يېڭى نۇسخىدىكى «مومىيا» ئارتىس تاللاۋاتىدۇ، مومىيا ئايال ئارتىس بولۇشى مۇمكىن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > تاماششا >

يېڭى نۇسخىدىكى «مومىيا» ئارتىس تاللاۋاتىدۇ، مومىيا ئايال ئارتىس بولۇشى مۇمكىن

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 4756   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 17-10-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 يەر شارى كىنوچىلىقى سۈرەتكە ئېلىشقا مەبلەغ سالغان يېڭى نۇسخىدىكى «مومىيا» فىلىمى پات ئارىدا ئارتىس تاللاشنى باشلايدۇ، ئىگەللىنىشىچە بۇ قېتىملىق ئارتىش تاللاشنىڭ شەرتى بىرقەدەر ئوچۇق بولۇپ، فىلىمنىڭ ئاساسلىق رولچىسى مومىيانىڭ خاراكتىرى چەكلەنمەيدىكەن، ئارتىسنىڭ خاراكتىرىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن، ھەم مومىيانىڭ رولى ئايال كىشى بولىشىمۇ مۇمكىنكەن. يېڭى نۇسخىدىكى فىلىمگە ئالېكىس كۇزمان رېژىسسورلۇق قىلىدۇ، (ئىلگىرى «ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا»، «ئەندېرنىڭ ئويۇنى» ۋە «پىلانىتلار ئارا ئۇچۇش» نى سىنارىيەلەشتۈرگەن)، سىنارىيەنى كۇزمان «Prometheus» نىڭ سىنارىستى جون سپەيىس (Jon Spaihts) بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىدۇ.

 

 

يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ 1932-يىللىق ۋە 1999-يىللىق نۇسخىدىكى «مومىيا» دا، باش رولچى مومىيا ئەر ئىدى، ئايرىم-ئايرىم بورىس كارلوف ۋە ئارنولىد فوس رولغا چىققان. ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېڭى نۇسخا فىلىمنىڭ ۋەقەلىك ئارقا كۆرۈنىشى ھازىرقى زامانغا بېكىتىلىدىكەن، مومىياغا رول تاللاشمۇ كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە تاماملىنىدىكەن، نۆۋەتتە فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ ئايال نۇسخىسىدىكى مومىيا ۋە ئەر نۇسخىسىدىكى مومىيا ئىككى نۇسخا ھېكايە لىنىيەسىگە تەييارلىق قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان ئارتىسنىڭ جىنسىغا ئاساسەن ۋەقەلىك نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى بېكىتىدۇ.

 

بۇندىن ئىلگىرى بەزى خەۋەر يېڭى نۇسخا فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئاشكارلانغان، فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئىراق جەڭ مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەتىرىتىنىڭ ئەزاسى تايلور ئىراقتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىپ بىر توپ تېرورچىلارنى ئىزدەيدۇ. لىكىن ئۇلار بىر سىرلىق قەبرە ئىچىدە تېرورچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ غەلىتە ئۆلگەنلىكىنى بايقايدۇ. تايلور ۋە ئەتىرەت ئەزالىرى قەدىمى قەبرىنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ، مالمانچىلىق ئىچىدە قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت تايلور بىر ئادەملا ھايات قالىدۇ ھەمدە بىلىپ-بىلمەيلا (Ashurbanipal) ئاشۇربانىپال شاھ دەپ ئاتىلىدىغان مومىيانى قويىۋېتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە بۇ سىنارىيە ۋەقەلىكىنىڭ تەپسىلاتى ئورگان تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمىدى. 

يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى پىلانىغا ئاساسەن، «مومىيا» يەرشارى كىنوچىلىقىنىڭ قايتا سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغان تۇنجى كلاسسىك غەلىتە مەخلۇق يۈرۈشلۈك فىلىمى. كېيىنكى قەدەمدە يەرشارى كىنوچىلىقى بەلكىم «قان شورىغۇچى دراكۇلا»، «فرانكېنستايىن»، «كۆرۈنمەس ئادەم»، «قان شورىغۇچى ئوۋچى فان خېلسىڭ» قاتارلىق كلاسسىك غەلىتە مەخلۇق رولىنى قايتىدىن چوڭ ئېكرانغا يۆتكەپ كېلىشى ھەم بىر تۈرلۈك «مارۋېل ئالەم كىنوسى» غا ئوخشاش «غەلىتە مەخلۇق ئالەم كىنوسى» قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن.

يېڭى نۇسخىدىكى «مومىيا» 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى شىمالى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2