ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-03-02

    قەشقەرگە قايتىش-2 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قەشقەرگە قايتىش-2

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

    ھەزرەت سەيلىسى

    داشقازاندا قاينايدۇ جاھان

    ئەۋلىيالىق

    سوپىلارغا كۆرسىتەر ئارمان

     

    شەربەت كۆلى

    تۇتىشىدۇ مەككىگە بەلكىم

    تىڭشاپ ياتار ساناقسىز قەبرە

    يۈرىكىنى ئېلىپ قولىغا

     

    دىھقان بازىرى

    دۇنيا سىڭىپ كىتەر تىۋىشسىز...

     

    گۈزەر

    يوللار پاسىلى

    سېتىلىدۇ بۇيەردە سامان

    يىشىلىدۇ بۇيەردە گۇمان

    سامانلارغا ئارلاشقان ئىمان

    گۇمانلاردىن بىخ يارغان ئارمان...

    پەيزىۋاتنىڭ كۆكچى قوغۇنى

    پىيالمىنىڭ بودەك ئانارى

    ئىلىخونىڭ قىزدەك ئالمىسى

    تەسەللىدۇر ئەردەك ئەرلەرگە...

     

    ئانىسىنى سېغىنار باچكا

    تۈمەن كۆلنىڭ ساھىللىرىدا...

    ئانا بولار ئۇنىڭغا ئۈمىد

    تەنھا قالغان يالغۇز چاغلاردا

    يۆلەنچۈكسىز قالغان تاغلاردا

    مىۋىسى يوق غېرىب باغلاردا

    تاغلاردا

              باغلاردا

                        داغلاردا

    ئانام دەپ ياشايدۇ ئۈمىدنى قۇچقاچ

    ئاتام دەپ بىلىدۇ كۈتۈشنى قالغاچ!

     

    قۇم دەرۋازا

    توققۇز ئوغۇز ساكلىرى كۆيگەن

    توققۇزاقنىڭ رەيھان پۇرىقى

    ۋىچىرلىشىپ سەمەننى سۆيگەن

    پامىر تاغلىرى

    ئەفراسىياب قەسىمى بىلەن

    ئەڭ قەدىمى قەلئەنى ساقلار

    بۈركۈت ئۇچار تاغدىن تاغلارغا

    چۈشلەر ئۇچار باغدىن باغلارغا

     

    ئۆستەڭ بويى

    ئۈستى ئوچۇق مۇزيىدۇر، مۇزيى

    ئۇدۇن بىلەن خەننىڭ ئەلچىسى

    رىم پاپىسى، ھىندى پالچىىسى

    تارىمدىكى ئوتتۇز ئالتە خان

    تىڭشار مۇقام

    قاشتېشى قەدەھ

    كۈلۈمسىرەپ قارار دۇنياغا.

     

    ئىمىر ھۇسەيىن قازاخۇنۇم

    سەللىسىنى ئىلىپ قوزۇققا

    قەشقەر تارىخىنى يازار توختىماي:

    ئۇچار گىلەم سىھىرلىك چىراق،

    جاھاننامە كۆتۈرگەن قىزچاق،

    ساكيامونى چاي ئىچكەن راۋاق،

    ئاتىللاغا چېلىنغان دۇمباق،

    سەپ تۈزىدۇ كۆك تەڭرى ئۈچۈن.

     

    تۇغ باغلايدۇ ئاسماندىن يەرگە

    باخشىلارنىڭ باخشىسى

    ياخشىلارنىڭ ياخشسى

    بۇ زىمىنغا بەخت ياغسۇن دەپ،

    ئىقبال تىلەپ ئېقىتار كۆز ياش.

    بۇ تۇپراقتا ئۆتكەن تەڭرىلەر،

    تەڭرىلەرگە كۆنگەن بەندىلەر...

     

    كولدۇرمىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى

    چىكىپ ئۆتەر يۈرەك تارىنى

    كۆك ئاسماننىڭ

    قاپقارا يەرنىڭ...

    ئاسمىنىدا ئاي تەڭرى

    تاپىنىدا يەر تەڭرى

    يۆلەپ تۇرار ئىدى ھەر نەپەس،

    يافەس تاپقان شىر يۈرەك ئەرنى...

     

    تۆگە كارۋىنى

    مىڭ ئۆيلەردىن قاچقان راھىبە

    شىراق يۈرەك سالدۇرغان تۈگمەن

    توخرى، ئۇيسۇن، رونىك قىزلىرى

    ئوخشىمىغان تىل، شىۋە بىلەن

    ئوخشاپ قالار ئاخشامقى ئايغا.

    تۇغۇپ قويار ئاي گۈزەل رەسىم

    مەڭگۈلۈك بىر مۇقەددەس جايغا!

     

    خۇشپۇراقلىق چاي

    مۇقامچىغا مەيدۇر خۇشياققان.

    -ھەي، سەلەي چاققان

    چاي ئىچمەكتە ئەپەندىم تاغام

    چاقىرمامسەن موللازەيدىن

    ھېسامكامنىمۇ؟

    ئەنە قارا تاشۋايمۇ كەلدى

    قەشقەر راۋابىغا قوندۇرۇپ باھار...


    收藏到:Del.icio.us