www.../

قايتىدىن جانلانغان ھاماس تەشكىلاتى

قايتىدىن جانلانغان ھاماس تەشكىلاتى

ئاپتورى: مايكول برونىڭ (تەرجىمىدە: نەپرەت)

ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئالمىشىشىدا، ئىسلام سىياسىي كۈچلىرى سايلامدا ئارقا-ئارقىدىن غەلبىگە ئېرىشتى. غەرب تۇنىس، ماراكەش ھەمدە مىسىردىكى ئىسلاھاتچى ئىسلامىزمنىڭ تېزلىكتە باش كۆتۈرۈشىگە ھالسىرىغىنىچە تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا، پەلەستىن رايونىدىكى ھاماسنىڭ رولىدىكى توقۇنۇش مەسىلىسىمۇ كۈنسېرى گەۋدىلەندى. 2-ئاينىڭ بېشىدا ھاماس تەشكىلاتى بىلەن پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباس رەھبەرلىكىدىكى دىندىن خالىي فاتاخ تەشكىلاتى يېڭى ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە ھاماس تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىسلام ھەركىتىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق يۆلىنىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى ھەققىدە كۈرەش بولدى. غەربنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دەل يېقىنقى نەچچە ھەپتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئىسپاتلىغىنىدەك، ھاماس تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پۈتۈنلەي يېتىم ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كۈنلىرى ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى. گەرچە كۆپ قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ھاماسنى تېرورلۇق تەشكىلات دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي ئايرىۋېتىشتىن پائال ئۇچرىشىشقا باشلىدى. 2011-يىلى 12-ئايدا، ھاماس رەھبەرلىكىدىكى گازا پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئىسمائىل ھانىيە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى، زىيارىتىدە تۇنىس، قاھىرە ۋە ئىستانبولغا قەدەم قويدى. 2012-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، ھانىيە يەنە قاتار، بەھرەيىن ۋە ئىراندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئەممە بۇ سىياسىي زەيتۇن شېخى پەقەتلا گازادىن سۇنۇلغان ئەمەس. 2012-يىلى 1-ئايدا، ھاماس تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە دەمەشىقتىكى سەرگەردان تارماق ئورگىنىنىڭ رەھبىرى خالىد مەشئەل دېپلوماتىيە زىيارىتىنى باشلاپ، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھنىڭ قوبۇل قىلىشغا مۇيەسسەر بولدى، بۇ 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئىدى ھەمدە ھاماس بىلەن فاتاخ ئىككىنچى ئايدا ئىئوردانىيەدە يېڭى ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئىككى پەلەستىن ھەرىكىتىنىڭ ئابباس رەھبەرلىكىدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئاستىغا ئۇيۇشىشىنى ئۈمىد قىلىشتى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ھاماسنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قارشى سادالار پەندىنپەي كۈچەيدى. مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ سەرگەردان رەھبەرلىرى ھەتتا ئىتتىپاق كېلىشىمىگە ئاشكارا قارشى تۇرغان ھاماس گازا ھاكىمىيىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە شەخسىي غەرەزلەر بۇ جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما زىددىيەتنىڭ يادروسى ئەمەلىيەتتە ھاماسنىڭ ئۆز ئېنىقلىمىسىدىكى تۈپكى توقۇنۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان.

گازا ھاماس رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھانىيە رايونلۇق ئۆزگىرىش پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى گەرچە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما مىسىرنىڭ ھاكىمىيەت ئالمىشىشى ھەمدە گازا چېگرىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قۇتقازغۇچى يۆلەك تېپىۋالدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھانىيەنىڭ يېقىنقى دېپلوماتىيە سەپىرى ھاماسنىڭ سىمۋوللۇق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئىسرائىلىيە بىلەن قىلچە مۇرەسسەلەشمەسلىك مەيدانى سەۋەبلىك قوللاشقا ئېرىشتى. ئۇ ھەمىشە «ئەھمىيىتى يوق» تىنچلىق سۆھبىتىنى تەنقىد قىلىدۇ، تېھرانغا بارغاندا يەنە ھاماسنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى «بارلىق پەلەستىن زېمىنى ئازاد بولغان كۈنگە قەدەر» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

بۇ سۆزلەرنى قىلىشىنىڭ مەقسىتى دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك. مەسىلىنى يەنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ھەرىكەت بولسا، ھانىيە يېقىندا ھاماس بىلەن ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، گازادىن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى نىشانلىرىغا داۋاملىق راكېتا ھۇجۇمى قىلىش تەكلىپى بەردى.

خالىد مەشئەل بولسا دەل ئەكسىچە. 2011-يىلى 5-ئايدا، ئىسلاھاتچى كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى خالىد مەشئەل قاھىرەدە فاتاخ بىلەن يارىشىش كېلىشىمىغا ئىمزا قويۇپ، ھاماسنى بىر پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئاستىغا بىرىكتۈرۈشكە ۋەدە بەردى، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى ھەمدە 1967-يىلدىكى چېگرىنى ئاساس قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلدى. خالىد مەشئەل يەنە ئابباسقا ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە بىر يىل ھوقۇق بەردى، يەنە ھانىيە بىلەن ئەكسىچە يول تۇتۇپ، يېقىندا ئىئوردانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە «ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى سۆھبەت» نى قوللىدى.

