
جاڭ دوڭجيەن، 1972-يىلى 7- مارتتا كورىيە سىئولنىڭ لۇڭشەن رايونىدا تۇغۇلغان، كورىيە ئارتىسى. 1992-يىلى كورىيە MBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 21-قەرەللىك ئارتىس تەربىيىلەش سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 1993-يىلى جاڭ دوڭجيەن MBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بىزنىڭ جەننەت» تە رول ئېلىپ ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان. 2000-يىلى «ئايال باش دىكتورغا ئاشىق بولدۇم» فىلىمىدە يىن شاڭزىنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ فىلىم كورىيەدە AGB كۆرۈلۈش نىسبىتىگە يەتكەن، جاڭ دوڭجيەنمۇ بۇ فىلىم بىلەن مەستانىسىنى كۆپەيتىپ، كورىيەدە داڭق چىقىرىپ كەتكەن، كورىيەدە ئۇنى «كورىيەدىكى ئەڭ كېلىشكەن ئەر» دەپ ئاتىشىدۇ.

2001-يىلى «دوست» فىلىمىدىكى رولى بىلەن 22- نۆۋەتلىك كورىيە ئەجدىھا فىلىمى تەسىر كۈچى بار چولپان مۇكاپاتىغا ۋە 46-نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان كىنو مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس بولۇپ باھالانغان. ئۇ 1999-يىلى گاۋ شىياۋيىڭ بىلەن «شامالغا ئاشىق بولدۇم، مۇھەببەتكە ئاشىق بولدۇم» فىلىمىدە گاۋ شياۋيىڭ بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا مۇھەببەتلەشكەن. ئۇ گاۋ شياۋيىڭ بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ جىن شىشەن، شېن يىنخې، سۇڭ خۇيچياۋ قاتارلىق داڭلىق ئايال ئارتىسلار بىلەن مىش-مىش پارىڭى تارقالغان بولۇپ، مەيلى نام-ئاتاقتا بولسۇن ياكى چىرايدا بولسۇن ھەممىسى گاۋ شياۋيىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار «شامالغا ئاشىق بولدۇم، مۇھەببەتكە ئاشىق بولدۇم» فىلىمىدە ھەمكارلاشقاندىن كېيىن 10 يىل ئاغىنىدەك ئۆتكەن، بۇ ھېسياتنىڭ ئورنىنى ئادەتتىكى ئادەملەر ئالالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گاۋ شياۋيىڭ ئىقتىسادچىل، ئۆي تۇتۇشقا ئېپى بار، مەيلى ئەقلىي ۋە ھېسسىي جەھەتتە بولسۇن ئەرلەر بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ سەۋرچان، ئېرىنىڭ كەينىدىكى ئۇنى قوللايدىغان ئايال بولۇشنى خالايدۇ، نۇرغۇن ئايال چولپانلار بۇنداق قىلالمايدۇ. «كورىيە ئارتىسلىرى ئىچىدىكى بىر جۈپلەر» جاڭ دوڭجيەن بىلەن گاۋ شياۋيىڭ 2010-يىلى 2 – مايدا سىئولدىكى شىنلو مېھمانسارىيىدا توي قىلدى.

ئەرلەر ئاياللارنى تاللىغاندا ئۇنىڭ چىرايىغىلا ئەمەس ئىچكى دۇنياسى ۋە پەزىلىتىگە قاراش كېرەك. تۇرمۇشتا ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان ئايالنى قەدىرلەش كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايالغا بولسۇن نىكاھ مۇقەددەستۇر، بەختلىك نىكاھ ھەممىدىن مۇھىم.


