ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    قىزىل مىڭئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى - [سەنئەت تەتقىقاتى]

    قىزىل مىڭئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلما شەكلى

     

    مۇھەممەت نىياز


    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىدىقۇت ، يارغول ، كروران ۋە مىرەن قەدىمكى شەھىرى خارابىلىرى ، مەھمۇد  قەشقىرى  مەقبەرىسى ، باغراش كۆلى ، قاناس كۆلى ، سايرام كۆلى ، بۇغدا  كۆلى  قاتارلىق  گۈزەل مەنزىرە نۇقتىلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل  ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ، ساياھەتچىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل مىڭئۆيلىرى ئۆزگىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ، شۇنداقلا  ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
    قىزىل مىڭئۆي باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 67 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان . تارىخىي ماتېرىياللاردىن  قارىغاندا ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120 – يىللارنىڭ ئالدىداكۈسەن دۆلىتىدە بۇددا دىنىنىڭ «سەرۋاستى» (سانسىكىرتچە ھەممىدە مەۋجۇت دېگۈچىلەر) تەلىماتى ئەۋىج ئالغانىكەن . بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۈسەن ئاھالىلىرى شۇ چاغلاردا بۇددىزمغا خاس ئىستىقامەت قىلىدىغان سورۇن - قىزىل مىڭئۆينى ياساشقا باشلىغانىكەن .
    ھازىر قىزىل مىڭئۆيىدە 240تىن كۆپرەك ھوجرا بولۇپ ، بۇلار بىناكارلىق قۇرۇلما شەكلى جەھەتتىن ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ . بۇنىڭ بىر خىلى ، قەدىمكى زاماندا «چايتا» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۇنداق ھوجرىلارنىڭ تۈۋرۈك ( قازغاندا قالدۇرۇپ قويۇلغان تەبىئىي  تۈۋرۈك ) لىرى ، تۈۋرۈك ئەتراپىدا چىرايلىق ئايۋانلار بار . بۇ ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . يەنە بىر خىلى ، «ۋىخارا» دەپ ئاتىلىدىغان ھوجرىلار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا تۈۋرۈك  يوق ، بەزىلىرى سوزۇنچاق ، بەزىلىرى تۆت چاسا ياسالغان . بۇنداق ھوجرىلار ئاساسەن ، ئېتىكاپخانا قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە لاھىيلىنىپ ياسالغان ۋە راھىبلارنىڭ  يېتىپ - قوپۇشى  ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان . چۆكمە جىنىسلاردىن ھاسىل بولغان ياداڭدا كېمىر ، گۈمبەز ياكى قەپەز شەكلىدە قېزىپ ياسالغان قىزىل مىڭئۆيلىرىنى  ئەينى زاماندىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە نىسبەتەن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نەمۇنىسى دىېيىشكە بولىدۇ .
      قىزىل مىڭئۆينىڭ  قۇرۇلۇش شەكلى ۋە نەقىش – بېزەكلىرى تامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق سەنئىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىدا ئۆي – ئىمارەتلەرگە چىقىرىلىدىغان تەكچە ، مەرەبلەر ، ئۇدۇل مورىلىق ئوچاقلار ۋە باشقا شەكىل – نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى قىزىل مىڭئۆيلىرىدە ئىپادىسىنى تاپقان . بىز قەدىمكى زامان مىللىي بىناكارچىلىقىمىزنىڭ ئەڭ نادىر نەمۇنىسى ھېسابلىنىدىغان ، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتقان ھەم بىزگە ئالەمشۇمۇل پەخرىي غورۇر بەخىش ئەتكەن بۇ مەدەنىيەت ، تارىخ مىراسىنى ياخشى قوغدىشىمىز لازىم . 
    مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى» 2000 – يىلى8– ئاينىڭ 16– كۇنى

     

    分享到: