ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2014-01-02

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(2)

     

    ئاپتورى: ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

     

    مەنبە: تارىم 2010-يىل 11-سان

    شائىرنىڭ بۇ يىللاردائەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرىغا مۇراجەت قىلىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا 80– ۋە 90يىللاردا « قۇيۇن ھەققىدە رىۋايەت»، «قاغا ھەققىدە رىۋايەت»، «ئەنبەر ھەققىدەرىۋايەت»، «سۈندۈك ھەققىدە رىۋايەت»، «كۆز»، «شىرماق»، «دەريا ئىلاھى»، «تۇرناھەققىدە رىۋايەت»، « بىر رىۋايەت »، « قىز قەلئەسى »، « گۇناھكار كېلىن» قاتارلىقشېئىرلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ يىللاردا رىۋايەت ۋە ئەپسانىگە قايتىشدۇنيا ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە بىر خىل يۈزلىنىش ئىدى. ئۇيغۇرپروزىچىلىقىمۇ بۇ خىل تەسىرنىڭ سىرتىدا قالمىغان بولۇپ، پروزا ئەسەرلىرىمىزدە مىللىفولكلۇرلۇق رىۋايەت ئەپسانە ۋە ئۇدۇملار ئارقىلىق زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنەزىددىيىتىدىكى كۈلتۈرەل مەسىلىلەر ئوتتۇرۇغا قويۇلغان ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭشېئىرلىرىدىكى ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرى پارچە – پارچە، كىچىك ھالەتتە بولۇپ،شائىر ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ماس ماددا سۈپىتىدە ھاياتلىق ۋە ئادەمىلىكھەققىدىكى شېئىرىي تېمىلارنى مىللىي ئېتنىك مەنبەگە تۇتاشتۇردى.

    شائىرنىڭ بۇخىل رىۋايەت تۈسىدىكى تېمىلىرى ماكان- زامانسىزلاشتۇرۇلغان، شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇنۋە غۇۋا، ناھايىتى زور شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، كىتاپخاننى ئۆتمۈشرىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ھەققىدە چوڭقۇرتەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ. شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپشېئىرلىرىدا سىناق قىلىشقا باشلىغان شېئىرىي بوشلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئېستېتىكپەللىگە ئېرشىشتىن ئىبارەت مەنزىل بۇ مەزگىلدە شائىر شېىرلىرىدا خاسلىققا ۋەئىزچىللىققا ئىگە بولدى. شائىر ئىجادىيىتىنى تېمىلار نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدەشائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئەپسانىۋىي – رىۋايەتتېمىلارنىڭ تەسىرىدە ئېتنىك جۇغراپىۋىي تېمىلارنىمۇ ئىجادىيىتىگە ئېلىپ كىرىپ، مىڭيىللاپ تارىخقا ئىگە ئېتنىك كۈلتۈرىمز ھەققىدە ئويلىنىش بىلەن بىرگە،دەۋريۈكسەكلىكىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كىتاپخانلارنىڭ تەپەككۈرىگە سوغا قىلىدۇ.  «قۇرمىش ئاتا»، «يارغول»، «مىرەن»، «چەرچەن يولى»، «ئەسكىشەھەر»، «سەرۋەڭ»، «سۇلتان سەئىد قىلىچ مازارى» قاتارلىق شېئىرلاردا بۇ خىل ئېتنىك تېمىلار شائىرنىڭئۆزگىچە بەدىئى تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئوبېكتىپ تەسۋىرلەشتىن قۇتۇلغان بولۇپ، شائىرمەنئىۋىي سوبېكتىنىڭ ھىسسىيات تەلقىنلىرىدە چوڭقۇر مەنا قاتلاملىرىنى ھاسىلقىلىدۇ.

    شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنا سوبېكتىپ، ئابېستراكىتنى بولۇپ، شائىرنىڭئىچكى ئىدىۋىي ھىسسىياتى بىلەن ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە قىلىنغان، شېئىرنى تەشكىلقىلغان مۇھىت بولسا ئوبېكتىپ، كونكېرتنى، تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئالاھىدىلىكىگەئىگە. لېكىن بۇ تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي تىل ۋاستىسى ئارقىلىقھىسسىلاشقان، قەلبلەشكەن بولۇپ، شائىر ئوبراز ۋە تۇيغۇنىڭ چېقىلىشىدا شېئىرىيبوشلۇق ۋە پىكىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شائىرنىڭ 1995 –يىلى يازغان«سالغا تېشى» داستانى شائىرنىڭ يەككە شېئىرىي تېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەششۇنداقلا كۆپ خىل شېئىرىي ئوبرازلار سېستىمىسى ئارقىلىق، شېئىرىي پىكىرنىڭچوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكىنى بەرپا قىلىشتا مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلدى. شائىرنىڭ كېيىنكىئىجادىيەتلىرىدە «سالغا تېشى»نىڭ تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. بولۇپمۇ «تاشقاتما  داستانى» «سالغا تېشى» دا يارىتىلغان شېئىرىي مۇھىتقا ئەگەشكەندەك قىلسىمۇ لېكىنئالدىنقىسىدا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللىگە يېتەلمىدى.

