جۇڭگو روسىيە ئېنىرگىيە سىياسىي ئويۇنى
روسىيە نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن ئەھدىنى بۇزىدۇ؟
جۇڭگو رەئىسى خۇجىنتاۋ 2011-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، روسىيەنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە «جۇڭگو روسىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېنىرگىيە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ» دېگەن قارىشىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى «يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇدىغان» لىقىنى جەزملەشتۈردى، بۇنىڭدا ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى.
بىراق ماكرولۇق دوستانە ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگو روسىيە ئېنىرگىيە ئويۇنى بىردە ئولغۇيۇپ بىردە پەسىيىپ تۇردى. 2011-يىلنىڭ بېىشىدا، «ئۇزۇن سىناقتىن ئۆتكەن» جۇڭگو روسىيە نېفىت تۇربا يولى ئاخىرى ئوڭۇشلۇق نېفىت ئۇزاتتى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، روسىيە شېركىتى جۇڭگو شېركىتىنى ئەرز قىلىپ، جۇڭگو نېفىت شېركىتىنىڭ روسىيە تەمىنلىگەن نېفىتكە «تۆلىگەن پۇلى يېتەرلىك ئەمەس» دەپ ئەيىبلەشكە تەييارلاندى، جۇڭگو تەرەپ خۇ جىنتاۋ روسىيەنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى بارلىق پۇللارنى تۆلەپ تۈگەتتى.
ئارقىدىنلا، تەبىئىي گاز توختامى تۈزۈش پىلانىمۇ قايتا-قايتا توختاپ قالدى. روسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تەبىئىي گاز كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋالېرى يازېف 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى موسكىۋادا تېلېۋىزىيە يىغىنى ئارقىلىق جۇڭگو-روسىيە تەبىئىي گاز سۆھبىتى مەسىلىسىدە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ھەر مىڭ كۇب مېتىرى 235 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھانىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى تېلېۋىزىيە يىغىنىدا:«جۇڭگو تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ سەۋىيىسى تېخى خەلقئارا بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك ئەمەس» لىكىنى ئېيتتى، ئەپسۇس سۆھبەت سىياسىي باياناتقا تۆھپە قوشالمىدى، خۇ جىنتاۋ روسىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، تەبىئىي گاز توختامى يەنىلا ھاسىل قىلىنمىدى.
جۇڭگو روسىيە نېفىت تۇربا يولى قۇرۇلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە سىياسىيسىدا سوققان مەنپەئەت چوتىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگو روسىيە نېفىت تۇربا يولى ئۇدا ئون نەچچە يىل سۆرىلىپ كەتتى، خەلقئارا جامائەتچىلىك تۇربا يولى سۆھبىتى ناھايىتى چىگىش بولۇپ كەتتى دەپ قارىدى، ئەمما ئىككى تەرەپ نەچچە يىلدىن بۇيان ئايرىلالمىدى ھەم ۋاز كەچمىدى. نىمىلا بولمىسۇن ھەمكارلىقتا پايدا چىقىدىغان بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ قولىدىكى كوزىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ئەڭ زور پەيدا تېگىدىغان دەرىجىدە سودىلاشسىلا بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى باشلانغان. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نېفىت ئېھتىياجى ئاشتى، بولۇپمۇ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. ھەل قىلغۇچ نېفىت لىنىيىسى، مەسىلەن ئوتتۇرا شەرقتىن مېڭىپ مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان دېڭىز يولى يىراق، بۇ يولنى كونترول قىلغىلى بولماسلىقتەك ئامىللار نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئىشەنچىلىك ئېنىرگىيە مەنبەسى بولالمىدى، شۇڭا جۇڭگو روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇقىم نېفىت-تەبىئىي گاز ئۇزۇتۇش يولىغا ئېرىشىش ئۈمىدىدە بولدى. روسىيە بىلەن نېفىت تۇربا يولى تۈرىنى ئاكىتىپ سۆھبەتلەشتى ھەمدە روسىيەنىڭ ئېنىرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتتى. خۇددى جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورگىنى روسىيە بۆلىمىنىڭ باشلىقى فېڭ يۈجۈن (冯玉军) :«روسىيەدىن كەلگەن مۇقىم نېفىت ئارقىلىق تولۇقلاشلا جۇڭگو مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېگەندەك ئىدى.
