ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى-سىتاللون (تولۇق ئىسمى مايكول سىلۋېستېر گاردېنزىيو سىتاللون) 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى بىر كەمبەغەلللەر رايونىدا، بىر ساخاۋەت فوندى قارىمىقىدىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان. ئەينى چاغدا سىتالىننىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇتى قىيىن بولۇپ قالغاچقا، دوخـتۇرلار ئوپىراتسىيە قىلىش جەريانىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ، سىتاللوننىڭ سول يۈز موسكۇلى پارالىچ ھالدا تۇغۇلغان.
1957-يىلى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن سىتاللون ئاتىسى بىلەن تۆت يىل بىللە تۇرغان، 15 يېشىغا كەلگەندە ئانىسى بىلەن بىللە فلودېلفىيە شەھەر ئەتراپىدىكى بىر رايونغا كۆچۈپ بارغان ھەمدە شۇ يەردىكى بىر كاتولىك دىنى جەمىيىتىگە قاراشلىق بىر شەخس ئىگىلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇغان.كېيىن ئۇ بىر ياشلار قۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ -دېۋىررۇكىس مانور ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان، ئۇ بۇ جەرياندا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، چويۇن توپ ۋە پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرىنى مەشىق قىلغان، مەكتەپ پۈتتۈرگەندە «ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئانولد.شىۋاسىنگىر تەنتەربىيە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. كېيىنچە ئۇ شىۋىتسارىيەگە بېرىپ شۇ يەردە تەنھەرىكەت تۈرلىرى بويىچە مەشقاۋۇل بولغان.
1969-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ مىئامى ئۇنۋېرسىتىتىغا كىرىپ دىراما كەسپىدە ئوقۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىنو ئارتىسلىق ھاياتى باشلانغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك فىلىملىرىدىن«روككىي»،«بىرىنچى تامچە قان»،«پىدائىيلار» قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆپلىگەن ياشلارنىڭ چوقۇنغۇچىسىغا ئايلانغان.