ئەرەب باھارى ئۈچۈن ھېساب-كىتاب
ئەرەب باھارى ئۈچۈن ھېساب-كىتاب
ئاپتورى: ۋاداھ خانفار (تەرجىمىدە: نەپرەت)
بۇلتۇر، مىسىر ۋە تۇنىستا يۈز بەرگەن ئىشلار لىڭشىپ قالغان كونا تەرتىپنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەرەب رايونى ئۈچۈن تەقەززا بولغىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان يېڭى دەۋرنى ئاچتى. ئەمما بۇ يېڭى دەۋرنىڭ زادى قانداقلىقى نۆۋەتتە يەنىلا كۆزىتىشقا توغرا كېلىدىغان مەسىلە، چۈنكى مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە.
يىمىرىلىشقا باشلىغان كونا تەرتىپ ئىلگىرىكى سىياسىي تۈزۈلمە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. مەزكۇر رايوندىكى پۈتكۈل قىممەت سىستېمىسى-مۇستەبىت تۈزۈلمە ياساپ چىققان سىياسىي مەدەنىيەتتە ھازىر بۇرۇلۇش بولماقتا. ئەرەبلەرنىڭ قېنىدا ئۇلارغا زورلاپ تېڭىلغان بىر خىل ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە زەئىپلىك ئاقماقتا، دەل بۇ ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە زەئىپلىك تۇيغۇسى ئۈمىدسىزلىك، نەپرەت، زوراۋانلىق ۋە يۇرتۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، تېخى ئاخىرلاشمىغان كۆپ يىل داۋاملىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بۇ بۇرۇلۇش، ئەمەلىيەتتە نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەگەر 2011-يىلدىكى پارتلاش بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئەرەبلەر يەنە بىر مۇستەبىت يىلنى ئۆتكۈزەتتى، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا ئېقىپ يۈرگىنىنىڭ كۆپىنچىسى پادىشاھلىقنىڭ ئەنئەنىۋى مەسىلىلىرى بولاتتى. بۇ ئادەتتىكى ئەرەبلەرنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ تاشلايتتى، ئۇلار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بېسىمدىن جاق تويدى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەمدە ئۇلارغا ئۇرۇق-تۇققان كاپىتالىستلار خەلقىنىڭ قان-تەرىنى داۋاملىق شوراپ كەلدى.
ئەرەب ئاخباراتلىرى پىرىنسىپسىز ھالدا مەزكۇر رايوندىكى پىرىزدېنت ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتىنى مەدھىيلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تەرەققىيات پىلانىنىڭ مېۋىسىنى تارتىۋالدى. مائارىپ داۋاملىق ئالغا باسالمايتتى، چۈنكى ئۇرۇق، قەبىلە ۋە دىننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ئەرەب جەمئىيىتىنى داۋاملىق بۆلۈپ تاشلىشى ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان قىساس ئېلىشىش ۋە زوراۋانلىققا يۈزلەندۈرەتتى. ھەر يىلى، نەچچە مىڭلىغان شىمالىي ئافرىقا ياشلىرى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا تەۋەككۇل قىلىپ، «ئۆلۈم كېمىسى» گە چىقىپ چەتئەللەردە خىزمەت ۋە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئىزدەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھايات قالغانلىرى ياۋروپانىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقراسى بولالايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى پەللىگە يېتىشى قەبىھ زىيانكەشلىك ۋە ۋەيران قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئەرەب ياشلىرى ئەرەب رايونىنىڭ تەغدىرىنى قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇلارنىڭ مەسئولىيەتچانلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزدى. كونا تۈزۈلمىگە قارشى تۇرغۇچىلار سوغاققان باتۇرلۇق بىلەن نامايىش قىلدى، ئوخشىمىغان قاراشلار ئادەۋەت ساقلىمىغان ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
ئەمەلىيەتتە، بىز ئىسلامىزمچىلار، ئەركىنلىك تەرەپدارلىرى ۋە سولچىللارنىڭ قاشىلىق كۆرسىتىش داۋامىدا بىر سەپتە تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. بىز مۇسۇلمانلار بىلەن كۇپت خىرىستىئانلىرىنىڭ قاھىرەدە ئۆز ئارا قوغداشقانلىقىنى كۆردۇق. يەمەندە، بىز يەرلىك قەبىلە كىشىلىرىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئايال تەۋەككۇل كارماننىڭ رەھبەرلىكىدە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى كۆردۇق. بىز يەنە ئەرەب ئاخباراتلىرىنىڭ پىشقان ھالدا دېموكراتىيە، ئاساسىي قانۇن ۋە ئىسلامنىڭ ھازىرقى زامان دۆلەتلەردىكى رولى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ئىلگىرىكىدەك ئۇنداق يالغان ئۇچۇر تارقاتمايدىغان، ئاشكارا تەشۋىقات قىلمايدىغان بولدى.
ئەمما بۇرۇلۇش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالسا بولمايدۇ. يېڭى كونا سىياسىي كۈچلەر سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، سىياسىيغا قاتنىشىشنىڭ نىزاملىرى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئۆز ئۆزىگە خوجا بولىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جەريانغا قاتناشمىغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ سىياسىي ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقايدۇ.
مەزكۇر رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئەرەب باھارىنى قارشى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ، دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى دۆلەتلەر ئىككىلىنىشنى توختىتىپ، ئېىنقىلابتىن كېيىن قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللىشى كېرەك. تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەرەب رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر پۈتكۈل رايوننىڭ ئىقتسادىي گۈللىنىشى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا پايدىلىق.
ھازىر، تۇنىس بىلەن مىسىر ئېغىر ئىقتىسادىي كىرزىسنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مەسىلەن، تۇنىستا ئىنقىلاب پارتلاشتىن ئىلگىرى 3 مىليون 600 مىڭ نوپۇسىدا 500 مىڭ ئادەم خىزمەت تاپالمىغان ئىدى، ھازىر بۇ سان ئۆرلەپ 700 مىڭغا يەتتى. يېقىنقى نەچچە ئايدا، 9 مىليارد كاپىتال مىسىردىن چىقىپ كەتتى. ئەمما، مىسىر باش مىنىستىرى گانزۇرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىسىرنىڭ ئەرەب «قېرىنداشلىرى» مىسىرغا 10 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز تەمىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، ئەمما 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى نەقلەشكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، 8 دۆلەت گۇرۇھى تۇنىس ۋە مىسىرغا ۋەدە قىلغان 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھازىرغىچە بىر سىنتمۇ نەقلەشمىدى. يەر شارىۋى ئىقتىسادى كىرزىس ئاستىدا، بۇ پۇلنىى ھېساۋاتىغا يېقىندا ئاغدۇرۇپ بېرىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك.
مەزكۇر رايوننىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن دېموكراتىيە تۈزۈلمىسى ئەرەب نۇسخىسىدىكى مارشال پىلانى-ئاساسىي ئەسلىھە، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك جەھەتلەردە كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشقا ھەمدە مەزكۇر رايوننىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە جىددىي ئھېتىياجلىق. مەزكۇر پىلان رايون ئىچىدىكى تاۋار ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىشچانلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك، بۇ نۇقتىنى ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودىنى چەكلەشتىكى مۇرەككەپ پروگىراممىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. رايونلۇق تەرەققىيات بانكىسى ۋە تەسىس قىلىش ھەمدە ئىسكەندەرىيەدىن راباتقىچە بولغان ئوتتۇرا دېڭىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇش بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش كۆز ئالدىمىزدىكى كىرزىسنى ھەل قىلالمايدۇ. مىسىر ۋە تۇنىس ئېھتىياجلىقى ھازىرقى پەيتتىكى قەرز ۋە مەبلەغ، يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلەر چەتئەللەردە قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ يېلىنىشقا مەجبۇر قىلىنسا بولمايدۇ. ئۆتمۈشتە، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىزچىل مىسىر ۋە تۇنىسنى قوللاپ كەلگەن. ھازىر، ئىككى دۆلەت ئەركىن بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىرگەندە، داۋاملىق قوللاش دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيىتى ۋە چوڭقۇرلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئەرەب ئاممىسىغا غەرب ۋە ھازىر ئاغدۇرۇپ تاشلانغان مۇستەبىت تۈزۈلمىنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئېنىق، ئەمما ئۇلار غەربتىن قىساس ئېلىش خاھىشىنى كۆرسىتىپ باقمىدى.
غەرب ئەرەب خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى قوبۇل قىلىشى، ئىنقىلابنىڭ تەسىرىنى كۆپتۈرۈپ تاشلىماسلىقى كېرەك. غەرب ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىسىنى چوقۇم قوللىشى كېرەك. ئەگەر ئەرەب باھارى دەسلەپتىلا مەغلۇپ بولسا، ئۇنداقتا نەتىجىسى غەربكە سادىق مۇستەبىت تۈزۈلمە ئەمەس بەلكى بارلىق كىشىلەرنى چىرمىۋالغان غەزەپ بۆھرانى بولىدۇ. دۇنيادا غايىنىڭ مەغلۇپ بولىشىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك ئىش يوق، بولۇپمۇ بۇ غايە يەنىلا ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى ئويغىتىپ تۇرۇۋاتقاندا شۇنداق بولىدۇ.
مەنبە: ئوكيان تورى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=934