www.../

خىزمەت بېسىمى ئېغىر كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەر

ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر. بەدەننىڭ كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى ئازراق ئىشقارغا مايىل بولىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كەتسە مېتاپولىزىم تەسىرگە ئۇچرايدۇ – دە، ئوكسىگېننىڭ بەدەندە ئايلىنىشى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندە ھارغىنلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا يېڭى مېۋە – چېۋە، كۆكتات، سۈت، قېتىق قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەندە كىسلاتالانىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ۋىتامىنلار. بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولسا، ئورگانىزىملارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چارچاش، زېھنى قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا خىزمەت بېسىمى ئېغىر كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن تولۇقلاپ بەرسە، چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان تۇخۇم، بېلىق، گۆش، سۈت ۋە ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر. بەدەندە ئېنېرگىيەنىڭ سەرپ قىلىنىشى زىيادە بولۇپ كەتسە، ئاسانلا ھارغىنلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تۇخۇم، گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن ئىشلەنگەن بەدەننى يېتەرلىق ۋە ئۇزاق مەزگىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.
قايناق سۇنى كۆپ ئىچىش لازىم. ئادەم بەدىنىدە سۇ ئازلاپ كەتسە ياكى خورىشى تېز بولۇپ كەتسە، بەدەندە سۇسىزلىنىش كۆرۈلۈپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئۇيقۇ باسىدۇ ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسە بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، روھنى ئورغىتىپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ياڭاق. ياڭاقنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولى چوڭ بولۇپ، ئەتىگەن ناشتىلىقتا ياكى چارچىغاندا ياڭاق يەپ بەرسە ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئازراق ياڭاق يېسە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
ئۇلانما ئادرىس: ../?p=261

تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارمۇ قالتىس يازمىلار ...

ۋاقتى : 2012-02-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە : ئەينەك
يوللانغان باھا : 0پارچە