ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-03

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(2) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(2)

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

    باشقا خەلقلەر، بولۇپمۇ رۇسلارنىڭ تارىخىي رومان تەجرىبىسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومانلارنىڭ ۋەقەلىك ئامبىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بەزىدە تارىخىي روماننىڭ يېتەرسىزلىكىگە ئايلىنىپ قالغان. رۇس تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تارىخىي رومان ئاپتورلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تەييار تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئاجايىپ - غارايىپلىقى ئارقىلىق يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ دۆۋىسى بولۇپ قالغان تارىخىي رومانلار بارلىققا كەلگەن. دان ئۇنگرىيانو ئۆز تەتقىقاتىنىڭ كىرىش سۆزىدە تارىخىي رومانلاردا ئوڭايلا پەيدا بولىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەنلىك توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق بىر ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن: »تارىخىي رومان بىر گۇمانلىق ژانىر. ئۇنىڭ نامى تارىخنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن پايدىلانغان، دائىم ئۆتكەن دەۋرگە تەۋە، ئاساسىي ئېقىندىن چەتنىگەن، ئىككى خىل پىروزا تەسۋىرىنى ئارىلاشتۇرغان بىر دۆۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەسەرلەر تەرىپىدىن بۇلغانغان... تارىخىي خاتىرە ئادەتتىكى يازغۇچىلارنى ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئۈچۈن تەييار قېلىپلارنى تەمىنلەيدىغان رەڭ بەرگۈچى كىتاب سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ« دەيدۇ. (»تارىخنى پىلانلاش«، 3 - بەت)ئوڭايلا سادىر بولىدىغان مۇشۇ خىل سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى رۇس ئەدەبىياتىدا دەسلەپتە تارىخىي روماننى ئىنكار قىلىدىغان بەزى قاراشلار بارلىققا كەلگەن. شۇنداق بىر خىل قاراش تارىخىي رومانچىلىق رۇسىيەدە مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان.
    1833-
    يىلى ئوسىپ سېنكوۋىسكىي تارىخىي رومانچىلىقنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مەن تارىخىي رومانلارنى ياقتۇرمايمەن. (بەلكى) ئەخلاقىي رومانلارنى ياقتۇرىمەن. بىر نىكاھسىز بالىنى قولۇمغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىمەن. قارىشىمچە، تارىخىي رومان ئائىلىسى ۋە قەبىلىسى يوق نىكاھسىز بالا. ئۇ تارىخ بىلەن بەدىئىي تەسەۋۋۇر سادىر قىلغان ئېغىر زىنانىڭ مەھسۇلى. مەن ئەخلاقىي رومانلارنىڭ ساپلىقىدا چىڭ تۇرىمەن، تارىخ ياكى تەسەۋۋۇرنىڭ قانۇنلۇق پەرزەنتى بىلەن ئالاقە باغلاشتا چىڭ تۇرىمەن، تارىخىي رومان... سەنئەتنىڭ ساختا شەكلى. راست ! ئۇ سەنئەتنىڭ ساختا شەكلى.« (»تارىخنى پىلانلاش«، 3 - بەت) ئۇنىڭ قارىشىچە، تارىخىي رومان بەدىئىي تەسەۋۋۇر بىلەن تارىخنىڭ نامۇۋاپىق بىرىكىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇغانلار ئاقىۋەتتە ياكى گاڭگىراپ ياكى ئادىشىپ قالىدۇ. بۇ قارىشىنى ئۇ مۇنداق ئىپادىلىگەن: »ئوقۇرمەن ھەر دائىم ھەقىقەت بىلەن توقۇلمىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن پەيدا بولغان بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن ئەنسىرەيدۇ. ھەر قەدەمدە ئاپتورنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەكچى بولىدۇ ھەمدە ھەر بىر قەدەمدە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرى ئۈستىدە قانداق ئويلىنىشنى بىلمەي قالىدۇ ۋە ياكى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن يازغۇچىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشىدۇ.« (»تارىخنى پىلانلاش«، 7 - بەت) ئۇ تارىخىي رومان ئاقىۋەتتە ياكى تارىخ ھەققىدە ھەقىقىي بىلىم بېرەلمەيدۇ ۋە ياكى يۇقىرى ئېستېتىك زوق بېرەلەيدىغان بەدىئىي ئەسەر بولۇپ چىقالمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنى ئوقۇغان كىشى تارىخ ياكى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ھېچقانداق تەسىراتقا ئىگە بولالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئەدەبىيات ھادىسىسىنى ئىنكار قىلىشى رۇس ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلار (مەسىلەن: »كاپىتان قىزى«، »ئۇرۇش ۋە تىنچلىق« ۋە »ھاجى مۇراد« قاتارلىقلار) تېخى بارلىققا كەلمىگەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان بەدىئىيلىكى تۆۋەن، پەقەتلا تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ قىزىقتۇرۇش كۈچى بىلەنلا پۇت تىرەپ تۇرغان تارىخىي رومانلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانىدى. مۇشۇ نۇقتىغا ماس ھالدا دان ئۇنگىرىيانو ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا رۇسىيە تارىخىي رومانچىلىقىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي رومانلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى، ئەمما ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكلىرىنىڭ (بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان) بىر قانچە ساناقلىق ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
