![]() |
ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى موللاق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن ئامېرىكا سوۋېت ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى قايتا ئوينىماقچى
يەر شارى تورى روسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى جۇڭگو ئىقتىسادىنى قورشىدى» ناملىق ماقالىسىنى نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى قۇرماقچى بولغانلىقى بېيجىڭنى ئەندىشىگە سالغان. نامرات نوپۇس 250 مىليون ئادەمگە يېتىدىغان بولغاچقا، بىر پاي ئوق ئاتمىغان تەغدىردىمۇ، نەچچە ئون مىليارد سەرپ قىلىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىغا خىرىس قىلىش ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى موللاق ئاتقۇزۇپ تاشلايدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسى بۇ پىلاننىڭ ئاسىيا قۇرۇقلۇقى ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا 3-ئايدا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرققە يەر شارى تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خىلدىكى مۇداپىئە سىستېمىسى ھەربىي پاراخوتقا سەپلىنىدىغان توسۇش قۇرۇلمىسى ۋە قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان توسۇش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشەنچىلىك تەھدىت كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن، جۇڭگو ئېھتىمال ئۆزىنىڭ يادرو قورالى ئامبىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان ئۇرۇش رېئاللىقىغا تاقابىل تۇرمىسا بولمايدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسىدىكى زاتلار بېيجىڭنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارى ۋە سىڭىپ كىرىش ئىقتىدارىنى چوقۇم ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى، «بولمىسا بىزنىڭ يادرو تەھدىت كۈچىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ساقلاپ قېلىشىمىز ناھايىتى تەس» لىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۇڭگونىڭ 130~195 دانە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ ماڭالايدىغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ئارمىيىسى يادرو قورالىنى قانچىلىك دەرىجىدە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ئاندىن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى كەلگۈسى يادرو مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتمىدى.
ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا خىرىس قىلىشىدا يېتەرلىك ئىقتىدارى بارمۇ؟ گەرچە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى پۇل-مۇئامىلە ئىقتىدارى ئۆزگىرىشچان. بۈگۈنكى جۇڭگو بىلەن ئەينى چاغدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بەزى جەھەتلەردە ئوخشاشلىقى بار. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە ئوخشاش، جۇڭگو زور مىقداردىكى خام چوتنى ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجىغا ئىشلەتمەكتە. گەرچە ئىقتىسادىي گۈللىنىشى يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودىكى باي نامراتلىق پەرقى يەنىلا كىشىنى چۆچىتىدۇ. بېيجىڭ تېخى كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىدى، ئەكسىچە يېڭى قورال سېتىۋېلىشقا ھەمدە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ئۆزى قورال ئىشلەپچىقرىشقا مەجبۇر بولدى. ئوخشاش ئەھۋال ھىندىستاندىمۇ بار، بۇلتۇر ھىندىستان دۇنيادىكى بىرىنچى قورال-ياراغ ئىمپورت دۆلىتى بولۇپ قالدى. قورال ئېكىسپورت قىلىشتىن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر قىلىشقىچە- بۇ دەل ۋاشىنگىتوننىڭ ئاسىياغا قايتىش سىياسىتى—شۇڭا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بولۇپمۇ جۇڭگونى قاتتىق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى.
فىلىپپىن سىياسىي پائالىيەتچىسى:«ئامېرىكا بۇ رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىمەكچى. ئامېرىكا ئۆزى دىققەت قىلىدىغان ھەر قانداق دۆلەتكە ھەربىي كۈچىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بولۇپمۇ جۇڭگوغا. نۆۋەتتە ۋاشىنگىتون ئېھتىمال بېيجىڭ بىلەن يۈزمۇيۈز ھەربىي توقۇنۇشىدىغان يۆلىنىشكە قاراپ ماڭماسلىقى مۇمكىن، ئەمما جۇڭگونى چەكلىمەكچى، جۇڭگونى قورشىماقچى ھەمدە جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىماقچى» دېگەن.
ئاۋاسترالىيەنىڭ سابىق دېپلوماتىيە ئەمەلدارى گرېگورىي كلارك:«تارىخنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ خىل ئەھۋال ئىختىيارسىز كىشىگە سوغاق ئۇرۇشنى ئەسكە سالىدۇ. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئالدىنقى ئەسرىدىكى سوۋېت ئامېرىكا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ۋاشىنگىتوننىڭ قەستەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تاكتىكىسى ئىكەنلىكىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. بۇ بىر ئەخمىقانە مۇسابىقە، بەختكە قارشى، روسىيەلىكلەر قۇربانلىق بۇيۇم بولۇپ قالدى. مېنىڭچە جۇڭگومۇ مەلۇم دەرىجىدە قۇربانلىق بۇيۇم بولۇپ قالدى» دېگەن.
بۇ جەرياندا، ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتمىگەن ئەھۋالدا، بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق زورايتالامدۇ يوق قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە : ئوكيان تورى ( نەپرەت تەرجىمىسى )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=2161