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرئىجادىيتىنى شائىرنىڭ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ. شائىرئۆزىنىڭ شائىرلىق قەلبىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق بازارغا سالمايدۇ، شائىرنىڭ نەزەرىدەشېئىر مۇقەددەس ھەم سىرلىق بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلما. شائىرنىڭ مەنئىۋىيسۈپىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە باغلاندى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنكى شېئىرلىرىئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمى لېكىن مەڭگۈلۈك يېڭى بولغان ئۆلمەس تېمىلىرىغاھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى؛ بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ھايات ۋە ئىنسانىيەتكە بولغانمۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ قەدىمى، ئىپتىدائى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانتېمىلاردىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئىزدەندى بولۇپمۇ تراگىدىيەلىك،ئازاپ – ئوقۇبەتلىك رىۋايەتلىك تېمساللار ۋە تارىخىي ئىزنالاردىن ھاياتنىڭ قەيسەر،جەڭگىۋار تەرەپلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئېگىلمەس سۇنماس ھاياتىي كۈچىنىبەدىئىي يوسۇندا نامايەن قىلدى. شائىرنىڭ «بۈگۈن ۋە ئەتە»، «كرورەن گۈزىلى»قاتارلىق شېئىرلىرى ئېستېتېتىك كۈچى كۈچلۈك بولغان شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلارنىئەنئەنىۋىي قوبۇل قىلىش ئېڭى بويىچە ئوقۇپ چۈشىنىش ناھايىتى تەس.

    بۇغدائابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەلتېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئىئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ،

    ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋەئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلىھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر بۇغدائابدۇللا ئىجادىيىتىدە مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرىنى يېزىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزمىللىتىنىڭ پىسخىك مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى قېزىش ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولدى، ئەڭمۇھىمى بۇ خىل تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا شائىر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكىئىزدىنىشلىرىدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىداسىناق قىلغان سوبېكتىپ تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرىي مۇھىت تەشكىللەش، قاتلاملىق شېئىرىيئوبرازلارنى يارىتىش، شېئىردا بەلگىلىك ئېستېتىك بوشلۇق قالدۇرۇش قاتارلىق بەدىئىيمەنزىلىگە يەتتى. گەرچە شائىر ئىجادىيىتدە مىللىيي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى بىلەنبىللە رىئالنى تېمىلارمۇ تەڭ يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى تېمىنىڭ تەسىرى كۈچلۈكبولىۋاتىدۇ.

    مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى شائىر قەلىمىدە جانلاندى، يېڭىھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرى،ئۇدۇم ـ چۈشەنچىلىرىنى ئۈگەندى، رەتلىدى. بۇ خىل پارچە – پۇرات، رەتسىز ھالەتتىكىخەلق فولكلورىغا تەۋە ھەر خىل ئامىللار شائىرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ئازاپ،تەرەققىيات ۋە كىرىزىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتىنى تېخىمۇتاكاماللاشتۇردى. شائىر مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ئارقىلىق رىئاللىقنىئىپادىلەش، ئىنسان روھىنىڭ پۈتمەس –تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش مەقسىدىگەئېرىشتى.شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭئىپتىدائى، ئەڭ ياۋايى، ئەڭ پاكىز ھىسسىياتىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇغدائابدۇللانىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرى لىرىك باشلىنىدۇ، مەلۇم باياننى بېسىپ ئۆتۈپئەۋجىگە چىقىدۇ؛ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى رىئاللىقتىن باشلىنىپ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈرتېمىلىرى ۋە تارىخ، كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا شائىرنىڭ ئۆزلىكى ئاللىقاچانشائىرنىڭ شەخسىي كىملىكىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ قەۋمىگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكەكېڭىيىدۇ...

    بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، بۇغدا ئابدۇللانىڭ مىللىيئېتنىك كۈلتۈرەل تېمىلارنى يېزىشى، تېما نامراتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شائىر خەلقنىڭۋىجدانلىق بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغانخەلق فولكلۇر بايلىقلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئىگەقىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋەتىرىشچانلىقلىرى بىر ۋىجدانلىق ئىنسانشۇناس ۋە فولكلورشۇناس بىلەن ئوخشاش، يەنە بىرتەرەپتىن، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بوران – چاپقۇنلاردا ھەر خىل قىسمەتلەرگەئۇچراپ ، بۈگۈن يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بايلىقلىرىمىزنى سەنئەت تۈسىگە ئىگەقىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى بىر سەنئەتكار.شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە تېمىلارئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى، يېڭىچە بەدىئىئىپادىلەش ئۇسۇل – ۋاستىلىرىغا مۇراجەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر بەدىئىيمەنزىلنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

    بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى شۇيەردىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ،شېئىرىيەتىمىزدىكى ئاساسىي تېمىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە يىراقلىشىپ، شائىرنىڭ بىۋاستەسېزىمى بويىچە يېڭى تېمىلارنى تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شېئىرىي تىل،ئىماگ، تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شېئىرىيەتئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىدىنئېستېتىك مەناغا بۇرۇلىشىدا بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شائىرئىجادىيىتىدە قاپىيە، ۋەزىنىڭ شېئىرنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىك رولىغا ئىزچىل قارشىتۇرۇپ كەلدى، ئۇ شېئىرنىڭ ئىچكى قەلب رېتىمىغا تەڭكەش بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىكى ئوبراز-ئىماگلارنىڭ بىر تەرەپىدە مىللىي تۇرمۇش كۆرۈنۈش- ئادەتلىرى يەنە بىر تەرەپىدە ئەپسانە –رىۋايەت ۋە كۈلتۈرەل تېمساللار تۇرىدۇ. تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى، تارىخ تەجربىلىرى ئارقىلىق جۇغلانغان مەنئىۋىي سۈپەت شائىرنىڭپەلسەپىۋىي ئېڭىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھىسسىيات ۋە شېئىرىيپىكىرلەرنىڭ بەرىكەتلىك خامىنىغا ئايلانغان.

    تامام!  

     

    分享到: