-
2011-09-14
بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
بىزگە كېرەك يەنە مۇھەببەت
ئابدۇرەشىد مۇھەممەد ئىمىن
كۆل بويىدا تەنھالىق ئېغىر،
سىردىشىمەن پەقەت خىيالەن.
ئاي كەلمىگەن ئاسمىنىم ناخۇش،
ۋاراقلايمەن قەلبىمنى تىرەن.
-
2011-09-11
ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى _1 - [رەشىد ماقالىلىرى]
ئەدەبىياتىمىزدا ياشلار جۇلاسى
- ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا «80-يىللىقلار»نىڭ ئومۇمىي ئىجادىيەت ئەھۋالى توغرىسىدا دەسلەپكى بايان
-
2011-05-23
ئەسلىمە - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئەسلىمە
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مېنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن،
چۈشۈمگە كەلگەن،
يېراقتا قالغان ئۈرۈكزار باغلار.
نە گۈزەل ئىدى شۇ شېرىنلىك،
يامغۇردىن كېيىن جۇلالاپ تۇرغان
شاخ ئارىسىدىن
نازۇك مېۋىگە قول سوزغان چاغلار.
-
2011-05-21
سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
سەن گويا جاللاتقا ئايلاندىڭ ئەركەم
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
بىر نەپەس توختىماي ئۆتتۈڭ يېنىمدىن،
نىگاھلار شۇنچىلىك سوغۇق شۇقەدەر.
-
2011-05-12
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئالدىمدىن بىر پەسىل نازلىنىپ ئۆتتۈڭ،
نەۋباھار شامىلى سۆيدى ئاشۇ دەم.
بىخ ياردى سۆيگۈمنىڭ ئەتىرگۈللىرى،
ياپراقلار مەڭزىنى يۇيۇپ زىل شەبنەم.
-
2011-04-16
ھايات تىترەپ كەلمەكتە تۈندىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
-
2011-04-15
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
كوچىلار تەنھالىق لىق تولغان ئېقىن،
شۇنچىلىك بىمەززە قاراش ئۆزگىگە.
خىيالىم بېغىدا تامچە شەبنەم مەن،
سەن خۇشبۇي گۈلۈمنىڭ يارقىن بەرگىدە.
-
2011-04-03
ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ھايات گۈلشەنىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىزلار
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
قار – مۇزلار ئېرىپ، باھارنىڭ ھېدى دىماغلارغا ئۇرۇلۇپ، زېمىندىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان، ئىللىق قۇياش نۇرى كۆڭۈللەرنى ئىللىتىپ تۇرغان مۇشۇ كۆكلەم ئايلىرىدا، مېھىر – مۇھەببەتلىك بىر كوچىغا ئاياقلىرىمنى بۇراپ، ھاياتىمغا ئاجايىپ بىر مەنىلىك ئىزنى سالدىم.
-
2011-03-07
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]
تەسەۋۋۇپنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئىسلامنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ بۇددىزىم ۋە ياكى باشقا دىنلاردىكى «زاھىد»لىق قاراشلىرىغا ئوخشىمايتى. ئىسىلامىيەتتىن ئاۋۋال ئىسلام تەسەۋۋۇپىغا ئوخشىغان پانتىزىملىق قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن تەسەۋۋۇپ پەيدا بولىشىدىنلا ئىسلام تەۋھىد ئەقىدىلىرىنى ۋە ئىسلام كالامى «قۇرئان»نى مەنبە قىلغان ئىدى.[1] ئۇنىڭ ئىددىيىۋى ئاساسلىرى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سۈننەتلىرى ۋە «قۇرئان»دىكى بىر قىسىم ئايەتلەر ئىدى
-
2011-03-07
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سوپىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتى
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
قىسقىچە مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتكە كىرىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىسلاملىشىشى، ئۇيغۇر ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى بولغان «قۇتادغۇبىلىك»تىكى ئودغۇرمىش ئوبرازىدا ئەكىس ئەتكەن سوپىستىك قاراشلار ۋە بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە كەلگەندە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە كۈچەيگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلاملىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ.
-
2011-03-02
ئىچىگە يېقىلىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ھالەتنى قانداق تەسۋىرلەش كېرەككىن؟ كېچىدەك قاپقارا ئۈمىدسىزلىك، كېچىدەك قاپقارا غەم، يەنە شۇ كېچىدەك قاپقارا خىياللار...
ھەئە، بۇ ئىلگىرىكى قاپقارا كۆز، قاپقارا قاش، قاپقارا قاشلارنىڭ ئورنىغا ئالماشقان يېڭى خىيالىي بوشلۇق.
-
2011-03-02
كېچەمگە كەلمەيسەن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مەن بىلىمەن سەن ئەمدى كېچەمگە كەلمەيسەن ئاي !!!
مېنى بۇ قارا كېچىلەر باغرىدا قارىغا ئايلانسۇن دېگەنسەنمۇ ھە ؟... ئايسىز قارا كېچىلەرنى ياقتۇرمايتىمغۇ مەن ؟؟؟
-
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى قەبرە ياساش ئادەتلىرى توغرىسىدا
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى
ئىنسانىيەت ئۇزۇن دەۋىرلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ھەر قايسى رايون، مىللەت، ياكى ئىجتىمائىي توپلار ئۆز ئالدىغا ئوخشىمىغان تۈرلۈك تۇرمۇش-ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگىچە بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بارا-بارا ئىنچىكىلىشىپ، قىلىپلىشىپ بىر ئومۇمىي توپنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئايلانغان.
-
2011-02-27
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھەر تۈن كېچە ئۇھسىنىش مېنىڭ،
ھەر تۈن كېچە تەنھالىق ماڭا.
شۇنچە گۈزەل ئاي، كېچە بېراق،
بارچە مىسرا يېزىلار ساڭا.
-
2011-02-27
خىيال كېچىسى - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ئاي نۇرىدا رەڭلەنگەن ياتاق،
ئاق ئىستەككە تويۇنغاندۇر لىق.
يار غېمىدە سوقار بىر يۈرەك،
خىياللارغا ئەسرار بوپ تاتلىق.
-
2011-02-25
چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
مەن يوق بەلكىم خۇش يانىڭىزدا،
ۋە يا يالغۇز ئۆي، خانىڭىزدا،
بىراق سىز سىز مېنىڭ ۋەتەنىم،
چىمەنلەردە مېنى ئۇنۇتماڭ.
-
2011-02-25
يوشۇرۇن سۆيگۈ - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
شاماللارغا ئېيتقان سۆزۈمنى،
ساڭا ئەسلا ئېيتمىدىم پەقەت.
يۈرۈگۈمدىن ياشلار ئاقسىمۇ،
ئۈمىد بەردى يەنە مۇھەببەت.
-
2011-02-23
نىگاھلاردا بىر مۇز يالتىرار - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چۈشلىرىمدىن ئۇزىدىڭ سەھەر،
ھايات يەنە قالدىغۇ بەتتام.
ۋىسال يەنە نېسىپ بولمىدى،
بەخت بۇندا چۇل-چۇل بولغان جام.
-
2011-02-23
ئۇھسىنىش - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
ھىجران ھۇۋلار ئىمكانلىرىمدا،
مەن بىتەلەي دەيمەن ئۆزۈمگە.
يىگىتلىگىم سۇ بولغان دەمدە،
ئىچىنىمەن بۇلاق كۆزۈمگە.
-
2011-01-11
چۈش ئۆرۈشنى بىلەمسەن گۈلۈم - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
چۈش ئۆرۈشنى بىلەمسەن گۈلۈم
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
چېچەكلەرنىڭ مەڭزىگە ساقىپ
ھېكايىلەر سۆزلەر زىل شەبنەم.
سۆيۈپ تۇرۇپ سېنىڭ مەڭزىگە،
ئۆلۈپتىمەن چۈشۈمدە ئەركەم.
شۇ دەم باھار ۋايىغا يېتىپ،
شېرىن قۇشلار قىلغانمىش خەندان.
ئۆلىمىمدە با...