www.../

دۆلەت مەخپىيەتلىكىدىن ھالقىغان « كۈچ »

ئامېرىكا نېۋادا شىتاتىدا بىر پەۋقۇللاددە مەخپىي ھەربىي رايون بولۇپ ، 51 – رايون دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . بۇ رايونغا شۇ يەردە خىزمەت قىلغانلاردىن سىرت ھەرقانداق كىشىنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ . 
  چارلىز  بىر كۈنى كەچقۇرۇن كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانىنى ھەيدەپ 51 – رايونغا قوندى . ئەسكەرلەر چارلىزنى تېزلىكتە قورشاپ ، ئايروپىلانىنى مۇسادىرە قىلدى . چارلىز سوراقتا لاسۋېگاستىن ئۇچۇپ لېنىيەدىن ئادىشىپ قالغانلىقىنى ، بۇ ھەربىي ئايرودورومنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ، بۇ يەرگە قونمىسا ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى ، ئەمما 51 – رايوندىكىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي ، ئۇنى كېچىچە سوراق قىلدى  ھەمدە فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭ ئارخېۋىنى تەكشۈردى . ئاخىر چارلىزنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى ،ئۇنىڭ جاسۇس ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى . 
  51 – رايوننىڭ قوماندانى ئەتىسى سەھەردە چارلىزنى چاقىرىپ : ئېسىڭدە تۇت ، بۇ ھەربىي رايون توغرىلىق ھېچقانداق كىشىگە تىنىشىڭغا رۇخسەت يوق . كۆرگەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ كەت . بولمايدىكەن ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى قاراڭغۇ تۈرمىدە ئۆتكۈزىسەن ، – دىدى . 
  قوماندان چارلىزغا يۇقىرقىلارنى تاپىلىغاندىن كېيىن ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ ، ئايروپىلانىغا ماي قاچىلاپ ، لاسۋېگاسنىڭ يۆلىنىشنى كۆرسىتىپ يولغا سالدى . 
  ئۇلارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى ، بۇ كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ئەتىسى 51 – رايون ھاۋا بوشلىقىدا يەنە پەيدا بولدى . بۇ قېتىم ئايروپىلاندا چارلىزدىن باشقا كېلىشكەن بىر ئايال قاپىقىنى تۈرگىنچە ئولتۇراتتى . 
  ئەسكەرلەر ئۇنى تېزلىكتە قورشاپ ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگە بۇيرۇق قىلدى. چارلىز ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا قوماندانغا :
  كەچۈرۈڭ قوماندان ، گېپىڭىزگە قارشى چىقماي بولمىدى ، مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلسىڭىز مەيلى ، لېكىن خاپا بولماي ئايالىمغا كېچىچە مۇشۇ يەردە بولغانلىقىمنى ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز  - دىدى . 

(مەنبە:  قانۇنچىلق گېزىتى)


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=1218

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-04-10
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : تەرمىلەر
يوللانغان باھا : 0پارچە