ئۇرۇش يولىغا ماڭغان ئىران
ئاپتورى: جېشكا فىچېر
ياۋروپا ئۆزىدىكى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقاندا، دۇنيادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەر ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ سانسىزلىغان غەلىتە ۋاستىلارنى قانداق ئىشلىتىپ ياۋرونى قۇتقۇزۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقاندا، ئۇرۇش تۈتەكلىرى ئىراننى يەنە بىر قېتىم قاپلاشقا باشلىدى.
يېقىنقى يىلللاردا ئىران بىرلا ۋاقىتتا يادرو تۈرىنى ھەمدە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ ھەرىكەتلەر پەقەت: ئىران رەھبەرلىرى يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىش، ھېچ بولمىغاندا يادرو تېخنىكىسى بوسۇغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش قەستىدە بولىۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە پەقەت بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرسە، دەرھال يادرو قورالى ياساپ چىقالايدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
«يادرو كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويغان ئىرانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككىنچى مۇساپە لوگىكا جەھەتتىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەمەس. ئەمما ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي خالىشىغا بولغان گۇمانغا ھەقىقەتەن رەددىيە بەرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تۈرى پۇلنى ئىسراپ قىلغانغا باراۋەر. ئىران نۆۋەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان تېخنىكا خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان رېئاكتورغا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
ئەگەر يادرو قورالى ياساپ چىقماقچى دېسەك، ئۇنداقتا ئۇران قويۇلدۇرۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇران قويۇلدۇرۇش بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى چوقۇم باسىدىغان يول. بۇنىڭدىن سىرت، ئىران ئېغىر سۇ رېئاكتورى قۇرۇۋاتىدۇ، گەرچە ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئۈچۈن دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاتوم بومبىسى ياساشتا زۆرۈر بولىدىغان ئەسلىھە.
ئىران مەزكۇر تۈرنىڭ كۆپ قىسىم مەزمۇنىنى يوشۇرۇش قىلمىشى «يادرو كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى» غا خىلاپلىق قىلغانلىق. ئىران بىرلا ۋاقىتتا يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ، يادرو ئالىمى ۋە قاراڭغۇ بازار سودىگىرى دېگەن قوش سالاھىيەتكە ئىگە «پاكىستان يادرو بومبىسى ئاتىسى» ئابدۇللاھ قادىر خاندىن ئۇران قويۇلدۇرۇش تېخنىكىسى ۋە يادرو بومبىسى چېرتىيوژىنى سېتىۋالدى. ئىران نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ سودىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى، ئەمما لىۋىيە بىلەن غەربنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ئەگىشىپ پاكىستانلىقلارنىڭ سودا تورى ئاشكارىلاندى، ھەممە سىرلار خەلقى ئالەمگە ئايان بولدى.
يادرو قورالىغا ئىگە ( ياكى بىر سىياسىي قارار بىلەنلا ياساپ چىقالايدىغان) ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىستراتىگىيلىك تەڭپۇڭلىقىنى جىددىي ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ. ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت بولسا بىر مەيدان يادرو قوراللىرى مۇسابىقىسى داۋالغۇپ تىنجىمايۋاتقان بۇ رايونغا تەھدىت سالىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا «يادرو كېڭەيتمەسلىك ئەھدىنامىسى» نىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان يەرشارى ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.
ئەڭ چاتاق ئاقىۋەت بولسا يادرو قورالى ئىران 1979-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل قوغلىشىپ كېلىۋاتقان «ئىنقىلاب» ىي دېپلوماتىيە سىياسىتىگە بىر كۈچ قوشىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارشى دېپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن يادرو قورالى/باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بىرىكىشى ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن قاباھەتلىك چۈش بولۇپلا قالماي، ھەتتا يادرو قورالى يوق ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەنى خەۋپ-خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ھېس قىلغان ئىراندىن كەلگەن ئەمەلىي تەھدىت ئىسرائىلىيەدىن كەلگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ. ئەگەر ئىران يادرو ئوق بېشى ھەمدە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولىدىغان بولسا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئەھۋالىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
بارلىق سۆھبەت تىرىشچانلىقلىرى ئىزچىل ئۈنۈمسىز بولۇپ كەلدى، ئىران بۇرۇنقىدەكلا ئۇران قويۇلدۇرىۋەردى ھەمدە ئۆزىنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ياخشىلىدى. جازالاشنىڭ گەرچە ئۈنۈمى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئىراننىڭ ھوقۇق تەڭپۇڭلىقى ھالىتى ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولۇش ئالامەتلىرى يوق. شۇڭا بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ھەم كۆپ ۋاقىت قالمىدى: ئىراننىڭ قوشنىلىرى ھەمدە خەلقئارا جامائەت ئەڭ ئاخىرىدا قىسمەتلىك تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، يا ئىراننى يادرو كۈچلىرى سۈپىتىدە ئېتراپ قىلىدۇ، يا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك بولغان ئەمما ئەمەلىي بولغان تاللاش ئۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.
ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما ب د ت نىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىراننى يادرو كۈچلىرى سۈپىتىدە ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى. ئىسرائىلىيە ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئوخشاش مەيداندا.
2012-يىلى خېلى ھەل قىلغۇچ بىر يىل. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئەسكەرتىش بېرىپ، ئىران 9 ئاي ئىچىدە يادرو بوسوغۇسىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى، ئىران مەسىلىسىمۇ 2012-يىلى 12-ئايدىكى ئامېرىكا پىرىزدېنت سايلىمىغا بولغان مەزگىلدىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. ئوخشاشلا ھازىرقى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ پەندىنپەي يادرو كۈچلىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.
باشقا بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئارىلىشىشنى مۇزاكىرە قىلىش نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئېھتىمال ھاۋادىن زەربە بېرىشكە يىغىنچاقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۈنىمى ناھايىتى تۆۋەن. ھەر قايسى تەرەپلەر ھاۋادىن زەربە بېرىش ئىراننىڭ يادرو تۈرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلالايدىغانلىقىغا گۇماندا بولماقتا. ئەمەلىيەتتە، دۇنيادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ھەر قانداق شەكىلدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغان بولغاچقا، ھەربىيي ئارىلىشىش ئەكسىچە ئىراننىڭ يادرو بومبىسىغا ئىگە بولۇشتىكى دېپلوماتىيە توسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن.
بىز بۇ توقۇنۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ قانداق ئەھۋالغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىز. ئىران ئۆكتىچى كۈچلىرى غەربنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بوپ قالىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى «ئەرەب باھارى» ئىرانغا مەدەت بېرىدىغان كەڭ كۆلەملىك غەربكە قارشى دولقۇندا كۆمۈلۈپ قالىدۇ. ئەسلىدە ئۆزگىرىش ياساۋاتقان ئوتتۇرا شەرق قايتىدىن زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ۋەزىيىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇقەررەر زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
يادرو مەسىلىسى دۆلەت ئىچىدىكى تەرەپلەر كۈرىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بولغاچقا، مۇرەسسەلىشىش مەيدانىدا بولغان ھەر قانداق تەرەپ مەغلوبىيەتچى دەپ بېكىتىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە دېپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش لاھىيىسى ھاسىل قىلىش ئۈمىدى يوق دېيەرلىك. بۇنىڭدىن سىرت، ئىران رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ خېلى قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، جازالاش ياكى ھاۋادىن زەربە بېرىشلەر ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمەيدۇ.
تارىختىن قارىغاندا، ئۇلۇغۋار پىلان ۋە ئېغىر خاتا ھۆكۈملەر ھەمىشە ئاپەت يولىنى ئاچىدۇ. دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش لاھىيىسىنى (ياكى ھېچ بولمىغاندا دېپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق بىر مەزگىل كەينىگە سۆرەش) ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق ئېھتىماللىقلار 2012-يىلى قايتا يۈز بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خاتا ھۆكۈمى ئۇرۇش ياكى يادرو قورالى بولغان ئىرانغا (ئىككى خىل ئەھۋال تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى مۇمكىن) يول ئېچىشى مۇمكىن.
ئەمما بەختكە قارشى، بۇ دېپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش لاھىيىسى يىل ئىچىدە بارلىققا كېلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. ئامېرىكا ئىران بىلەن ھېچقانداق دېپلوماتىيە يولى قۇرمىغاچقا، تەشكىللەش، چاقىرىش ۋە يۇقىرى سەزگۈرلۈكتىكى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشلار ياۋروپانىڭ زېممىسىغا چۈشتى. ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز غېمىنىمۇ قىلالمايدىغان ئەھۋالى دەل ئىراننىڭ ئارزۇسىغا باپ كېلىدۇ.
ئاپتورى جىشكا فىچېر گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى قوشۇمچە دېپلوماتىيە مىنىستىرى (1998-2005 يىللىرى)، گېرمانىيە يېشىل پارتىيىسىدە 20 يىلغا يېقىن رەھبەر بولغان. مەنبە: ئوكىيان ( تەرجىمىدە:نەپرەت )
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=382