The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20170304054802/http://www.blogbus.com/azizturk-logs/246933036.html

ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    تاغ بار يەردە چوققا بار(8) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تاغ بار يەردە چوققا بار(8)

     

    (ئۆزبېكىستاندىكى نەۋايى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 566يىللىقتويى خاتىرىسى)

     

    ئاپتورى: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش

     مەنبە: تارىم 2011-يىل 1-سان

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    ئۆزبېكىستاندا مىللىي ئىستىقلال شاماللىرى سوقۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نەۋايىنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي بىساتى ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرى بولغان قۇرئان كەرىم، ھەدىس شەرىف ۋە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى بىلەن باغلاپ تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ نۆۋىتىدە شائىرنىڭ 20توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمى )بۇنىڭغا تۆت جىلدلىق »ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى« نى قوشقاندا جەمئىي 24توم( نىڭ ئىشلىنىشىگە سەۋەب بولغان ۋە بۇ غايەت خاسىيەتلىك ئىش ئاخىرقى قېتىم 1987- ~ 2004- يىلىغىچە روياپقا چىققان. ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەق−قۇلوف »زەنجىرلەن−گەن شىر قېشىدا«، »شېئىرىيەت روھىي مۇناسىۋەت« )1989- يىلى(، »ئەدەبىيات پەرزەنتلىرى« )1990- يىلى(، »تەسەۋۋۇپ ۋە شېئىرىيەت« )1991 - يىلى(؛ سەئىدبېك ھەسەنوف »نەۋايىنىڭ 17تۆھپىسى« )1991 - يىلى( قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن نەۋايىشۇناسلىقتىكى كۆپ يىللىق شۇراچە قامال ۋە تەپەككۇردىن ئازاد بولغانلىقىنى نامايان قىلسا، يەنە بىر تاماندىن شائىرنى ئۆز تارىخىي مۇھىتىغا قويۇپ، ئىجادىنى ئۆز ئەينى بويىچە تەتقىق قىلىدىغان ۋە سۆز ئىشلىتىشتىكى سەنئەتكارلىق تالانتىنى بەدىئىيلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ باھالايدىغان بىر قەدەر ساپ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئېستېتىكىسى شەكىللەندى. 1991 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغانلىقىغا 550يىل توشقان ئاشۇ كۈننى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ نەۋايى خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇنداق قوش تەنتەنىلىك تارىخىي شارائىتتا نەشر قىلىنغان »ئەلىشىر نەۋايى. غەزەللەر، شەرھلەر« ناملىق توپلامدىكى ئەركىن ۋاھىدوف، نەجمىدىن كامىلوف، مۇھەممەد ئەلى، جامال كامال كەبى ئىجادكارلار قەلىمىگە مەنسۇپ ماقالىلەر ئەنە شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. كېيىنكى يىللاردا مەھكەم ماھمۇدوف قاتارلىق ئالىملار ياراتقان »مەنىۋىيەت −− كامىللىق سائادىتى«، »ئىمان −− قەلب گۆھىرى«، »ئىشق، ئاشىق ۋە مەشۇق«، »ئەلىشىر نەۋايى ۋە نەقشىبەند« ھەم »نەۋايى ۋە ئىلاھىيەت« ماۋزۇلۇق كىتابلار نەۋايىشۇناسلىقتىكى »كۈن چۈشمىگەن تەرەپلەر« نى »يورۇق نۇقتا« غا ئايلاندۇرغانلىقى بىلەن قىممەتلىك.

    1957- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 9 - فېۋرالدا نەۋايىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە جايلاردا ئىلمىي، ئەنئەنىۋى يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شائىر مىراسىنى ئۆگىنىش بويىچە قىلىنغان ئىشلار يەكۈنلەنمەكتە، يېڭى پىلانلار تۈزۈلمەكتە. بۇلاردىن باشقا نەۋايىغا بولغان تۈگىمەس ھۆرمەت - مۇھەببەتنى ئىپادىلەش، شائىرنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئوتتۇرىسىدىكى بىپايان ۋە قەدىمىي زەرەپشان ۋادىسى »نەۋايى ۋىلايىتى« گە ئۆزگەرتىلگەن. گۈزەل تاشكەنت شەھىرىنى شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان ئاۋات كوچىغا »نەۋايى كوچىسى« دەپ نام بېرىلگەن. كوچا مەركىزى ۋە يول بويىغا »ئەلىشىر نەۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيى« قۇرۇلغان، شائىرنىڭ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان. سەمەرقەند دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ياۋروپاچە گويا سۈرەتتەك گۈزەل ئۆزبېك دۆلەت ئوپېرا ۋە بالېت تىياتىرى، ئۆزبېكىستان دۆلەت كۇتۇپخانىسى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى ۋە يېنىدىكى كۇتۇپخانا، زور مۇكاپاتلار، يەنە نەچچە ئون مەدەنىي مۇئەسسەسەلەر، يۈزلىگەن مەكتەپلەر، يېزا - كەنتلەرنى ئەلىشىر نەۋايىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش قارارلاشتۇرۇلغان. ئۆزبېكىستاننىڭ ياپونىيە ۋە فىرانسىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىغا نەۋايىنىڭ ئۇلۇغۋار ھەيكىلى ئورنىتىلغان.

    قىسقىسى، 2007- يىلى ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسىدا ئېچىلغان »ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تەرەققىياتىغا تەسىرى« ناملىق دۇنياۋى مەجلىستە ۋاشىنگت−ون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركۈلوگى E. سىرتەئۇتەس خانىم ئېيتقاندەك، نەۋايى مۇستەقىل ئۆزبېكىستاننىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان، ھەتتا بۈيۈك بىرېتانىيەدە ئۇلۇغ شېكېسپېرمۇ ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايى شۆھرەت قازانغاندەك ئالقىشلانمىغان! غەربنىڭ تونۇلغان نەۋايىشۇناسى A. بادراگىلىگېتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، »يەر شارىدىكى تاغلار ئارىسىدا ئەڭ ئېگىزى ھىمالايا چوققىسى بولسا، شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۈكسىكى ھەزرەت نەۋايىدۇر.« ③ بىراق نەۋايى 15- ئەسىردىكى تەكشى تۈزلەڭلىكتىن تاسادىپىي ئۆسۈپ چىققان تاغ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بېرى شەكىللەنگەن ئۇزاق قەدىمكى تاغ تىزمىلىرىدىن ھاسىل بولغان يۈكسەك چوققا! دېمەك، تاغ بار يەردە چوققا بار، تاغ يوق يەردە چوققىمۇ يوق!

    ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىن ياپون دېڭىزىغىچە؛ ھىنگان، ئالتاي تاغلىرىدىن ھىمالايا چوققىسىغىچە بولغان بىپايان مەركىزىي ئاسىيا زېمىنىدا ياشىغۇچى خەلقلەر ئارىسىغا يېيىلغان. نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شائىر ۋاپات بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ياۋروپادا تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى ئۇلۇغ ھېكمەتخانا )كۇتۇپخانا( لار شائىر ئەسەرلىرى بىلەن بېزەلگەن. ئىجادىيىتى ئىنگلىز مۇتەپەككۇرلىرىدىن شائىر ئېللوتقا ۋە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكىلىق يازغۇچى مارك. تىۋېنغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، نەۋايى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە يەنە بىر سوۋغىسىدۇر! لېكىن ئەقلىمىزنى ئىنسابقا چىللاپ شۇنىمۇ ھەققانىي ئېيتىشىمىز كېرەككى، ئېرتىش دەرياسى بىزدىن باشلانغان بىلەن مەنزىلدىكى ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۇ »ئانا دەريا« ۋە ئۇنىڭ سۈيى »ئابى ھاياتتۇر«. بىر مېۋىلىك دەرەخكە نىسبەتەن كۆچەت تىككۈچىنىڭمۇ، ئۇنى ئاسراپ - پەرۋىشلەپ مېۋىگە كىرگۈزگۈچىنىڭمۇ ھەققى - ھوقۇقى بار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن »دۇنيادىكى ئەڭ باي قول يازمىلار فوندى« رويخېتىگە ئېلىنغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىن ئىبارەت يۇقىرى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۆزبېكىستان ھازىر دۇنيا نەۋايىشۇناسلىقىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە تەن ئېلىنىپ، شائىر ھەققىدىكى تەتقىقات ئالتىنچى يۈز يىللىققا قەدەم قويماقتا. نەۋايى ئەسەرلىرى تاشكەنت قاتارلىق مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەرلەر قاتارى ھەر يىلى يېڭى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت ۋە كۆپلىگەن نۇسخىدا نەشر قىلىنماقتا، چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنماقتا. زىكرى قىلىنغاندىكىدەك، بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندا ئەلىشىر نەۋايىنى ئىدېئاللاشتۇرۇپ چۈشەنمەسلىكنىڭ ھېچبىر ئامالى يوق. كۈنىمىزدە بۇ دۆلەتتە نەۋايى بېغى دۇنيانىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ مول ھوسۇللۇق پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆزبېك خەلقى شائىرغا سىڭگەن ئەسىرلىك مېھنەت تەرىنىڭ ئالتۇن سۈيىدە »نەۋايى ئېنسىكلوپېدىيەسى« نىڭ سەلتەنەتلىك قەسرىنى بېزىمەكتە. ھالبۇكى، بۇ قەسىرنىڭ بوسۇغىسى بىزلەر ئۈچۈن گويا ئەپسانە تەرزدە دۇنيايىمىزنىڭ تېشىدىكى مۇئەمما بولۇپ تۇرماقتا!

    بېلىق سۇغا تويمايدۇ! قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ!

     

    تامام!     (مەنبە: تارىم تورى)

    分享到: