www.../

دۇمباق چېلىشقا ھېرىسمەن بالا

   بۇرۇن بىر بالا ئۆتكەن ئىكەن . ئۇ دۇمباق چېلىشقا شۇنچىلىك ھېرىس ئىدىكى ، كىشلەرنىڭ قانچىلىك نەسىھەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي كۈن بويى چېلىۋېرىدىكەن .

نۇرغۇن كىشىلەر تۈرلۈك ئامال – چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ ، بۇ بالىنىڭ غەلىتە مىجەزىنى ئۆزگەرتمەكچى بوپتۇ . بىرەيلەن بۇ بالىغا :

ئەگەر بۇنداق چېلىۋېرىدىغان بولساڭ ، قۇلاق پەردەڭ تېشىلىپ كېتىدۇ ، – دەپتۇ . بۇ كىشى دوختۇر ئىكەن . ئەمما ، بۇ سەۋەپ بۇ بالىغا نىسبەتەن سەل چوڭقۇر كېتىپتۇ . ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا بۇ گەپلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتۇ . يەنە بىرەيلەن بۇ بالىغا :

- دۇمباق چېلىش مۇقەددەس ئىش ، ئالاھىدە سورۇنلاردىلا چېلىشقا بولىدۇ ، – دەپتۇ . بۇ كىشى سوتسئولوگ ئىكەن .

ئۈچۈنچى كىشى بۇ بالىغا قۇلاق ياپقۇچ سوۋغا قىپتۇ . بۇ كىشى ، ئەگەر بۇ بالا دۇمباقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىسا ، دۇمباق چېلىپ ئاۋارە بولمايدىغۇ ، دەپ ئويلاپتۇ .

تۆتىنچى كىشى ئۇنىڭغا بىر كىتاب بېرىپتۇ .  ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر كىتاب مەستانىسى ئىكەن .

بەشىنچى  كىشى ئۇنىڭغا ئويۇنچۇق ئايرۇپىلان بېرىپتۇ . بۇ ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇق ئىدى .

ئالتىنچى كىشى ئۇنىڭغا كانكى بېرىپتۇ ، بۇ ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئەڭ ئارزۇ قىلغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئىدى . ئەپسۇس ، بۇ ئامال – چارىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاقماپتۇ .

كېيىن بىر ئۆلىما ئۇنىڭغا بولقا بىلەن ئىسكىنە بېرىپتۇ ، ئاندىن ئۇ بالىدىن سوراپتۇ :- مەن ئۇنىڭ ئىچىدە زادى نېمە بارلىقىنى كۆرۈپ باقسام دەيمەن .

بالا شۈبھىلىك نەزىرىدە ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ بولقا بىلەن ئىسكىنىنى قولغا ئاپتۇ - دە ، ئۆلىمانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دۇمباقنى چېقىپتۇ :

- ئەسلىدە بولقا ئىشلەتسەم بوپتىكەن ، – دەپتۇ بالا چېقىلغان دۇمباققا قاراپ ئاغزىنى دومسايتىپ ،- مەن بۇنىڭ ئىچىدە ئوينايدىغان قانداق ياخشى نەرسە بار ئىكەن دەپتىمەن تېخى ،- بالا بۇزۇلغان دۇمباقنى تاشلىۋېتىپلا كېتىپ قاپتۇ . ئەتراپتىكىلەر ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ .

باشقىلاردىكى مەسلىنى ھەل قىلىشتا ئۆزىڭىزنى ئاساس قىلىۋالماڭ ، بولمىسا كىچىككىنە ئىشقا ھەمىشە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىسىز .

 

تېما يوللىغۇچى : ئەلپىدا


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1033

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-03-27
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : تەرمىلەر
يوللانغان باھا : 0پارچە