ئىخچام لايىھىلەنگەن ئۆي…..( ئۆي لايىھىسى )
1. لايىھە ئالاھىدىلىكى :
بۇ ئاددى لايھىلەنگەن ئۆي بولۇپ، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يوقىرى ، كۆلىمى ئىخچام، قولايلىق، يورۇق ۋە شامال ئۆتۈشۈشچانلىقى كۆچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە ماتىرىيال سەرپىياتى ئاز، پۈتۈش تەننەرخى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلكلىرىگە ئىگە .
2. ئۆي تۈزۈلۈشى :
ئۆي بىر مىھمان كۈتۈش ئۆيى، ئىككى ھوجرا، بىر ئاشخانا ( تاماق يىيىش ئۆيىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) ۋە بىر تازلىق ئۆيىدىن تۈزۈلگەن. يىڭىدىن ئۆي بۆلۈپ چىققان ياشلار ياكى چوڭلار بولمىغان ئىككى پەرزەنىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كىلىدۇ
3. ئۆي قۇرۇلمىسى ۋە ۋىرتىكال چىرتىيۇژ قاتارلىق ئۆي قۇرۇلمىسىدىكى موھىم ۋە ئىنچىكە مەزمۇنلار ( يەنى، ئىگىزلىك، ئىشىك -دىرىزە تەكشىلىكى، تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش قۇرۇلما ئىسخىمىسى…. ) بۇ يەردە بايان قىلىنمىدى. ئەگەرئۆي سىلىش ئىھتىياجى بىلەن بۇ لايىھەنى ياقتۇرۇپ قالغان تورداشلار بولسا، لايىھەنىڭ بارلىق تەپسىلىي ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
1. مىھمانخانا :
مىھمانخانا سىرتتىن كىرىش ئىشىكى بىلەن بىۋاستە تۇتاشقان بولۇپ، مىھمان كۆتۈشكە، ئادەتتىكى چاغلاردا ئارام ئىلىش، تىلۋىزۇر كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا لايھىلەنگەن. بولۇپمۇ يېزىلاردا توي – تۆكۈن، نەزىر چىراق مۇراسىملىرىنى ئىلىپ بىرىشتا ئىككى ياتاق ئۆي بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىچىدىكى سافا-كارىۋات قاتارلىق ئائىلە جابدۇقلىرى يىغىشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشچانلىقىغا ئىگە.
2. ھوجرا ئۆيلەر :
ھوجرا ئۆيلەر مىھمانخانا ۋە ئاشخانا ئۆيلەرنىڭ يوقرىسىدا قىلىپ لايھىلىنىش ئارقىلىق تىنىچ، تازلىقى تەسىرگە ئۇچرىماسلىق ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن . كۆلىمى مۇۋاپىق بولۇپ، ياز پەسلىدىكى شامال ئۆتۈشۈشچانلىقى ، قىش پەسلىدىكى ئىسسىتىش قاتارلىق تەرەپلەر تولوق نەزەرگە ئىلىنغان. ئۇندىن باشقا تازلىق ئۆيىگە يىقىن بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، كىچىدە كىچىك بالىلارنىڭ سىرتقا ھاجەتكە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلغان.
ھوجرا ئۆيلەرنىڭ بىر جايغا يىقىن لايھىلىنىشى بالىلارنىڭ كىچىدىكى ھالىتىنى ۋە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەل قىلىشقا قولايلىق قىلىنغان.
3. ئاشخانا :
ئاشخانا ئۆيى ھەم تاماق ئىتىش ھەم تاماق يىيىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا لايھىلەنگەن بولۇپ، ئايرىم تاماق يىيىش ئۆيى بولۇش قىسقارتىلىپ، ئۆي ئومومى كۆلىمىنىڭ ئىخچام بولۇش مەقسىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان. سىرىت بىلەن بىۋاستە تۇتىشىدىغان بىر ئىشىك ئىلغان بولۇپ، كۆمۈر ئەكىرىش، كۈل تۆكۈشتەك ئىشلار سىرتقى ئىشىك بىلەنلا ھەل قىلىنىپ ، مىھمانخانا ۋە باشقا ئۆيلەرنىڭ تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئىچكى ئىشىك مىھمانخانا بىلەن تۇتىشىپ مىھمان كۆتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تولىمۇ قولايلىق .
4. تازلىق ئۆيى :
تازلىق ئۆيى ئىككى ھوجرا ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىلىپ لايھىلىنىشى تۇرمۇشقا تىخىمۇ قولايلىق بولۇپ، سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان بىر كىچىك دىرىزە ئارقىلىق ھاۋا ئالمىشىش، سىسىق پۇراقلار بولماسلىق قاتارلىق تەرەپلەر نەزەرگە ئىلىنغان.
ئۆي ئىچىنىڭ بىزەش ۋە ئائىلە جاھازىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى :
ئۆي ئىچىنىڭ بىزىلىش لايىھىسى تەپسىلى سۆزلەنمىدى. چۈنكى ئۆي بىزەش ئۆي ئىگىسىنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ئىقتىسادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ نوقتىدىن بىلوگىمىز ئائىلە جاھازىلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئاددى، چىرايلىق ۋە ئازادە تەسىر بىرىدىغان بىرقانچە بىزەك لايىھىسىنى رەسىملىك ھالەتتە پايدىلانغۇچىلار دىققىتىگە سۇنىدۇ. بۇ خىل بىزەش لايىھىلىرى مىنىڭچىمۇ تورداشلارغا يىقىپ قىلىشى مومكىن .
مىھمانخانا
ھوجرا
ھوجرا ( بالىلارنىڭ )
ئاشخانا
تازلىق ئۆي
( قالدۇرۇلدى )
3. ئۆي لايىھىسىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى :
1) چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.
2) مىھمانلارنىڭ قونۇپ قىلىشى بىر ئاز ئەپسىزرەك.
3) ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بەلكىم قالغان يىتەرسىزلىكلىرىنى ھەر بىر تورداشنىڭ ئىنكاسلاردىن كۆرەلىشىمىز مومكىن…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=45
بۇنى سىز لايىھلىگەنما؟ پىچەت چىقىپتۇ.بۇ ئۆينىڭ چوڭلىقى قانچىلىك چىقىدۇ؟نەچچە كۇۋادىرات مېتىر؟
مەرھابا مۇئەللىم، خۇش كېلىپسىز…
سالام تۇرمۇش !
7.5 * 7.5 لىق كۆلەمگە ئۇيغۇن كەلگۈدەك ئۆي لايھەسى بارمىدۇ سىزدە ؟ يۇقۇرقى لايھە بويىچە بىر يۈرۈش ئۆي لايھەلەپ سالسام مۇشۇنچىلىك يەر ئېشىپ قالغۇدەك …
ئۆي سالماقچى بولغان يەرنىڭ كۆلىمى ( كەڭلى، ئۇزۇنلۇقى )، ئۆي ئىھتىياجى دىگەنلەرنى يوللاپ بىرىڭ. مەن قاراپ باقاي