www.../

ئىراننىڭ يادرو كىرزىسى ۋە جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى

ئاپتورى: شۈەن لىتەي

غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئۆز قارتىلىرىنى ئېچىش ۋاقتىنىڭ قىستاپ كېلىشى پەيتىدە، گەرچە ئىككى تەرەپ كەينى-كەينىدىن ھەرىكەتكە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما باشتىن-ئاخىرى ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، ئەكسىچە ئىككىلا تەرەپتە بۇلۇڭغا قىستىلىپ قېلىشتەك شۇملۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. پارس قولتۇقى ئاسمىنىدىكى ئۇرۇش تۇمانلىرى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ئىنسانلار غەم-ئەندىشىدىن نېرى كېتەلمىدى.

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىراننىڭ ئايەتۇللاھسى ھامىنىي نورۇز بايرىمىلىق سۆز قىلىپ:«بىزنىڭ يادرو قورالىمىز يوق دەپ كۆپ قېتىم دېدۇق، ھەم يادرو قورالى تەتقىق قىلمايمىز» دېدى. ئۇ ئەگەر ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ تەكىتلەپ:«ئەگەر دۈشمەن ھۇجۇم قىلسا، مەيلى ئامېرىكا ياكى يەھۇدىي تىرىلدۈرگۈچى ھاكىمىيىتى بولسۇن، بىز ھەممىگە قايتۇرما زەربە بېرىمىز» دېدى.

ياۋروپانىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى تېخىمۇ قاتتىق

ئىران ئېغىر قوراللىق ئەسكەرلىرىنى يادرو ئەسلىھەلىرىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاتتىق مۇداپىئە كۆردى ھەمدە يادرو قۇرۇلىشىدىكى ئىلگىرلەشلەرنى قاتتىق سىر ساقلىدى. بۇنىڭدىن تېھراننىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشى قارىشىنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مۇبادا ئىران يادرو بومبىسىغا ئىگە بولسا، يەنە يادرو بومبىسىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن بىرلەشتۈرەلىسە، يىراق مۇساپىلىق يادرو زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، رىم، بېرلىن، پارىژ، لوندون قاتارلىق ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرگە ۋەيران قىلغۇچ يادرو زەربىسى بېرەلەيدىغان بولىدۇ. بۇ دەل ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدە ھەمىشە چەتتە ئولتۇرۇۋېلىپ تاماشا كۆرۈپ، كارى بولماي، ئىران يادرو مەسىلىسىدە بولسا ئامېرىكىدىنمۇ قاتتىق مەيداندا تۇرىشىنىڭ سەۋەبى.

چوڭقۇر ئويلاپ باقساق، ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولغاندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان ئىسلام ئاشقۇن كۈچلىرى تېھراننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، تېھرانغا ئەگىشىپ ئىش كۆرۈپ، ئىراننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تۇمار قىلىپ، ھېچنىمىدىن قورقماس بولۇپ كېتىدۇ. نۆۋەتتە ئىراننىڭ يادرو بومبىسى يوق، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ قەتئىي باش ئەگمەيۋاتىدۇ، مۇبادا يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قولىشغا چۈشۈپ قالسا، ئىسلام دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنىدىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىيەت توقۇنۇشۇۋاتقان پەيتتە، ئىككى تەرەپ دۆلەت ئىرادىسى بويىچە تۇتۇشىدىغان بولسا، مەيدانى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ كېتىدۇ.

خەلقئارالىق تېرورچىلار ئۈنتىنسىز كېلىپ ئۈنتىنسىز كېتىپ قالىدۇ. ئۇلارنى دىننىي جەھەتتە ئەسلىيەتچىلىك ئۇزۇن مۇددەت يۆلەپ تۇرغان، ھەربىي ئەمەلىي كۈچتە يەنە ئىراننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قالقان قىلغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىقىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ئاشقۇن ئىسلام كۈچلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جانلانغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تىغ ئۇچىنى غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان خەلقئارالىق داڭلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ھازىر يادرو بومبىسى ئەمدى ئۆتكۈر تېخنىكا ھېسابلانمايدىغان بولۇپ قالدى، «مەينەت بومبا» ياساش تېخنىكىسى تېخىمۇ ئاسانلىشىپ كەتتى، قىيىن يېرى قورال دەرىجىسىدىكى يادرو يېقىلغۇسىدۇر. ئىران دەل قورال دەرىجىسىدىكى يادرو يېقىلغۇسىنى ئىشلەپ چىقىرىش جەھەتتە كىشىنى كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. ھازىرچە يادرو ئۇرۇشىنىڭ بالايىئاپىتىنىڭ تىلغا ئالمىغان تەغدىردىمۇ، تېرورچىلار ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ سودا مەركىزىدە نەچچە «مەينەت بومبا» نى پارتلاتسا، يادرو ماتىرىيالىنىڭ كۈچلۈك ھەم ئۇزۇنغىچە يوقىمايدىغان رادىئاتسىيەسىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر» پەيدا قىلسا، ئىنسانلارنىڭ ھاياتى مىڭ يىلغا يېقىن خەۋپكە ئۇچرايدۇ. شەھەر ئاممىسى دەككە-دۈككە ئىچىدە كۈنىنى كەچ قىلالمايدۇ، جەزمەن سىرتقا كۆچۈپ چىقىدۇ، شەھەرلەر تېزلىكتە خارابلىشىدۇ.

خەلقئارا سىياسىيدا، مەلۇم بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەگرى-توقاي بولۇپ، ۋاقتىنچە ھۆكۈم قىلىش تەس. ئەگەر مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە باھا بەرمەكچى بولساق، «زوراۋانلىق ھەقىقەت» قائىدىسى مەيلى ئۆتمۈشتە بولسۇن، نۆۋەتتە ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ياكى دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولسۇن بىردەك توغرا بولىدۇ؛ ئەگەر پايدا-زىيان نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتى قاياقتىن قاياققا كېتىۋاتقانلىقىغا باھا بەرمەكچى بولغاندا، دۆلەتنىڭ يىراق، يېقىن مەزگىللىك مەنپەئەتى بىردىنبىر باھا بېرىش ئۆلچىمىدۇر.

جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ئىران يادرو كىرزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى

يەنىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ باقساق، مۇبادا ئىران يادرو كىرزىسى پارتلىسا، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرستىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيىلىك نېفىت جەھەتتە قانداق تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىلدىكى خەلقئارالىق ئېنىرگىيە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى تەتقىق قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو يېقىنقى يىللاردا بېكىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىگە ئۇچراپ، ماشىنا سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە كۆپلەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىدى. ھەر يىلى 20 مىليون ماشىنا بازارغا سېلىندى، مۇتلەق كۆپ قىسىمى جۇڭگودا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاز بىر قىسىمىلا ئىمپورت قىلىنغان. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ چەتئەل نېفىتىغا تايىنىش دەرىجىسى %60 كە يېقىنلاشتى، ئىمپورت نېفىتىنىڭ مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشتى. يەنە كېلىپ، ھەر يىلى سەرپ قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ كۆپ قىسىمى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يول مېڭىش، سوۋۇتۇش ياكى ئىسىنىشقا ئىشلىتىلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا «تۈتۈن» گە ئايلاندۇرۇلدى. دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرلەردە نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئىككىدىن كۆپ ماشىنا بار.

جۇڭگودا نۇرغۇن ئاممىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە يۇقىرى ئىستىمال دەۋرىگە ھالقىپ كىرىشى خەلقئارادا ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن جۇڭگو تۆۋەندە بايانا قىلىنغان ئوبيېكتىپ شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئەسلا ئامالسىزدۇر.

بىرىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئىستىمال خاراكتېرىدىكى نېفىت ئىستىمالى يىلدىن-يىلغا شىددەت بىلەن ئاشماقتا، نېفىتتا چەتئەلگە تايىنىش دەرىجىسى زىيادە يۇقىرى. بۇ ئالاھىدە ھادىسە جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى باشتىن-ئاخىر ئادەمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىنى بەلگىلىگەن. دەرۋەقە، چوڭ دۆلەتلەردىن مەسىلەن ھىندىستاننىڭ ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان نېفىتى يوق دېيەرلىك، چەتئەل نېفىتىغا تايىنىشى زىيادە يۇقىرى. بىراق، ھىندىستاننىڭ نوپۇسى جۇڭگونىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ، ئىستىمال خاراكتېرىدىكى نېفىت ئىستىمالى كۆپ ئەمەس، رايونلۇق ياكى يەر شارىۋى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەنپەئەتى خىرىسقا ئۇچرىشىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە ئېيتقاندا، ھىندىستاننى جۇڭگوغا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا، ھىندىستاننىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ئېنىقلىقىنى جۇڭگوغا سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، پۈتكۈل يەر شارىدا 6 ئىستراتىگىيىلىك دېڭىز بوغۇزى ۋە سۇ يولى بار. كىرزىس باسقۇچىدا ياكى ئۇرۇشتا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بۇ دېڭىز-ئوكيان يوللىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئىستراتىگىيىلىك بايلىقلارنى كونترول قىلىپ، دۈشمەن دۆلەتنىڭ داۋاملىق يەر شارىۋى ئىستراتىگىيىلىك بايلىققا ئېرىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىقتىدارى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو بالدۇرلا يۇقىرى ئىستىمال دەۋرىگە كىردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى بىر مەيدان خەلقئارالىق كىرزىسنىڭ سىنىقىغا ھەرگىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋاستىسىدا ئۈنۈم ۋە سىجىللىق كەمچىل.

ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو 2011-يىلدىن بۇيان ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق ئازلاتتى. نۆۋەتتە، ئىراندىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت جۇڭگو نېفىت ئىمپورتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %11 نى ئىگەللەيدۇ، جۇڭگو بىرلا ۋاقىتتا پارس قولتۇقىدىكى باشقا نېفىت ئىشلەپ چىقارغۇچى دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلغان نېفىت ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. لېكىن، مۇبادا ئىران بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇرۇش ئوتى چوقۇم قوشنا دېڭىز يوللىرىغا يامرايدۇ، پۈتكۈل پارس قولتۇقى رايونىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مەزكۇر رايوننىڭ جۇڭگوغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشىمۇ مۇقەررەر ئازلايدۇ.

نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئىمپورت نېفىتىغا بولغان تەلىپى كۈنسېرى ئاشماقتا. بۇ ئەھۋالدا، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ياكى ئورنىغا دەسسىتىدىغان ئېنىرگىيە تېپىش ۋاقتىدا بولۇنمىغان چارە بولۇپ پايدىسى بولمايدۇ، پەقەت ئىستراتىگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيىلىك نېفىت زاپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نېفىت ئىستىمالىنى پەقەت بىر ئاي قامدىيالايدۇ، پارس قولتۇقىدىن ئىمپورت قىلىنغان نېفىت پۈتۈن مەملىكەت نېفىت ئىستىمالىنىڭ تەخمىنەن %36 نى ئىگەللەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر نېفىت ئىستىمالىنى چەكلەيدىغان جىددىي تەدبىر قوللانمىسا، ئىستراتىگىيىلىك نېفىت زاپىسىنىڭ ھەممىسىنى چىقارغان تەغدىردىمۇ، پەقەت 3-4 ئاي بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. يەنە كېلىپ، نېفىت ئۇرۇشتىكى «قارا رەڭلىك قان». ئىستراتىگىيلىك نېفىت زاپىسىنى ئاساسلىقى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك، بىكاردىن-بىكار «تۈتۈن» گە ئايلاندۇرۇپ تاشلىسا قانداق بولىدۇ؟

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستراتىگىيىلىك نېفىت زاپىسىنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئىشلىتىپلا قالماي، خەلقئارالىق ئېنىرگىيە كىرزىسى يۈز بەرگەندە، دۆلەت ئىچىدە غايەت زور رول ئوينايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيىلىك نېفىت زاپىسى قۇرۇلىشى ئەھۋالغا قاراپ تۇرغاچقا كېچىكىپ قالغان، سالمىقى كىچىك، ھەركىتى ئاستا بولۇپ قالدى. ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئىشلەتمەكچى بولغاندا، «ماي ئىشلەتمەكچى بولغاندا بەك ئاز بولۇپ قالغان» دەك ھېسىياتقا كېلىپ قالىدۇ.

مەنبە: ئوكيان تورى .( نەپرەت تەرجىمىسى )


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1575

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-05-07
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە