«ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» نىڭ سېرىئالى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، باش رولچى ئالمىشىدۇ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > تاماششا >

«ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» نىڭ سېرىئالى سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، باش رولچى ئالمىشىدۇ

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 2201   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-11-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 mtime تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ يىل 2-ئايدا، «ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» نىڭ باش رولچىسى رۇنىي مارا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ سېرىئالى ئىشلەنمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان كىنو مەستانىلىرىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى. ئەمما يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سونىي بۇرۇنقىدەكلا بۇ فىلىمنىڭ سېرىئالىنى داۋاملىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرگەن، پەقەت فىلىمنىڭ باش رولچىسى ئالىشىيا ۋىكاندېرغا ئالمىشىشى مۇمكىن، ئەكىسچە ئالدىنقى بۆلۈمىنىڭ رېژىسسورى دەيۋىد فىشېرمۇ قايتا رېژىسسورلۇق قىلمايدۇ. 

 

 

 

سونىينىڭ ئىلگىرىكى پىلانى بولسا شىۋىتسىيەلىك يازغۇچى ستېيىگ لارسون «مىڭ يىل» تىرىلوگىيەسىنىڭ تەرتىپى بويىچە، «The Girl Who Played with Fire» «ئوت ئوينايدىغان قىز» نى داۋاملىق ئىشلەش، ئەمما ھازىرقى پىلاندا ئۆزگىرىش بولدى، «ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» نىڭ كېيىنكى سېرىئالى دەيۋىد لاگېركرانىس (David Lagercrantz) نىڭ «مىڭ يىل» تىرىلوگىيەسىنىڭ داۋامى «ئۆمۈچۈك تورىدىكى قىز» غا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىدىغان فىلىم، «ئوت ئوينايدىغان قىز» ئۈچىنچى بۆلۈمگە تەڭشەلدى. 

 

نۆۋەتتىكى ئەھۋال بولسا، رۇنىي مارا داۋاملىق فىلىمنىڭ سېرىئالىدا رول ئالمايدۇ، رېژىسسور دەيۋىد فىشېر ۋە باشقا بىر باش رولچى دەنىل كرەيىگنىڭمۇ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد يوق. سونىي تەرەپ ئالىشىيا ۋىكاندېرنى بۇ فىلىمدا رول ئېلىشقا تاللىدى، سىنارىت ستېۋېن نايىت («Locke» نىڭ سىنارىيەسىنى يازغان) ھازىر «ئۆمۈچۈك تورىدىكى قىز» نىڭ سىنارىيەسىنى يېزىۋاتىدۇ. تارقالغان خەۋەردە، فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى سكوت رۇدىن ۋە ئەممى پاسكار ئىككىلىسى ئالىشىيا ۋىكاندىرنىڭ مەستانىسى، شۇڭا ئالىشىيا ۋىكاندىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بۇ فىلىمدا رولغا چىقىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ دېيىلگەن. 

 

ئىگەللىنىشىچە، «ئۆمۈچۈك تورىدىكى قىز» نىڭ خامچوتى «ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» دىن تۆۋەن بولىدىكەن، كېيىنكىسىنىڭ خامچوتى 90 مىلىيون دوللار ئەتىراپىدا بولغان، ئەمما سونىي «ئەجدىھار چەكمىلىك قىز» نىڭ 230 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمىدىن ئىنتايىن رازى ئەمەس. دەيۋىد فىشېرمۇ بۇندىن ئىلگىرى «گەرچە سونىي تۇنجى بۆلۈمىنىڭ بېلەت كىرىمىدىن رازى بولمىسىمۇ، ئەمما نەچچە مىلىيون دوللار خەجلەپ كىتابنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزگەرتىپ سىنارىيەلەشتۈردى، سېرىئالى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.» دېگەن.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2