بىراق، بۇ چاغدا نېفىت باھاسى ئۇدا ئۆسۈپ، روسىيە سودا سوممىسى تېخىمۇ زور ھەم قولايلىق بولغان ياۋروپا بازىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. يەنە كېلىپ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلەرمۇ روسىيەگە زەيتۇن شېخى سۇندى. جۇڭگو، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيەلەرنىڭ نېفىت تالىشىشى بىلەن روسىيەنىڭ كوزىرى كۈچەيدى، ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشىش كويىدا بولغان روسىيە سېبىرىيە نېفىت ئۇزۇتۇش تۇربا يولى كۆپ تەرەپلىك ئوينىدا، باشتىن-ئاخىر سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلدى، ھەتتا جۇڭگو-روسىيە سۆھبىتى ئارقىغا سوزۇلۇپ ھەل بولمايۋاتقاندا، داڭلىق ئانگارسك (Angarsk)-داچىڭ لىنىيىسى (روسىيەنىڭ ئانگارسك نېفىتلىكىدىن جۇڭگونىڭ داچىڭ نېفىتلىكىگىچە بولغان نېفىت ئۇزۇتۇش لىنىيىسى) يوققا چىقايلا دەپ قالدى.
2008-يىلغا كەلگەندە ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش يۈز بەردى. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى، خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى روسىيە ئىقتىسادىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زەربىگە ئۇچراتتى. نېفىت-تەبىئىي گاز شېركەتلىرىنىڭ مەبلىغى زىيادە قىسلىشىپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگومۇ پەندىنپەي تېخىمۇ كۆپ خىلاشقان چەتئەل نېفىت- تەبىئىي گاز تەمىنلەش يوللىرىغا ئېرىشتى.
جۇڭگو-قازاقىستان نېفىت تۇربا يولى 2009-يىلى رەسىمىي نېفىت ئۇزاتتى، بۇ چاغدا جۇڭگو ئالدىن-كەينى بولۇپ غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب، دېڭىز يولى قاتارلىق ئۈچ چوڭ نېفىت-تەبىئىي گاز ئىستراتىگىيىلىك يولىنى ئاچتى. 2009-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو قازاقىستانغا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز تەمىنلەش بەدىلىگە قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى نېفىتلىكنى ئېچىش توختامىغا ئېرىشتى، بۇ جۇڭگونىڭ كۆپ خىلاشقان نېفىت مەنبەسىگە ئېرىشىشتە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن روسىيە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى ھەمدە 2009-يىلى «نېفىتقا قەرز پۇلى ئالماشتۇرۇش» كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو 2011-يىلدىن 2030-يىلغىچە روسىيەدىن 300 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىدۇ. روسىيە نېفىت شېركىتى ۋە روسىيە نېفىت تۇربىسى ترانسىپورت شېركىتى جۇڭگو دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزگە ئېرىشتى. 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز روسىيە نېفىت شېركىتى ۋە روسىيە نېفىت تۇربىسى ترانسىپورت شېركىتىنىڭ جىددىي تەلىپىنى قاندۇراتتى.
ئەمما، 2011-يىلى رەسىمىي نېفىت تەمىنلەش باشلانغاندا، ئىككى تەرەپ يەنە كېلىشەلمەي قالدى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق زىددىيەت يەنىلا باھانى بېكىتىش مېخانىزىمىدا تۇرۇپ قالدى. بىرىنچى نېفىت تەمىنلەش باھاسى ئۆلچىمى بىردەك ئەمەس، ئىككىنچىدىن توشۇش ھەققى مەسىلىسى ئىدى. روسىيەنىڭ قارىشىچە، جۇڭگوغا تەمىنلەيدىغان نېفىتنىڭ باھاسىنى، توشۇش ھەققىنى ھېسابلاشتا تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى كوزىمىنوۋ پورتىغا قەدەر ھېسابلاش كېرەك ئىكەن، جۇڭگو بولسا پەقەت جۇڭگو لىنىيىسىنىڭ باشلنىش نۇقتىسىدىن سكوۋودورىنوغىچە ھېسابلاش كېرەك دەپ قارىغان.
نېفىت تۇربىسى نېفىت ئۇزۇتۇشنى باشلىغانلىقتىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلەتكۈدەك كوزى كۆپ قالمىغان ئىدى. روسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى ۋاستىسى نېفىت تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاشتۇر. جۇڭگو ئۇكرائىناغا ئوخشاش روسىيەنىڭ نېفىت مەنبەسىگە تايانمىغاچقا، تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاشتەك بۇ كونا ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك. روسىيەنىڭ مەلۇم مەبلەغ سېلىش شېركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگوغا نېفىت ئۇزۇتۇشنى ئۈزۈپ تاشلاش روسىيە نېفىت شېركىتىنىڭ شەرقىي سىبىرىيە نېفىتلىك تۈرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. نېفىت ترانسىپورت شېركىتى نېفىت تۇربا يولىنى قۇرۇش ئۈچۈن زور مىقدارغا مەبلەغ سالغان بولۇپ، نېفىت تەمىنلەشنى ئۈزۈپ تاشلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىكەن.
جۇڭگونىڭ قارىشىچە، جۇڭگو روسىيەگە نېفىت سېتىۋېلىشتىكى ئالدىن تاپشۇرىدىغان قىسىمىنى بېرىپ بولغان ھەمدە قەرز بەرگەن، ئەگەر جۇڭگو يول قويۇشنى رەت قىلسا، زور زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا جۇڭگو ئىكەن.
يەنە بىر تەرەپ، روسىيەمۇ باشقا ھەمكارلىشىدىغان تەرەپلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. مەسىلەن، روسىيە نېفىت شېركىتى جۇڭگو نېفىت شېركىتى بىلەن بىرلىشىپ مەبلەش سېلىپ، شەرق ئېنىرگىيە شېركىتى رامكىسى ئىچىدە ماگادان تۈرىنى بىرلىكتە ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەن. جۇڭگو بىلەن تالاش-تارتىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، روسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە نېفىت شېركىتى ياپونىيە شېركىتىنى ماگادان نېفىتلىكى ۋە شەرقىي سىبىرىيە نېفىتلىكىنى ئېچىشقا قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلغان.
ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى ئېنىقسىز ئامىللار
نېفىت تۇربا يولى پەقەت جۇڭگو روسىيەنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىخچاملانغان كۆرۈنىشىنى نامايەن قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو بىلەن روسىيە تېخىمۇ كەڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.
روسىيەنىڭ نېفىت مەنبەسىنى باشقۇرۇشقا مەسئول مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېچىن:«روسىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو شېركەتلىرىنىڭ روسىيە نېفىت-گاز پېيىنى شەخسىيلەشتۈرۈش مۇساپىسىغا قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ. روسىيە ھۆكۈمىتى شەخسىيلەشتۈرۈش رامكىسى ئىچىدە روسىيە دۆلەتلىك نېفىت شېركىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇپ تۇرغان %85 پېيىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرىدە ئازلىتىشنى پىلانلىدى» دېگەن. بىراق، مۇنداق ئىپادە كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۇدا ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنپەئەت ئويۇنىدىن سىرت، روسىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتىگىيسى تەپەككۇرىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ بەردى، بۇرۇلۇش ياساۋاتقان روسىيە ئېنىرگىيە قورالىنى مۇھىم دېپلوماتىيە قورالى قىلماقتا.
روسىيە ھۆكۈمىتى ئېنىرگىيە باشلامچى كارخانىلىرىنى كونترول قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چەتئەل شېركەتلىرىگە، بولۇپمۇ جۇڭگو نېفىت شېركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە شېركىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنىشى روشەن بولغان شېركەتلەرگە روسىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت گاز شېركەتلىرى ياكى نېفىتلىكلىرىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى بېرىشنى خالىمايدۇ. مەسىلەن، 2002-يىلى 12-ئايدا روسىيە نېفىت كەسپىنى شەخسلەشتۈرۈشكە سودىگەر چاقىرىشتا، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى روسىيە سىلاۋىك نېفىتىنىڭ پېيىنى كونترول قىلماقچى بولغاندا، روسىيە دائىرلىرى جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ سودىگەر چاقىرىشقا قاتنىشىشنى چەكلىدى.
بۇرۇلۇش ياساۋاتقان روسىيەنىڭ ئالاھىدە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بار. روسىيە جۇڭگو-روسىيە ھەمكارلىقىغا قارىتا بىر قاتار قانۇن ماددىلىرىنى چىقاردى، بۇ ماددىلارنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرىنى جۇڭگو خادىملىرى ئىنچىكە تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت مەھكىمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋەن چېڭسەي (万成才):«ئىستراتىگىيلىك كېلىشىمنىڭ ھاسىل بولىشى ئەڭ ئاخىرىدا ھەمكارلىق توختامىنىڭ ئىنچىكىلەشكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، كونكرېت توختام ماددىلىرىدا چوقۇم بىپەرۋالىق قىلىش ياكى ئەتراپلىق ئويلاشماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، بولۇپمۇ مۇنداق ئىككى دۆلەت سودا ئىستراتىگىيسى چوڭ مەسىلىسىدە شۇنداق قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن، بۇ قېتىمقى نېفىت تۇربا يولى باھا بېكىتىش ماجراسىدا، بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدى بىلەن باھا بېكىتىش مېخانىزىمىدا بىرلىك ھاسىل قىلالمىدى.
روسىيەنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن سىرت، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللار بار. روسىيە ئېنىرگىيە مىنىستېرلىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى مىروف:«روسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، بىرەسىمىي فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە ئوينىغان رولى رەسىمىي فۇنكىسىيىلىك تارماقلارغا قارىغاندا ئىزچىل تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. رەسىمىي رۇخسەتكە ئېرىشىش شەرتلىرى ۋە تەرتىپلىرى روسىيەنىڭ ھازىرقى قانۇنىدا رەسىمىي بېكىتىلمىگەن. چەتئەل شېركەتلىرى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندا، روسىيە ھۆكۈمىتى ھەمىشە ھەرخىل تەرتىپ مېخانىزىملىرى ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، قىسمەن روسىيەلىك زاتلار گۇماندا بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى روسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ روسىيەگە قاراتقان بايلىق تالان-تاراج قىلىشى دەپ قارىغان.
ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى «مەنپەئەت» نى ئاساس قىلغان
ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق ئورناتقان جۇڭگو بىلەن روسىيە يېقىنقى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى، يەر شارىۋى زاپاس پۇل قۇرۇشنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ كەلدى. كىشىلەر ئىختىيارسىز ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە بولدى، نېمىشقا ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىدا مەسىلە شۇنچە كۆپ دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىدى. قەدىمكىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بويىچە ئېيتقاندا، قېرىنداش ئاكا-ئۇكىلارمۇ ھېساب-كىتابنى ئېنىق قىلىشى كېرەك، شۇندىلا كۆڭۈلدە غۇم قالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، روسىيە ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەنمۇ ھېساب-كىتابنى ئېنىق قىلىدۇ، مەسىلەن بېلوروسىيە ياكى ئۇكرائىنا بىلەن. مۇنداق قېرىنداشلىقمۇ جاۋاب قايتۇرۇشقا موھتاج، بۇ جاۋاب قايتۇرۇش دەل روسىيەنىڭ تېخىمۇ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولۇشتۇر. ھازىرقى ئۇكرائىنا پىرىزدېنتى يانۇكوۋىچ روسىيەگە مايىل رەھبەر دەپ قارىلىدۇ، تەختكە چىققاندىن كېيىن ياۋروپاغا يېقىنلىشىش يولىدا داۋاملىق ماڭدى ھەم روسىيەنى بىئارام قىلدى، چۈنكى روسىيە ئۇكرائىنانى روسىيە باشچىلىقىدىكى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا كىرىشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. مېدىۋىدېۋ:«ئەگەر ئۇكرائىنا روسىيەنى تاللىسا، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئورتاق ئىقتىسادىي بوشلۇق ۋە روسىيە-بېلوروسىيە-قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى رامكىسىدا ئورتاقلىق تاپمىقى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. بارلىق كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشۈنىشى كېرەك، بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئۇكرائىنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.
جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى نوقۇل ئەخلاقنىڭ باھانىسى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتى بار. بۇ يەردە مەنپەئەت يەنىلا باشلامچى، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور پايدىسىنى كۆزلەپ ئىش كۆرىدۇ. بۇ خىل ئەندىزە 60 يىل ئىلگىرىكى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، مەنپەئەت تەپسىلاتلىرى تېخىمۇ ئېنىق، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ، بىراق تېخىمۇ مۇھىمى «ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا» بولىدۇ.
دۆلەت قاتلىمىدا گەپ-سۆزلەر تېخىمۇ تۈز بولىۋاتىدۇ. 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لىيۇ تيېنەن (刘铁男) جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ئىستراتىگىيىلىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن جەھەتلەردە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بارلىقىنى كۆرسەتتى. «ئېنىرگىيە سۆھبىتى مەسىلىسىدە، بىز كىچىككىنە پايدىنى دەپ چوڭدىن قۇرۇق قالساق بولمايدۇ، ھەمكارلىشىش، بىرلىكتە غەلبە قىلىشلا بىزنىڭ ئورتاق قوغلىشىدىغان نىشانىمىز» دېگەن.
يېقىن كەلگۈسىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سۈركىلىشلەردىن ساقلىنىش يەنىلا تەس. بىراق، دەل جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى روسىيە-شەرقىي ياۋروپا-ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ نەنچۈەن (陆南泉) تەھلىل قىلىپ:«روسىيەنى زىيادە ئەتىۋارلاپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر روسىيە بىلەن بولغان ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى زور مەغلوبىيەتكە ئۇچرىسا، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما تۈپكى تەھدىت پەيدا قىلالمايدۇ، بەك مۇھىم بىلىپ كەتمەسلىك كېرەك» دېگىنىدەك ئىدى.
ھازىر، روسىيە تەبىئىي گاز شېركىتى ھەم غەربىي ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىشىشتا سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ، بۇ چاغدا جۇڭگو روسىيەنىڭ قولىدىكى كوزىرغا ئايلاندى. تۆۋەن باھا قويغان غەربىي ياۋروپاغا نىسبەتەن، روسىيە تەبىئىي گاز شېركىتىنىڭ مەسئولى:«ئەگەر ياۋروپا روسىيەنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇنداقتا بىز ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەمىنلەيمىز» دېگەن.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=738