-
2011-10-21
مۇھەممەد يۇسۇف:مەكتۇب - [تۈركىيلەر ئەدەبىياتى]
مۇھەممەد يۇسۇف (ئۆزبېكىستان):
مەكتۇب
سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،
جېنىم بەك قىينىلار سىزنى ئەسلىسەم.
گۈلدەك يۈزىڭىزنى سىيلار ئەمدى كىم،
مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!
بۇلۇتلار كۆك كېزەر كۈندە پىيادە،
قۇياشمۇ قىزىرىپ پاتىدۇ شۇنداق.
ئارمىنىم ئىكەنسىز يورۇق ئالەمدە،
سىزنى ئويلىماستىن ياشايمەن قانداق؟!
كۆڭلۈم ئايۋانىدا كۈز پۇشتەك چالار،
كۆزۈمدىن ياش بولۇپ ياغىدۇ ياپراق.
دوستلىرىم ـــ تەكەببۇر ئەدىب، شائىرلار،
ئۆزىنى سۆيىدۇ، يارىدىن كۆپراق.
كۈنلەرنىڭ قولىدا سۆيگۈ خەنجىرى،
باغرىمدا بىگۇناھ بىر گۈل سۇلىدۇ.
تايچاققا ئايلىنىپ گاھ كېچىلىرى،
تۇپراقتا ئېغىناپ ياتقۇم كېلىدۇ.
سۆيگىنىم، سۆيگىنىم ئاغرىيدۇ دىلىم،
دىلىم يامان ئاغرار سىزنى ئەسلىسەم.
سۇمبۇل چېچىڭىزنى سىلار ئەمدى كىم،
مېنى ئويلارسىزمۇ-يوقمۇ ئاشۇ دەم؟!
بىلمەيمەن، بىلىشنى خالىمايمەن ھەم،
بۇ پەلەك ماڭا بەخت نېسىب ئەتمەيدۇ.
يىللارغۇ ئۆتىدۇ، كۆزۈمدىن سەنەم
سىزنىڭ ئايدەك رۇخسارىڭىز كەتمەيدۇ.
دۇنيا ئامان بولسۇن، سىز بولۇڭ ئامان،
يار بولسۇن سىزگە چىن بەخت ۋە ئامەت.
لېكىن يار بىلىپ قويۇڭ، بىلىڭ سىز ھامان:
بىر ئۆمۈر ئۇنتالماس سىزنى مۇھەممەد.
«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلى 2011-يىللىق 9-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
شائىرنىڭ «مۇھەممەد يۇسۇف » ناملىق ئۆزبېكچە توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
收藏到:Del.icio.us
评论