![]() |
ئاق نانلىق قوي گۆشى قورىمىسى تەييارلاش… ( سۆرەتلىك )
ماتىريالى:
قوينىڭ سۆڭەكلىك گۆشىدىن 1.2كىلوگىرام،ئاق نان بىر تال،پىياز ،سۇماي يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، ( پەمىدۇ قىيامى ) غوزەك قاقمۇچ 5 تال.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، زىرە، يۇمغاقسۇت.
تەييارلاش : سوڭەكلىك گۆشنى ياڭاق چوڭلىقىدا پارچىلاپ، يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 13مىنۇت، ئادەتتىكى قازاندا 1سائەت پىشۇرۇپ سۇزىۋالىمىز.
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، زىرە، يۇمغاقسۇت.
تەييارلاش : سوڭەكلىك گۆشنى ياڭاق چوڭلىقىدا پارچىلاپ، يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 13مىنۇت، ئادەتتىكى قازاندا 1سائەت پىشۇرۇپ سۇزىۋالىمىز.

زەنجىۋىل ،پىيازنى نىپىز يالپاق توغرايمىز،يۇمغاڭسۇتنى كالتا-كالتا توغرايمىز . ناننى سەككىز پارچە قىلىپ تەخسىگە قۇيۇپ ئازراق زىرە سىپىپ تەييارلاپ قۇيىمىز .

قورۇش ئۇسۇلى:
قازانغا ئازراق كەم بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا پىياز، زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ، غوزەك قاقمۇچ، سېلىپ قورۇپ گوشنى سېلىپ، تۇز ، ئاقمۇچ سېلىپ گوش چىلاشقۇدەك شورپا (سۇ ) قۇيۇپ 3مىنۇت بوش ئوتتا دۇملەپ گوشى يۇمشاق پىشقاندا تۇز تەمىنى تېتىپ تەييارلانغان تەخسىگە ئۇسۇپ ،(ئۇستىگە يۇمغاقسۇت سىپىپ) ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.


ئالاھىدىلىكى: تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، شەكلى كوركەم، گۆشى يۇمشاق، مەزلىك، نان بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىنسا يىيىشلىك بۇلىدۇ. مىھمان كۇتۇش ۋە ئائىلىلەردە تەييارلاشقا قولايلىق .


ئالاھىدىلىكى: تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، شەكلى كوركەم، گۆشى يۇمشاق، مەزلىك، نان بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىنسا يىيىشلىك بۇلىدۇ. مىھمان كۇتۇش ۋە ئائىلىلەردە تەييارلاشقا قولايلىق .
مەنبە : ئاشپەز تورى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=529
تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...