ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-26

    تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى» - [تەۋسىيە كىتابلار]

    تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى»

     

    كىتاب ھەققىدە : - يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېروفىسسور زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى بوشلۇق بولغان كلاسسىك ئارۇز ئىلمىغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى «ئارۇز ئىلمى» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇشبۇ كىتاب مۇشۇ ساھەدىكى تۇنجى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدىنىش مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.

    تۆۋەندە تەۋسىيە بىلەن بىرگە كىتابتىكى كىرىش سۆز قىستۇرۇپ بېرىلدى.


    كىرىش سۆز

    ليۇ بىن
    (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،باش تەتقىقاتچى، دوكتۇر يېتەكچىسى)

     

       كۆز ئالدىمىزدىكى «ئارۇز ئىلمى» ناملىق بۇ مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى دۆلەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرىدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى پىروفېسسۇر زەمىر سەئدۇللازادە جۇڭگودىكى تاجىكلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى دوكتور بولۇپ، تاجىك تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق تىللارغا پىششىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمدۇر.
      
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارۇز ۋەزنى ناھايىتى ناتونۇش، غۇۋا بىر تېما. ئەرەب-پارس ئەدەبىياتىنى تولىمۇ ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بۇ توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. تەتقىقاتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، تىل، ماتېرىيال، تەرجىمە قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ قاتتىق بولغاچقا، ئىلگىرىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان تونۇشتۇرۇش ياكى بايان خاراكتېرلىك نەتىجىلەردىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. زەمىر سەئدۇللازادەنىڭ بۇ ئىلمىي ئەسىرى رايون، تىل، مەدەنىيەت ھالقىغان تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، نەزەرىيەلىرى ھەم ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، ھەم چوڭقۇر ئىلمىي ئانالىز ۋە پىكىرچانلىققا ئىگە. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇ ئەرەب-پارس قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىرى ۋە ۋەزنىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۆزگىرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئېچىپ بېرەلەيدىغان خېلى سالماققا ئىگە ئىلمىي ئەسەر. ئۇ دۆلىتمىزنىڭ شەرق ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئەھمىيىتىگە ۋە ئۈزلۈكسىز ئېچىش خاراكتېرلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تەتقىقات نەتىجىسىدۇر. ئىشىنىمىزكى، بۇ ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن ئەرەب-پارس مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىغا بولغان تونۇشمىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدۇ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
      
    جى شيەنلىن ئەپەندى ھايات چېغىدا بىر نەچچە قېتىم مۇنداق دېگەنىدى:«دۇنيادا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى چوڭ، تارىخى ئۇزۇن بولغان مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن پەقەت تۆتى بار. ئۇلار:جۇڭگو مەدەنىيەت سىستېمىسى، ھىندىستان مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئەرەب ئىسلام مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە يۇنان-رىم، غەربىي ياۋروپا مەدەنىيەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت. بۇ تۆت مەدەنىيەت سىستېمىسى ئۇچراشقان جاي پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭدۇر.»(«يىپەك يولىدىكى ئېلىم-سېتىم تارىخى تەتقىقاتى»، «مۇقەددىمە» 1990-يىلى 4-ئاي)
      
    مۇشۇنداق جۇغراپىيەلىك ئەۋزەل شارائىت ۋە تارىخىي ئامىللار سەۋەبىدىن ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان جۇڭگو شىنجاڭ ئىككى مىڭ نەچچە يىلدىن بېرى خىلمۇخىل مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدىغان سەھنىگە ئايلىنىپ، ئۆزگىچە شەكىل ۋە ئۇسلۇبقا ئىگە ھەرخىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. يىپەك يولى قەدىمكى دەۋردە پەقەت سودا يولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەرخىل ئىدىيە، مەدەنىيەتلەر ئالماشتۇرۇلىدىغان ۋە قوشۇلىدىغان يول ئىدى. قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ يىپەك يولىدىكى ئالمىشىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، نەتىجىسى مول، ئەھمىيىتى چوڭقۇردۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە مىسالدىن بىرى شۇكى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئەرەب ئەدەبىياتىدىكى «ئارۇز ۋەزىن سىستېمىسى» يىپەك يولىنى بويلاپ شەرققە تارقىلىپ، پارس ئەدەبىياتىنىڭ يېڭىلىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرى تەرىپىدىن تۈركىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، نەپىس، ئۆلمەس ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان شېئىرىي ۋەزىن سىستېمىسىغا ئايلانغانىدى. ئارۇز ۋەزنىدە نۇرغۇنلىغان بەھر شەكىللىرى بار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر شائىرلىرىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئىزچىل قوللىنىلماقتا. بۇ خىل بەھر شەكىللىرى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەردە شەكىللەنگەن «ئەركىن شېئىرلار» ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان پەيدا بولغان يېڭى شېئىرلار بىلەن ئورتاقلىققا ۋە ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارۇز سىستېمىسى جۇڭگو شىنجاڭدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا شىمالىي ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ «مۇقام» مۇزىكا سىستېمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، «مۇقام»نى مىللىيچە خاسلىققا، ئەدەبىيات بىلەن مۇزىكىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغان.
      
    جۇڭگو ئەدەبىيات ساھەسى ئەرەب-پارس ئەدەبىياتى بىلەن ناتونۇش ئەمەس. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا، ئەرەبلەرنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئەدەبىي ئەسىرى «مىڭ بىر كېچە»، كىلاسسىك پارس شائىرى ئۆمەر ھەييامنىڭ «رۇبائىيات» قاتارلىق ئەسەرلەر ئىلگىرى-كېيىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بىر ئەسىردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يېڭىلانغان تەرجىمە نۇسخىلىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشمەكتە. ئەمما، ئاز قىسىم كىشىلەرگىلا مەلۇمكى، قەدىمكى ئەرەب-پارس ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇنلىغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىش ياكى كۆچۈرۈلۈش ئارقىلىق ئېلىمىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشى خەنزۇ ئەدەبىياتىغا سىڭىپ كىرىشىدىن نەچچە ئەسىر بالدۇر بولغان. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، بۇ خىل ئەدەبىياتنىڭ تارقىلىشى تېما، ژانىر، ئۇسلۇب قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى مىللەت ئەدەبىياتىدا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان. يەنىمۇ ئازسانلىقلارغا مەلۇمكى، 900 نەچچە يىل مابەينىدە ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پارسلار ئارقىلىق ئەرەب ئەدەبىياتىدىن كىرگەن «تۈركىلەشكەن» ئارۇز ئىلمىگە رىئايە قىلغان. ئەگەر «مىڭ بىر كېچە»نى ئەرەب كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى بىر يۇقىرى پەللە يەنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى دېيىلسە، ئۇنداقتا، دوكتور زەمىر سەئدۇللازادە مەزكۇر ئەسىرىدە تەپسىلىي بايان ۋە تەتقىق قىلغان ۋە ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گۈللەنگەن دەۋرىدىكى شېئىرىيەت نەزەرىيەسىگە تەۋە بولغان ئارۇز ئىلمى ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەت ئىلمى ساھەسىدە دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان يەنە بىر تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
      
    تارىخىي تىلشۇناسلىقنىڭ نەسەب ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە قارىغاندا، ئەرەب-پارس تىلى بىلەن تۈركىي تىللارنىڭ ھېچقاندان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇنداقتا، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان تىل سىستېمىسى ۋە تىل ئائىلىسىدە تىپىك «تىل سەنئىتى» ھېسابلانغان شېئىرلار قانداق قىلىپ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئوخشاش بىر ۋەزىن سىستېمىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ كەلگەندۇ؟ ئارىلىقتا قانداق تارقىلىش، ئۆزگىرىش، قوبۇل قىلىش جەريانى مەۋجۇتتۇ؟ قانداق قانۇنىيەتلىك ئىلھام ۋە مەنىلەر يوشۇرۇنغاندۇ؟ بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەر دۇنيا ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا تەتقىقاتچىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان تېمىدۇر.
      
    ئارۇز نەزەرىيەسى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش ۋە قائىدىلىشىش جەريانىدا، ئەرەب كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى غايەت زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
      
    مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئارۇز نەزەرىيەسى پارس-تاجىك كىلاسسىك شېئىرىيىتىدە قوللىنىلىشقا باشلاپ، بىر قىسىم داڭلىق شائىرلار مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭدەك 600 يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش ئارقىلىق، پارس ئەدەبىياتىغا خاس بولغان «ئارۇز ۋەزنى نەزەرىيەسى» شەكىللەندى.
      
    مىلادىيە 11-ئەسىردىن باشلاپ ئارۇز نەزەرىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە قوللىنىلىشقا باشلاپ، ئېلىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى پەلسەپىۋى داستانلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەلىشىر نەۋايى ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم شائىرلارنىڭ پارلاق «چاغاتاي ئەدەبىياتى دەۋرى»نى يارىتىشىغا يول ئېچىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇنىڭدەك 500 ــ 600 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارۇز نەزەرىيەسى شەكىللەنگەن.
      
    پىروفېسسور زەمىر سەئدۇللازادە مەزكۇر ئەسەردە يۇقىرىقى ئۈچ خىل مۇناسىۋەتنىڭ جەريانىنى بايان قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن؛ ئارۇز ئىلمىنىڭ شەرققە تارقىلىش تارىخىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ئەمەلىي قوللىنىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا پۈتۈنلۈك ۋە ئايرىمىلىق بويىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن؛ ماتېرىياللارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئارۇز نەزەرىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ تىل گۇرۇپپىسىدا قوللىنىلغاندا ئىپادىلىگەن ئورتاقلىقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يىغىنچاقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەنئەنىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىچىلىكلىرىنى تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن پەرقلەندۈرگەن.
      
    ھازىرغا قەدەر خەلقئارا ئارۇز ئىلمى تەتقىقات ساھەسىدىكى(چەت ئەللەردە بەزىدە «ئارۇزشۇناسلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەتقىقاتلار ئاساسەن دېگۈدەك پەقەت ئۆز ئانا تىلىدىكى ئارۇز ۋەزنىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن ۋە ماتېرىيال چەكلىمىلىكىدىن ساقلىنالمىغان. زەمىر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى مۇشۇ ساھەدىكى يېڭىچە ئىلمىي كۆزىتىش نۇقتىسىنى ئاچقان، ماكرو، مېزو ۋە مىكرو تىپتىكى تەتقىقاتلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە بىر ئىلمىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن تۇنجى تەتقىقات مېۋىسى، شۇنداقلا كىشىلەر ئۈچۈن شەرق ئەدەبىياتىدىكى «ئارۇز ۋەزنى» ھادىسىسىنى تولۇق يۆنىلىشتە تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنىڭ يېڭى بىر تېمىسىغا قارىتا چوڭقۇرلاش ئېلىپ بارغان دېيىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىلگىرىكى بىرلا خىل تىلدىكى تەتقىقاتتىكى ئارۇز نەزەرىيەسىگە بولغان خاتا چۈشەنچە، خاتا ئوقۇش، ھەتتا يۈزەكى قاراشلارنىڭ تۈزىتىلىشىگە ياردىمى تېگىدۇ. كىتابنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ يېڭىچە ئىلمىي پىكىر ۋە ئىلمىي قىممىتىدە كۆرۈلىدۇ.
      
    مەزكۇر كىتابنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بولسا، ماتېرىياللىرى تەپسىلىي، ئېنىق، ئىشەنچلىك، بايانلىرى ئەستايىدىل، ئىستىلى ساغلام. ئاپتور باشقىلارغا قارىغاندا تىل ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ۋە زىيارەت جەريانلىرىدا كۆپ خىل تىلدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، يەنى پارس-تاجىكچە، يېقىن قەدىمكى چاغاتايچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە خەنزۇچە قاتارلىق تىللاردىكى نوپۇرلۇق، ئىشەنچلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم قول يازمىلارنىڭ ئەسلىي تېكىستىنى تولىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ چىققان. نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ، چۈشىنىش قىيىن بولغان كىلاسسىك شېئىرىي ئاتالغۇ، ئۇقۇم، ۋەزىن قائىدىلىرىنى ھازىرقى زامان تىلى بويىچە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، ئامىباب يوسۇندا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ، ئوقۇرمەن قىلچىمۇ چۈشىنىكسىزلىك ھېس قىلمايدۇ.
      
    پىروفېسسور زەمىر سەئدۇللازادە ئىلمىي تەتقىقاتتا ئېھتىياتچان، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئالىم. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا 20 نەچچە يىل بولدى. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئورنىغا تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپكى تەتقىقاتتا ئۆز بىلىمىنىڭ كەملىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان. ئارقىدىنلا، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇدەكى نامىدىكى تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى ۋە پەلسەپە تەتقىقات ئورنى، تاجىكىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇدا يەتتە يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1995-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا قايىل بولغان ھالدا:«سىز بەلكىم دۇنيادىكى ئوقۇش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ساناقلىقلا كىشىلەردىن بولۇشىڭىز مۇمكىن. باشلانغۇچتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە 26 يىل ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزدىڭىز» دېگەنىدىم. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە دوكتورلۇقنى نورمال ئەھۋالدا 20 يىلدا تاماملاشقا بولىدۇ. ئىلىم دەرياسىغا ئۈزلۈكسىز شۇڭغۇپ، جاپالىق ئوقۇغانلىقتىن، ئۇ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاندىن تۇرمۇش قۇرغان.
      
    مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، مېنى ھاياجانلاندۇرغىنى شۇكى، ئۇ تاجىكىستاندا ئوقۇپ ئىككى يىل بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە تاجىكىستان مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنى


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مۇشۇ كىتابنى نەشىردىن چىقىدىكەن، نەشىردىن چىقىپتۇ دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتىم. تەقەززا بولدۇم. ئەپسۇسكى بىزنىڭ بۇ يەردىكى كىتابخانىغا تېخىچە كەلمىدى.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复ئوۋچى说:
    قەشقەردىكى كىتابخانىلارغا كەپتۇ. مەن ئۇرۇمچىدە بىرنى سېتىۋىلىپ دوستۇمغا سوۋغا قىلىۋەتكەن. بۇ يەردىن ئالدىم.
    2012-01-30 23:57:51