خالىد مەشئەلنىڭ ئىسلاھاتقا تەلپۈنىشىدىكى بىر سەۋەبنى سۇرىيەدىكى پىرىزدېنت بەشار ئاسادقا قارشى خەلق قوزغىلىڭىدىن تاپقىلى بولىدۇ. بەشار ئاساد سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلغان ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇردى، سۈننىي مەزھىپىدىكى رەھبەر خالىد مەشئەل پارازىت قۇرۇت-سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللاشقا ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن خالىد مەشئەل فاتاخ بىلەن يېقىنلاشتى ھەمدە ھاماسنىڭ سەرگەردان باش مەھكىمىسىنى دەمەشىقتىن چېكىندۈرۈپ چىقماقچى بولىشىنى قايتا رەتلەش پىلانىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

ئەمما خالىد مەشئەلنىڭ بەشار ئاسادنى قوللاشقا قارشى تۇرۇش قىلمىشى ئۇنى كۈدە-كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىپلا قالماستىن، سۇرىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىراننى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. ئىران ھاماسقا قارىتىلغان مالىيە ياردىمىنى ئازلاتتى ھەمدە خالىد مەشئەلنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ بىر مۇھىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەمەلىيەتتە، خالىد مەشئەلنىڭ بۇ قارارى ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزۈپ تاشلىدى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماي، سىياسىي ئىسلاھات قارارىغا كېلىشىنى ئاشۇردى.

بۇ جىددىي ۋەزىيەت خالىد مەشئەلنىڭ ھاماسنىڭ سەرگەردان تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىستىپا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىشى، كېيىن فاتاخ بىلەن ئىتتىپاقلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. گەرچە بۇ بايانات ئېھتىمال گازانى ئۆزىنىڭ لاگىرىغا قوشۇلۇشقا قىستاش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خالىد مەشئەلنىڭ خەلقنىڭ قوللىشى جەھەتتىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى، سەرگەردان تارماق ئورگاننىڭ ئىچكى تاشقى قىسىمىدىكىلەرنىڭ خالىد مەشئەلنى داۋاملىق قېلىشىنى تەلەپ قىلىشى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خالىد مەشئەل تاللاشقا بولىدىغان يول ناھايىتى كۆپ: ئۇ يېڭى قۇرۇلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتغا تايىنىپ پەلەستىن تارمىقىنىڭ رەھبىرى سالاھىيىتىدە قايتىدىن باش كۆتۈرسە بولىدۇ، ياكى پەلەستىن ئازادلىق ھەرىكىنىڭ نامىنى دەستەك قىلىپ يېڭى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولسا بولىدۇ. ھاماس بىلەن قۇرۇلۇپ بولغان پەلەستىن سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ بىرىكىشى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنى رەسىمىي ئېتراپ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەم پۈتكۈل ھەرىكەتنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشى جەھەتتە مۇھىم قەدەم ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

غەربكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاماسنىڭ كەلگۈسى مۇساپىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىش مەغلۇپ بولغان ھەر تەرەپلىك بايقۇت قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. مىسىر، تۇنىس ۋە ماراكەشكە ئوخشاش، پەلەستىن رايونىدىكى ئىسلام ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى قانۇنلۇق بىر سىياسىي تەسىر كۈچ سۈپىتىدە قارىلىشقا موھتاخ. خالىد مەشئەلگە ئوخشاش سۇرىيە ۋە ئىران بىلەن ئادا-جۇدا بولۇشنى خالايدىغان ھەمدە ئىككى دۆلەت لاھىيىسىنى قوبۇل قىلغان رەھبەرنى قوللاش كېرەك. دەل قاتار كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگىنىگە ئوخشاش، بۇ نۆۋەتتە تېخنىكىلىق ئەمەلدار رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللاشتىن دېرەك بېرىدۇ.

بەزىدە بۇ خىل شەكىلنىڭ رىقابەتچانلىقى ئىنتايىن مول بولىشى مۇمكىن؛ ھاماس شەك شۈبھىسىزكى ھەمكارلىشىش ئىنتايىن تەس ئوخشاش يولدىكى ئادەم، ئەمما ئامېرىكا، ياۋروپادىكى ھەر قاسيى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممىسى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھاماس ئىسلاھاتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى سىناپ كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى يېڭى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، غەرب نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان ۋاستە پەقەت ئەكسىچە گازا ۋە باشقا رايونلاردىكى ئىسلام قاتتىق قوللار تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى كۈچلەندۈرۈپ تاشلايدۇ.

 مايكول برونىڭ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىغا تەۋە «فرىدرىچ-ئىبېرت-ستىفتۇڭىن قۇددۇس (ئېرۇسالىم) سىياسىي فوندى»نىڭ باشقۇرغۇچى، «پەلەستىننىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى.

مەنبە: ئوكىيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=824

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-03-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 0پارچە