www.../

ئىراننىڭ يادرو پىلانى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش پوپوزىسى

 

ئىراننىڭ يادرو پىلانى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش پوپوزىسى

ئاپتورى: يۈ شىيۈ (تەرجىمىدە: نەپرەت)

سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە، چىكاگو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ «يادرو ئالىملىرى جەمئىيىتى دوكلاتى» دا ئاتالمىش «قىيامەت كۈنى ۋاقتى» نى ئېلان قىلىندى ئىدى، يەنە قانچىلىك قالغانلىقى يېزىلغان بولۇپ، يەر شارى «يېرىم كېچە» سائەت 12 دە يادرو ئۇرۇشى سەۋەبلىك گۇمران بولىدىغانلىقى دېيىلگەن. بۇ ۋاقىت ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى تىركىشىشىدە، سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتۈشتەك خەتەرلىك پەيتكە يېتىپ بارغان. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھارپىسىدا، قىيامەتنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى سائەت 11:43 كە قايتىپ كەتتى، بىراق بۇ يىلنىڭ بېىشىدا يەنە سائەت 11:55 بولدى.

ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر مەيدان يادرو ئۇرۇشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالدى دەپ قارىمايدۇ. ئەمما، يۇقىرى دەرىجىدە يەرشارىلاشقان دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىسى يېڭى يىلدىن بۇيان بىر مەيدان يادرو ئۇرۇشىغا ئوخشايدىغان ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى-ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئالدىن قول سېلىپ بومباردىمان قىلىمىز دەپ توختىماي دارۋاڭ قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇنىڭ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى بۇ ئۇرۇش تەھدىتىنى كۆرسىتپ بەردى.

2011-يىلى كۈزدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ دېگەن خەۋەرلەر ئەدەپ كەتتى، 2012-يىلى كىرگەندىن بۇيان تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئاموس يادلىن (Amos Yadlin)

نىڭ «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى» ناملىق ئوبزورى نېتانياخۇنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشىغا باش تېما بېكىتىپ بەردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەشتە قانچىلىك ئەمەلىي ئۈنۈمى بارلىقىنى ۋاقتىنچە تەھلىل قىلمايمىز، ئەمما ئەڭ بىۋاستە ئاقىۋىتى يەر شارىنىڭ نېفىت باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كېتىدۇ. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شېركىتى يېقىندا ئېنىرگىيە بازىرىنىڭ قارىشىنى نەقىل قىلىپ: ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر تۇڭى 200 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى باھاسىنىڭ «چېكى يوق» دېگەن.

باشقا تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە: گەرچە ھورمۇز بوغۇزى قسىقا مۇددەتلىك قامال قىلىنسىمۇ، نېفىت باھاسىنىڭ 400 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ كېتىشىدە پۈتۈنلەي چاتاق يوق ئىكەن. يېقىنقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندىمۇ، ئىران يەنە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا يەرلىك شىئە مەزھىپىدىكى «5-كالوننا (ئارمىيە)» ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئاساسلىق نېفىت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نېفىت تەمىنلەش قىس بولۇشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن.

چېكىنىۋاتقان يەر شارى ئىقتىسادىغا نىسبەتەن، مۇنداق نېفىت كىرزىسىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن يادرو ئۇرۇشىنىڭ ئاپىتىنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس.

ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ 3 يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا قايتا گۈللىنىش بىخلىرى سۈردى، ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشتا غەلبە قىلىشىنى ئاشۇردى. ئەمما خەلقئارالىق نېفىت باھاسى دۆلەت ئىچىدە بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇم ماتىرىيالى بولۇپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنكى نېفىت كىرزىسى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئوبامانى باشقا بىر مەيدان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ، ئۇنىڭ قايتا تەختكە ئولتۇرۇش چوتىغا ئېغىر تەھدىت سالىدۇ.

ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىش كىرزىسىغا دۇچ كەلگەن ياۋروپاغا نەزەر سالساق، بولۇپمۇ شەخسەن ھالدا باش مىنىستىر نېتانياخۇنى «ئالدامچى» دەپ تىللايدىغان فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي ئىقتىسادىي چېكىنىش سەۋەبلىك پىرىزدېنتلىق ئورنىنى كەتكۈزۈپ قوياي دەۋاتىدۇ، شۇڭا ئىراننى جازالاش سېپىغا قېتىلمىسا بولمىدى، بولۇپمۇ ئىران نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىمىز دەپ دارۋاڭ قىلىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تاشلىدى. ياۋروپا جامائەت پىكىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا: بۇ ئىران يادرو ماجراسىنىڭ يامانلىشىپ ھەربىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلمىسا بولمايدىغان ھەرىكەت دەپ قارىدى.

يەھۇدىيلارنىڭ يەر شارىۋى تەسىرى تەڭداشسىزدۇر

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7 مىليون نوپۇسۇ بار، بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى 6 مىليونغا يەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ھاياتلىق تەھدىتى» نى باھانە قىلىپ، ئۆزىدىن 1000 ھەسسە ئارتۇق 7 مىليارد يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

بۇ چىڭگىزخان نەچچە يۈز مىڭ موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنى بىلەن ياۋروئاسىيانى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىن بۇيان، تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان دۇنياۋى تەسىر. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا قايىل بولۇشتىن سىرت، بۇ يەردىكى تارىخىي ئامىلنى چوقۇم كۆرۈپ يېتىش كېرەك.

بۇ يەرنىڭ كىلىماتى گەرچە ياۋروپا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسى چېكىنگەن بولسىمۇ يەنىلا خەلقئارالىق سىياسىيغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. ياۋروپا ئۇزۇن مۇددەت يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنقى ئەسىردە يەھۇدىيلارغا مىللىي يوقىتىش ئېلىپ بېرىش سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەگە قارىتا ئېغىر تارىخىي يۈك ۋە ئەخلاق مەسئولىيىتىنى يۈدۈپ كەلمەكتە.

باشقا بىر تەرەپتىن، يەھۇدىيلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە غايەت زور مۇۋاپىقىيەت قازانغان، يەنە كېلىپ ئامېرىكىنىڭ پۇل ھوقۇق سىياسىيسى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى، ئامېرىكىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان تەسىر كۈچى بار. ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن باشقا قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ، ھەتتا ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىراننى جازالاشتا ئارىسالدى بولۇشى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئەزەربەيجان ۋە ئىراقنىڭ كۇردىستان ئاپتونوم رايونىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىران يادرو پىلانىغا كەڭ كۆلەملىك بوزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئېلىپ باردى؛ يەنە ئىسلام دىنىكى مەزھەپلەر كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ۋاقتىلىق ئىتتىپاق قۇرۇپ (ئىسرائىلىيە گېزىتلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداشلىقىغا ئوخشىتىدۇ)، ئىراننىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تاشلىدى. ئەمما ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەدەت بېرىشىگە ئېرىشەلمىدى، «ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان» ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىدە قاتتىق شۈبھە بار.

ئىران يادرو ماجراسىنى ئاخىرىغىچە ئېيتقاندا، غەرب دۇنياسى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى يەككە تەرەپلىك ھەربىي ئۈستۈنلىكىنى، بولۇپمۇ يادرو مونوپوللىقىنى ساقلايدۇ.

بۇ يېقىنقى نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بولۇپمۇ سۇرىيە مالىمانچىلىقى ۋە سۈننىي شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ توقۇنىشىدىن قارىغاندا شۇنداق بولىدۇ. يىراقتىن قارىغاندا، بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام يادرو قورالىنىڭ پەيدا بولىشى «مۇقەررەر بولىدىغان ئىش». ھەتتا نۇرغۇن ئامېرىكا تەھلىلچىلىرىمۇ: ئىسرائىلىيە ئەگەر ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، ئەكسىچە بۇ مەنزىلنى تېزلەشتۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.

ئوباماغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىددىي ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە 11-ئايدىكى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش. بۇ نېتانياخۇنىڭ ئاق ساراي ئۇچرىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتا.

ئامېرىكدىكى ئاساسلىق ئاخباراتلارنىڭ ھەممىسى ئوبامانىڭ داۋاملىق «ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىش» نى تەكىتلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى، نېتانياخۇ ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋەزخانلىق تەشكىلاتى «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئاممىۋى ئىشلار كومىتېتى» دا سۆزلىگەن نۇتىقىدا «جەڭ دۇمبىقى» نى قاتتىق چالدى. («ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ سۈپەتلىشى). ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇش بۇ يىل پۈتكۈل دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىشى.

مەنبە: ئوكيان تورى


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=924

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-03-18
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : دۇنيا
يوللانغان باھا : 1پارچە

  1. بۇ ئىسرائىليىلىك يەھودىيلار ئىراننى يادرۇ قورالىغا ئىرىشۋالمىسۇن دەپ ئۆزلىرىنى باسالماي قاپتۇ-دە…