سىز ماشىنا سېتىۋالغاندا قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > تاماششا >

سىز ماشىنا سېتىۋالغاندا قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1425   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 19-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ماشىنا بازىرى كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان كۈزلۈك ھوسۇل دەۋرىگە كىردى. بۇ سېتىش ئاۋات پەسىلىگە يۈزلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنى ئامال بار بالدۇرراق ئورۇنداش ئۈچۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن ماشىنا شىركەتلىرى ۋە سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى يېقىنقى مەزگىلدە سېتىشنى تېزلىتىش ۋە ئېتىبار بېرىش كۈچىنى چوڭايىتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېزلا يىتىپ كېلىدىغان 1-ئۆكتەبىر دەم ئېلىشقا قارىتا ھازىر ماشىنا سېتىۋېلىپ ساياھەتكە چىقىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىستىمالچىلار پۇرسەت كۈتىۋاتىدۇ. ئەمما بەزى ئىستىمالچىلار ماشىنا باھاسى قايتا چۈشۈپ كەتسىمۇ زاۋۇتلار يەنە كۆپ پۇل تاپالمايدۇ دەپ ھېس قىلدى؟ 

ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تۆۋەندە بىر ماشىنىنىڭ تەننەرخ تەقسىماتىنى بىرلىكتە ھېسابلاپ باقايلى، ئەڭ ئاخىرىدا زادى كىمنىڭ ئەڭ كۆپ تاپىدىغانلىقىنى بىلىمىز.

 

 

1. سېتىش باھاسى 100 مىڭ يۈەنلىك پىكاپنى مىسال قىلايلى

ئاۋال تەننەرخ قۇرۇلمىسى ئەڭ ئاددى بولغان ئۆز-ئۆزىگە خوجا ماركىنى ھېسابلىساق، تەننەرخى: باج+زاۋۇت پايدىسى+4S دۇكان پايدىسى+ خام ماتىرىيال تەننەرخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مۇقىم تاپشۇرىدىغان %40  باجدىن سىرت، ناۋادا بۇ ماشىنىنى سېتىۋالسىڭىز، ئىستىمالچى يەنە ماشىنا باھاسىنىڭ %10 چىلىك سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرىدۇ، يەنى 10 مىڭ يۈەن. 

 

 

يىغىنچاقلىغاندا، 100 مىڭ يۈەنلىك ئۆز-ئۆزىگە خوجا ماركىدىكى ماشىنىنى سېتىۋالغاندا، ئىستىمالچى 110 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ بۇ ماشىنىنى سېتىۋالىدا، جەمئىي 50 مىڭ يۈەن باج تاپشۇرىدۇ، ئەكىسچە زاۋۇت، سېتىش شىركىتى قاتارلىقلار 60 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشىدۇ. 

 

2. سېتىش باھاسى 200 مىڭ يۈەنلىك ھەمكارلىق شىركەت پىكاپىنى مىسال قىلايلى

باھاسى 200 مىڭ يۈەنلىك ھەمكارلىق شىركەت ماركىسىدىكى ماشىنىنى ھېسابلىساق، ھەمكارلىق شىركەت ماركىسى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە خوجا ماركىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئورنى دەل جۇڭگو تەرەپ چەتئەل تەرەپكە تاپشۇرىدىغان تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلى، ئوخشىمايدىغان ماركىدىكى ماشىنا تىپىنىڭ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئوخشىمايدۇ، بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ماشىنا باھاسىنىڭ %5 دىن %10 گىچە ئىكەن. 

 

يىغىنچاقلىغاندا، سېتىش باھاسى 200 مىڭ يۈەنلىك ھەمكارلىق شىركەت ماركىسىنى سېتىۋالغاندا، ئىستىمالچى %10 لىك سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرىدۇ، جەمئىي 220 مىڭ يۈەنگە بۇ ماشىنىنى سېتىۋالىدۇ، جەمئىي 100 مىڭ يۈەن باج تاپشۇرىدۇ، ئەكىسچە زاۋۇت، سېتىش شىركىتى قاتارلىقلار 120 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشىدۇ. 

 

3. سېتىش باھاسى بىر مىلىيون يۈەنلىك ئېمپورت ماشىنىنى مىسال قىلايلى

باھاسى بىر مىلىيون يۈەنلىك ئېمپورت ماشىنىنى ھېسابلىساق، ئېمپورت ماشىنا بىلەن ھەمكارلىق شىركەت ماركىسى ئوخشىشىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى يوق، ئەمما باجنى ئۆستۈرگەن. بۇندىن سىرت، ناۋادا بۇ خىل ماشىنىنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 4.0 دىن يۇقىرى بولسا %40 لىك ئىستىمال بېجى تاپشۇرىدۇ.

 

يىغىنچاقلىغاندا، تاپشۇرىدىغان باج تەخمىنەن %145 نى ئىگەللەيدۇ، يەنى بىر مىلىيون يۈەنلىك ئېمپورت ماشىنىنىڭ بېجى تەخمىنەن 1.450 مىلىيون يۈەن، يەنە ئىستىمالچى سېتىۋېلىش بېجى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، باھاسى بىر مىلىيون يۈەنلىك ئېمپورت ماشىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئومۇمى باھاسى 3 مىلىيون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ.

ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان ماركا، ئوخشىمىغان گاز چىقىرىش مىقدارى، ئوخشىمىغان ماشىنا تىپىنىڭ كونكىرت باج چىقىمى، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ياكى سېتىش شىركىتىنىڭ پايدىسى كۆپ پەرقلىنىدۇ، يۇقىرىدىكى ھېسابلاش ئومۇمى ئەھۋالنى ئاساس قىلىپ ھېسابلانغان.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2