    ھازىر تارىخىي رومانچىلىق بىر مەزگىلنى بېسىپ ئۆتۈپ، مۇنەۋۋەر كىلاسسىك نامايەندىلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تەنقىدچىسى خارولد بىلۇم تارىخىي روماننى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ "غەرب كىلاسسىكلىرى" ناملىق ئەسىرىدە بۇ خىل قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: "تارىخىي روماننىڭ قىممىتى مەڭگۈ تۆۋەن... بۇ تارماق ژانىر كىلاسسىك قاتارىغا كىرەلمەيدۇ ... تارىخ يېزىقچىلىقى ۋە بايان پىروزىچىلىقى ئايرىلىپ كەتتى ھەم بىزنىڭ تۇيغۇمىز ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە ماسلاشتۇرالمايدۇ." ("غەرب كىلاسسىكلىرى"، 12 - بەت) ئەگەر بىلۇمنىڭ قارىشى تارىخىي رومان ھادىسىسى دەسلەپتە بىخلىنىشقا باشلىغان مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا، بەلكىم قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بولاتتى. بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، مۇنەۋۋەر تارىخىي رومانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ قارىشىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېنكوۋىسكىي ۋە بىلۇم تارىخ بىلەن بەدىئىيلىك رومان شەكلىدە بىر يەردە ئۇچرىشالمايدۇ، تارىخىي روماننىڭ تەييار ۋەقەلىك زاپىسىنىڭ بولۇشى تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئۇلار تارىخىي روماننىڭ بەدىئىيلىككە زىت ئەمەسلىكى، يازغۇچىنىڭ تارىخقا مېخانىك ھالدا سادىق بولۇشىنىڭ روماننىڭ شەكلى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ھەم يەنە ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان.
    تەييار تارىخىي ۋەقەلەر قارىماققا تارىخىي رومان يازغۇچىلىرىنى مەلۇم ئارتۇقچىلىق ۋە قولايلىقلارغا ئېرىشتۈرگەندەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارىخىي روماننىڭ ئاپتورى تەييار تارىخىي ۋەقەلەر سەۋەبلىك تەييار ۋە قولايلىق ئىمتىيازلارغا ئېرىشمەستىن، بەلكى يەنە تەسۋىرلەۋاتقان ۋەقەلىكنىڭ زامان ۋە ماكان ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، خاس ھەم يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقى شۇ يەردىكى، ئەگەر تارىخىي رومان يازغۇچىسى تارىخىيلىق بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقالمايدۇ. ئىتالىيەنىڭ داڭلىق تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئالىسساندرو مانزونى مۇشۇ خىل قىيىنچىلىق توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "گەرچە بىز ئۇ (تارىخىي رومان) نىڭ تارىخ ۋە ئەپسانە چوقۇم تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىسى ياكى باغلىنىشىنى بەلگىلىيەلمەيمىز. قىسقىچە قىلغاندا، تارىخىي رومان قانائەتلىنەرلىك ھالدا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئەسەر ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىرى زىدىيەتلىك." ("تارىخنى پىلانلاش"، 4 - بەت) تارىخىي روماننىڭ مانزونى بۇ يەردە كۆزدە تۇتقان ئاساسلىرى بەدىئىيلىك ۋە تارىخىيلىق بولۇپ، ئۇ تارىخىي روماننىڭ بۇ ئاساسلىرىنى زىددىيەتلىك دەپ قارىغان. بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
    كۇلتۇر تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىخنى بەدىئىي تىلدا يېزىشتا موللا مۇسا سايرامى ئىنتايىن يۇقىرى بىر پەللىنى ياراتقان. ۋەقە - ھادىسىلەرگە بولغان سوغۇققانلىق ۋە ئوبيېكتىپلىق، تارىخىي ماتېرىياللارنى تاللاشتىكى تەنقىدىي پوزىتسىيە، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئارقىلىق ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي تىل قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلار سايرامىنىڭ تالانتى بىلەن قوشۇلۇپ "تارىخى ئەمىنىيە" ۋە "تارىخى ھەمىدىيە" قاتارلىق نامايەندە تارىخ ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەمما، سايرامىنىڭ بەدىئىي تىلى ئۇنىڭ تارىخنى ئۆز ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ئەينەن تەسۋىرلەش مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ تارىخنى بايان قىلىشتا ئىشلەتكەن تىلى بەدىئىي تەسۋىرنىڭ نامايەندىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىنى ھەرقانداق مەنىدىكى تارىخىي رومان دېيىشكە بولمايدۇ. تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن پېرسوناژ ھەم ۋەقەلەر بەزىدە ئۇنىڭ قارا يۇمۇرغا تولغان تىلى، ئۇنىڭ تەسۋىرلەۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن ساقلىغان ناھايىتى مۇۋاپىق ئارىلىقى ۋە ئارتۇقچە قىممەت ھۆكۈمى يۈرگۈزۈشتىن ساقلىنىشىدەك ئالاھىدىلىكلەر بىرىكىپ، ئۇنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىدە خۇددى مۇنەۋۋەر پىروزا ئەسەرلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان پارچە - پارچە بەدىئىي تەپسىلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەلۋەتتە بۇ تەپسىلاتلار روماننىڭ ئۆلچىمى بويىچە پارچە - پۇرات ھېسابلانسىمۇ، ئەمما تارىخ بايانچىلىقنىڭ مېتودى ۋە شەكلى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ياكى پارچە - پۇرات ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئاشۇ تەپسىلاتلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ ئورگانىك، ئىزچىل قىسىملىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭ تارىخنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، يەنى تارىخچى سۈپىتىدىكى موللا مۇسا سايرامىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى پىروزا ئەمەس، بەلكى تارىخ بايانچىلىقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
    بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، تارىختىكى پېرسوناژلار ۋە تارىخىي تەپسىلاتلار موللا مۇسا سايرامىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى بىلەن ئۇچراشقان پەيتلەردە ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي ئۈنۈم ھاسىل بولغان. ئەمما، تارىخ بايانچىلىقىنىڭ مېتودى ۋە شەكلى بۇ بەدىئىي تەپسىلاتلارنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما ئارقىلىق ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى ۋە رومان شەكلىدىكى بىر پۈتۈن بەدىئىي قۇرۇلمىنىڭ ئورگانىك قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ قالغان. موللا مۇسا سايرامىنىڭ مۇشۇ مېتودى سەۋەبىدىن، بىز شۇ دەۋر تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنىڭ كەم تېپىلىدىغان چىن ۋە بەدىئىي تەسۋىرىگە ئېرىشتۇق. موللا مۇسانىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى بىزنى تارىخىي روماننىڭ ئاتالمىش زىددىيەتلىك ئاساسلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، تارىخنى يۇقىرى ئىمكانىيەتتە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئادەم تارىخىي روماننى ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىق ياكى تارىخ بايانچىلىقىنى تاللايدۇ. چۈنكى، پىروزىنىڭ شەكىللىرىگە قارىغاندا تارىخچىلىقنىڭ مېتودى ئۇنى تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش، تارىخىي ۋەقە ۋە تەپسىلاتلارغا ئەڭ زور ئىمكانىيەتتە سادىق بولۇش مەقسىتىگە تېخىمۇ ئۇدۇل ۋە دەل يەتكۈزىدۇ. شۇڭا موللا مۇسا تارىخنى ئۆز قىياپىتىدە بايان قىلىش ئۈچۈن، گەرچە يېتەرلىك بەدىئىي ئىقتىدارى بولسىمۇ، بەدىئىي ئەدەبىيات شەكلىنى ئەمەس، بەلكى تارىخ بايانچىلىقىنى ئۆزىگە مېتود قىلغان. ئۇنىڭ بەدىئىي تىلىمۇ تارىخچىلىقنىڭ مېتودى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە قانات يايغان.
    يۇقىرىقى مۇنازىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا، ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس كوللىڭۋۇد تارىخچى بىلەن تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق توغرۇلۇق توختالغاندا ئۆزىنىڭ »تارىخ ئىدىيەسى« ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: » تارىخىيلىق ئۇقۇمىنىڭ قانچە غەلىتە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تارىخچى مەلۇم <تۇراقلىق> نۇقتىلار −− ئازدۇر - كۆپتۇر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتلار −− بىلەن ھەپىلىشىدۇ، مەنىلىك بىر سۈرەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تارىخچى بۇ نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ئۇ يازغۇچىغا يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىككىلىسى شۇ جەرياندا تەسەۋۋۇرىغا تايىنىدۇ. ئەمما ئۇلار شۇ نۇقتىدا پەرقلىنىدۇكى، تارىخچى ئۈچۈن بۇ نۇقتىلار ئىسپاتلانغان بولىدۇ، يازغۇچى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى يارىتىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئەدەبىياتچى <ھېچقانداق يەردە، ھېچقانداق ۋاقىتتا يۈز بەرمىگەن> ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. تارىخچى ياراتقان سۈرەت بولسا ۋاقىت ۋە بوشلۇققا ئورناشقان بولىدۇ." ("تارىخ ئىدىيەسى"، 642 - بەت) بىز يەنە سايرامىنىڭ ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. تارىخ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ناھايىتى بەدىئىي ھالدا ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاشۇ تارىخىي دەۋرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى تەسەۋۋۇرغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە تارىخىي يازمىلار ئاساسىدا قايتا سىزىپ چىققان. بەدىئىي ئەسەردىلا ئۇچرايدىغان پېرسوناژ ۋە ئايرىم - ئايرىم ۋەقەلىكلەرمۇ پاكىتلارغا ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تارىخ ئەسىرىنىڭ مۇھىم ۋە چىن تەپسىلاتلىرىدىندۇر. بۇ تەپسىلاتلار چىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەدىئىي ئۈنۈمگە زىت كېلىپ قالمىغان ۋە ياكى بەدىئىي بولغاچقا پاكىت ئاساسىنى يوقىتىپ قويمىغان.

    分享到: