-
2014-01-02
قىزىل مىڭئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى - [سەنئەت تەتقىقاتى]
قىزىل مىڭئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى
مۇھەممەت نىياز
قىزىل مىڭئۆي باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 67 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان . تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120 – يىللارنىڭ ئالدىداكۈسەن دۆلىتىدە بۇددا دىنىنىڭ «سەرۋاستى» (سانسىكىرتچە ھەممىدە مەۋجۇت دېگۈچىلەر) تەلىماتى ئەۋىج ئالغانىكەن . بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈسەن ئاھالىلىرى شۇ چاغلاردا بۇددىزمغا خاس ئىستىقامەت قىلىدىغان سورۇن - قىزىل مىڭئۆينى ياساشقا باشلىغانىكەن .
ھازىر قىزىل مىڭئۆيىدە 240تىن كۆپرەك ھوجرا بولۇپ ، بۇلار بىناكارلىق قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . بۇنىڭ بىر خىلى ، قەدىمكى زاماندا «چايتا» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇنداق ھوجرىلارنىڭ تۈۋرۈك ( قازغاندا قالدۇرۇپ قويۇلغان تەبىئىي تۈۋرۈك ) لىرى ، تۈۋرۈك ئەتراپىدا چىرايلىق ئايۋانلار بار . بۇ ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . يەنە بىر خىلى ، «ۋىخارا» دەپ ئاتىلىدىغان ھوجرىلار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا تۈۋرۈك يوق ، بەزىلىرى سوزۇنچاق ، بەزىلىرى تۆت چاسا ياسالغان . بۇنداق ھوجرىلار ئاساسەن ، ئېتىكاپخانا قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە لاھىيلىنىپ ياسالغان ۋە راھىبلارنىڭ يېتىپ - قوپۇشى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . چۆكمە جىنىسلاردىن ھاسىل بولغان ياداڭدا كېمىر ، گۈمبەز ياكى قەپەز شەكلىدە قېزىپ ياسالغان قىزىل مىڭئۆيلىرىنى ئەينى زاماندىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسى دىېيىشكە بولىدۇ . -
2010-09-26
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 12 ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﯩﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ - [سەنئەت تەتقىقاتى]
ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا نەۋائىينىڭ 1253 مىسرا شېئىر- غەزەل تېكىسىت قىلىنغان بولۇپ، مۇقام ئومۇى تېكىستىنىڭ 70% قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. ئوقۇرمەنلەر سەمىگەشۇنىڭدىن ئازغىنە بىرقىسمى تاللاندى.
<نەۋائىي دۇردانىلىرى>دىگەن كىتاپ... -
2010-09-25
ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا - [سەنئەت تەتقىقاتى]
ئۇيغۇر 12 مۇقامى
ئابدۇشكۈر مۇھەممەدئىمىن
ئون ئىككى مۇقامىنىڭ 1- باسقۇچى
يەنى ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 - ئەسىردىن تاكى قاراخانىيلار دەۋرىگىچە بولغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمىچىلىك دەۋرى . بۇ دەۋردە تەڭرىتاغ ، پامىر ، كوئېنلۇن ، قارا قۇر... -
ئۇيغۇر مۇقامى ‹‹دۇنيا غەيرى ماددى مەدىنيەت مىراسلىرى››قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن ،جەمىيەتتە بىردىن مۇقام قىزغىنلىقى قوزغالدى.مۇقا...
-
2010-06-07
ئۇيغۇر سەنئىتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە - [سەنئەت تەتقىقاتى]
ئۇيغۇرلار سەنئەت خۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا سەنئەت كەم بولسا بولمايدۇ. سەنئەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر تەرەپلىرىگە قەدەر سېڭىپ كەتكەن. ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، بىناكارلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق تۈر...