ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-03-02

    قەشقەرگە قايتىش -3 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قەشقەرگە قايتىش -3

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

    بادام دوپپا

    مارجان دوپپا

    چىمەن دوپپا

    گىلەم دوپپا

    ئېنگىلىزلار بېشىدا كۈلەر،

    شىۋىتسىيە قىزلىرى سۆيەر.

    ئورخۇن ۋادىسىدىن

    ئۇچۇپ كەلگەن مەيىن شاماللار

    يوقلايدۇ قەشقەرنىڭ تۇپراقلىرىنى.

    يوقلىغاندەك

    ئوماي ئانا تۇپراق بېشىنى!

    پاخما باشلىق ئورۇس كونسۇلى،

    كۆز ئەينىكى ھورلاشقان گىرمان.

    شۈمەك يىغار

    ياپۇنلۇق ئايال.

    قۇرۇق بۆشۈك تەۋرىتەر خۇشال.

    دوللار ۋە ياۋرۇ

    مىسكەر، سازچى دۇككانلىرىدا،

    تاتلىققىنە كەتتى ئۇيقۇغا.

     

    بىكخام، رونالدۇ

    پالچى بۈگۈن قاشتېشى تىزىپ

    رەمباللىقنى ئۆگەندى كېچە

     

    ۋەخپە يەردە پۇتبۇل ئاۋازى

    ئاق ۋە قارا سېرىق تەنلىكلەر

    ئوخشاش تىلدا ئوخشاش ئاھاڭدا

    ئولۇمپىك ناخشىسىنى تولار تاڭغىچە.

     

    جېكسون

    توغۇلماقنى ئويلاپ قەشقەردە

    تۇغۇلالماي كەتتى چېقىلىپ.

     

    بەش تارانە

    ئون ئىككى ئاۋاز

    سۇجۇپ بىلەن كەلدى كۆسەندىن

    چەرچەن تۇغقان چولپان جان باشلاق

    "تىرىك بەدەن ئۆلچىمى"

    "جەسەت رەسىم نۇسقىسى"

    ياغار كۆكتىن پەرىشتە بولۇپ.

     

    پىرخۇمرا بوۋاي

     مەھمۇد كاشىغەرى

    جامالىدىن كاشىغەرى

    ئىسكەندەرنى چۆچۈتكەن تىلدا

    روھ چاچىدۇ ئانا تۇپراققا

    كۇماراجىۋا

    فارابى

    يۈسۈپ

    ساك، ئەنەتكەك، ئۇيغۇر تىلىدا

    يەر شارىنى ياسايدۇ قايتا.

    ۋاجىرا ۋازىك

    ئالتۇن كۆۋرۈك، ئون ئالتە ئارخات

    پىل باشلىق ئىلاھ

    زەنجىرىنى ئۇلاپ زىمىنغا

    كېرىم نەسىردىن

    غازى ئەھمەدنى

    پەلەك ئوردىسىغا قىلىدۇ تەكلىپ.

     

    سۇ-مۇز ئويۇنى

    مايتىرىنى باشلار ئۆڭكۈرگە

    ئازغان روھلارنى

    نىرۋان ئاتلىق يۈكسەك پەللىگە...

     

    يارباغ دەرۋازا-

    تۇتىشىدۇ ئەسكى ھىسارغا

    تۇتىشىدۇ  ئەنقاز شەھىرىگە

    تۇتىشىدۇ يولۋاس ئۈركىگەن

    تەختى ھونغا، خانئۆي شەھرىگە

     

    كەركە ساقال ھون ئەسكىرىدەك

    چىرايلاردا تۈنەيدۇ باھار.

     

    زەڭگەر كۆزلۈك ،

    قوي كۆزلۈك ئۆيلەر-

    قۇچاقلىشىپ تۇرار رەتمۇ رەت

    جەڭ قورغان-

    ئاق كەپتەرنىڭ ئۇۋىسى پىنھان.

     

    ئارتۇچ دەرىخى

    سايە تاشلار توقۇز ھۇجرىغا

    سايە تاشلار مورتوم يولىغا.

     

    جاڭ چىيەن تىنەپ ئۆتكەن قونالغۇ

    بەنچاۋ ئاتقا مىنگەشكەن قىيا

    شۈەنزاڭ دۇرت ئوقۇغان ئورمان

    يۈگرەپ چىقار يەل مۈڭگۈز قاۋان

    ئوغۇزخاننى ئەسلەيدۇ جاھان

    يەر يۈرىكىدە ئۇ تۈزگەن ئۇران...

     

    سۇتۇق بۇغرا، ئارسلان تېكىن

    ئۆز ئۆزىگە ياسىغان ھەيكەل

    تىترىتىدۇ زىمىننى، كۆكنى

    تۈمەن سەرۋاز ئات سالغان سەپەر.

    بار بۇ يەردە ئىمانلىق ئەركەك...

    قايرىپ قويسا چۈمبىلىنى ئاي

    ئۆز ئۆيىگە ئوت قويغان پەتەك...

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us