.ئەلۋەتتە خوتەن قاشتېشى بايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىشى ۋە قۇم-بوران ئېلىپ كەلدى.
ئەگەر سىز يورۇڭقاش دەريا ساھىلىغا بېرىپ قالسىڭىز،بۇ يەردىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز،توپ-توپى بىلەن قاشتېشى ئىزدەۋاتقان كىشلەرنى كۆرۈش بىلەن بىرگە بۇزۇلغان دەريا ئىكىلوگىيىسىنىمۇ كۆرىسىز.
خوتەندىكى قايناق قاشتېشى بازىرى سىرىتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ،ھەر جۈمە،يەكشەنبە كۈنلىرى خوتەن شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىت ئالدىدا كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ قاشتاشلىرىنى تىزىپ ساتىدۇ.
خوتەندىكى قاشتېشى بازىرىدا دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ قاشتاشلىرىنى تېزىپ مەملىكەتنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سېتىپ كىرىم قىلىدۇ،بەزىدە ھەتتا بۇ يەردە چوڭ سودىلارمۇ پۈتۈپ قالىدۇ.
خوتەن قاشتېشى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلسايىن ئېشىپ بارماقتا.سۈرەتتە قاشتېشى سودىسى قىلىۋاتقان سودىگەر.
خوتەن قاشتېشىدىن 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مۆھۈرى ۋە مۇكاپات مىدالى ياسالغاندىن كېيىن خوتەن قاشتېشىنىڭ مەبلەغ سېلىش باھاسى ئاممىنىڭ دېققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتتى.سۈرەتتە:بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتىگە قويۇلغان 23 توننا ئېغىرلىقتىكى كوئىنلۇن قاشتېشى.
قاشتېشى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ قاشتېشى بازارلىرى ئېچىلدى،بۇ يەردىكى قاشتاشلارنىڭ كۆپىنچىسى خوتەندىن كەلتۈرۈلگەن.
قاشتېشىنىڭ ساقلاش قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سودىگەرلەر قاشتېشىغا نەقىش ۋە خەتلەرنى ئويۇپ ساتىدۇ.
سۈرەتتە:سېتىۋېلىنىش باھاسى 500 مىليۇن يۈەنلىك خوتەن قاشتېشى ئويمىسى.
قاشتېشىدىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى
بۈگۈنكى كۈندە قاشتېشىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سانى يەنىمۇ ئېشىپ بارماقتا…
خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=2142
ئۇيغۇر قاشتىشىچىلقى تېخىمۇ تەرەققى قىلغاي