www.../

ئائىلىدە تۇخۇم شورپىسى تەييارلاش…( سۆرەتلىك )

ماتىرياللار تەييارلاش :
ئالدى بىلەن تۇخۇم، پەمىدور، كۆك سەي، تۇز، تىتىتقۇ، قۇرۇتقان لازا، ئاچچىقسۇ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، كىراقمال، ئاقمۇچ، شورپا، جاڭيۇ، گۈنجۈت مىېيى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىۋالىمىز.
تەييارلاش ئۇسولى :
ئالدى بىلەن قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىسقا توغرالغان، قۇرۇتقان لازىنى سىلىپ قورۇيمىز.  قىزارغاندا مۇۋاپىق مىقتاردا سۈزۈك شورپا قۇيۇپ، تۇز، تىتىتقۇ، ئاقمۇچ، جاڭيۇ قاتارلىقلار بىلەن تەمىنى تەڭشەپ، بوش ئوتتا قاينىتىمىز.
قاينىغاندىن كىيىن، ساپلىقنى ئوتتىن تارتىپ، تۇخۇمنى ئۈستۈنگە يىيىتىپ قۇيۇپ، ساپلىقنى قايتىدىن ئوتقا قۇيۇپ، سۇس ئوتتا قايناپ چىققاندا، ياپلاقچە تورالغان پەمىدۇر ۋە قىسقا توغرالغان كۆك سەينى ئۈستىگە سىلىپ، مۇۋاپىق مىقتار دا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئازراق گۈنجۈت مىيى تىمىتىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا كىراخمال سۈيى قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈپ شورپا قاچىسىغا  ئالساق بولدۇ.
ۋاھ… نېمىدېگەن مىزىلىك…

تەمى: ئاچچىق چۈچىمەل.
ئالاھىدىلكى : پارقىراق، مىزىلىك، تەنەرقى تۆۋەن ۋە ئىچىشلىك بولدۇ.
مەنبە : ئاشپەز تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=503

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : تائام
يوللانغان باھا : 0پارچە