ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • جۇتاۋ: ياش يازغۇچىلار ۋە كەسىپداشلارغا بىرقانچە مەسلىھەت

     

    جۇتاۋ (周涛)

    كېۋىر ھىمىت تەرجىمىسى

     

       1.«ئەدىب» قالپىقىنى كېيىشنىڭ ۋەجى

       ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللانماقچى بولغان كىشى باشقىلارغا ھەرقانچە دوستلۇق بىلدۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا  يەنىلا تېگىپ قويىدىغانلار ۋە ئېغۋاگەرچىلىك قىلىدىغانلار بولىدۇ. بولۇپمۇ، شائىرلارنىڭ ھاياتى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

  •  ھەقىقەت _ ئىجادىيەتنىڭ بايرىقى

     

     ئەخەت تۇردى    

    بۈگۈن مەن شۇنچە كۆپ ھەر مىللەت ياش يازغۇچى، شائىرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ، ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان پىكىرلىرىمنىڭ ئىدىتلىقاراق بولۇشى ئۈچۈن، قىسقىچە ئۈچ تېمىدا سۆزلىمەكچىمەن.

  •  

    چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر:

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -2

    خاتىرلىگۈچى :  ئابدۇمىجىت مۇھەممەت

     

     

  • چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر:

    ئىرادە ۋە نىشان: - بەرقى بىلەن سۆھبەت -1

    خاتىرلىگۈچى :  ئابدۇمىجىت مۇھەممەت

     

  • يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -2

     

    ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلار

    ـ يازغۇچى ئەپەندى ، ھازىر ئويغۇر ئەدەبىياتى  پروزىچىلىقىدا ئېقىم شەكىللەندىمۇ؟ شەكىللەنگەن بولسا ، سىز قايسى ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىسىز ؟

    ـ مەن ئۇيغۇر  ئەدەبىياتى  پروزىچىلىقىدا  شەكىللەنگەن ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان بىرەر «ئېقىم » بار ، دەپ قارىمايمەن .

  • يازغۇچى سەمەت دۇگايلى بىلەن سۆھبەت -1

     

    زىنھار" زىتلىشىپ " قالمىدى

    بىزدە شۇنداقمۇ بىر ئىستىداتلىق يازغۇچى بار . ئۇ ـ مەخسۇس خەنزۇ تىلى كۇرسىدا تەربىيىلەنمىگەن  بولسىمۇ ،  بىمالال  خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىقىنى قىلغان ، ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە مۇئەللىم ـ لېكتور بولغان،  ھەربىي  قىسىمدا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى  بىلمگە  تولغان  تالانىت ئىگىسى، «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى » ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى  سەمەت دۇگايلى ئەپەندى .

  • ئىجادىيەت بېغىدا

    قىرىق يىل مۇھەررىرلىكنىڭ قىرمىزى قەلىمىنى  تۇتۇپ ، تالاي ـ تالاي ئەدىبنىڭ  ئەدىبىي ئەسەرلىرىگە  ئۆز  ئەجرىنى  سىڭدۈرگەن ، ئەتە ـ ئاخشاملىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، قارا كۆك  قەلىمىنىمۇ  قولىغا ئېلىشقا  ئۈلگۈرگەن ، نۇرغۇنلىغان  جەلبكار  نەزمە ۋە نەسرلەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ لىرىك ۋە تەنقىدىي تۇيغۇلىرىنى  ئوقۇرمەنلىرىگە  بىلدۈرگەن پېشقەدەم شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ «ئۈمىد چىچەكلىرى » قاتارلىق تۆت شېئىرلار  توپلىمى ، « بازار نەرخى» قاتارلىق  ئىككى ھېكايىلەر توپلىمى ، «قۇربانلارنىڭ يۈرەك ساداسى » قاتارلىق  ئىككى  ئوبزۇرـ ماقالىلار توپلىمى نەشر قىلىنغانىكەن .

  • ياخشىلىقنى يار تۇتۇڭ

    ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ، ئازادە  پاراڭلىشىش  داۋامىدا  ئالىي  مۇھەررىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا  كۆڭلىگە پۈككەن ، ئويلىغان ـ پۈتكەنلىرىنى رىياسىز  سەمىمى  نىيەت  بىلەن  ئوتتۇرىغا  قويۇشقا باشلىدى .

    ـ شائىر ئەپەندى ، كىشىلىك  ھاياتتىكى ياخشىلىق  ۋە  يامانلىق ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز ؟

    ـ ئوبدان . ئالدى  بىلەن ھاياتتىن سۆز  ئاچساق ، مېنىڭچە ، « پولات قانداق تاۋلاندى » رومانىدىكى  ئوستروۋسكىنىڭ  سۆزىنى  ھاياتنىڭ ئۆلچىمى ـ مىزانى دېيىشكە بولىدۇ . ئىنسان  بۇ دۇنيادا ئۆزىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئۆمۈرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ، ھاياتلىقىدا ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ، يامانلىقتىن  يىراق  تۇرۇشى ، چەكلىك  ئۆمۈرىنى  خەلققە پايدىلىق چەكسىز ئىشلارغا بېغىشلىشى كېرەك .

  • شائىر ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت تەشكىللىگۈچى: غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    مەنزىل مەردنى تاللايدۇ

    بىرئۆمۈر  نەشرىيات  پىرىنسىپلىرىغا  ئەمەل  قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىك مۆھۈرىنى ھىچ ساتمىغان، پاك ـ دىيانەتلىك  بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمىغان، قىرىق يىللىق مۇھەرىرلىك  مۇساپىسىدە  قىرلار ئېشىپ، ئاخىرقى مەنزىل بوسۇغىسىدىن مەزمۇت  قەدەملەر بىلەن ئاتلىغان ئالىي مۇھەررىر، پېشقەدەم  ئەدىب ئابدۇرۇسۇل  ئۆمەر ئەپەندى يەتمىشكە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا نەۋقىران چاغلىرىدىكىدەك سۇباتلىق ۋە سۇمباتلىق  كۆرۈنەتتى.

  •  

    مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت -2

    قەلەم سەۋدالىقىدىكى « ساراڭلىقلار»

    ئارامغا چىققۇچە تۆت شېئىرلار توپلىمى ، ئىككى ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلىمى ، ئۈچ سەھنە  ئەسەرلىرى  توپلىمى  قاتارلىق  توققۇز  توپلام چىقىرىپ ، ئوندىن ئارتۇق  تېلېۋىزىيە  سەنئەت  تىياتىرى ، تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرى ، نەچچە يۈزلىگەن  ناخشا ـ لەپەرلەر  يازغان  تەشنائى ئەپەندى ئارامغا چىقىپ ، يەنە بىر  چوڭ  ئەدىبىي  ئەسلىمە ، ئۈچ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، ئۈچ ئوپېرا، نۇرغۇنلىغان سەنئەت فىلىملىرى ۋە كۈي نەزمىلىرى ئىجاد قىلىپتۇ .

  • مۇھەممەتئىلى زۇنۇن تەشنائى بىلەن سۆھبەت

    قوشاقچى بالا ، دۇئاگوي ئانا

    دۆلەتلىك 1 ـ دەرىجىلىك  دراماتۇرگ ، ئاتاقلىق شائىر مۇھەممەتئىلى زۇنۇن ئەپەندى  بىر قېتىملىق قاتتىق ئاغرىق تۈپەيلى ئاۋازى پەسىيىپ ، جاراڭلىق ھالىتىىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ ، سۆزى راۋان ھەم مەنتىقىلىق ئىدى . ئۇنىڭ  سۆزلىرىنىڭ  يېرىمىنىلا ئاڭلاپ ئولتۇرساممۇ ، تەكرار سوئال قويۇۋىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ ، دىققىتىمنى يىغىپ ، زەن قويۇپ تېڭشاشقا  تىرىشاتتىم .

  • بەدىئىي تالانىت ، تارتىملىق تىل  

    ئوقۇمۇشلۇق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ۋە يېزىقچىلىق ماھارەتلىرى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقىغان ۋە ئىجادىيەت جەريانىدا كۆڭلىگە توقىغان مول بىلىم ، تۆل تەجرىبىلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماي قويمايدۇ . مەن بۇ بىلىم ، تەجرىبىلەرگە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يەنە سوئال قويۇپ، يازغۇچىنى سۆزلىتىشكە تىرىشتىم .

  • يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن سۆھبەت

    غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    مېنىڭ قۇت نىشانىم

    ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەپەندى بىر نەچچە قېتىملىق تېلېفونلىشىش ۋە باردى ـ كەلدى قىلىش داۋامىدا ۋاقىت قارىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى ، ئوچۇق ـ يورۇقلىقى ۋە لەۋزىدە تۇرىدىغان ئېسىل پەزىلىتى بىلەن مەندە ئوبدان تەسىرات قالدۇردى .

  •  

    پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت

     

    سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

     

    قەدىناس ئىلھاملار

    پروفېسسور مۇھەممەتجان سادىق ئەپەندى ـ پېنسىيەگە چىققىچە نەزمە بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1500پارچە شېئىردىن تەركىپ تاپقان بەش توپلام  ، 30 دىن كۆپ باللادا ـ داستانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت توپلام ، بەش داستاندىن تۈزۈلگەن بىر خەمسە ، 25 مىڭ مىسرالىق ئىككى قىسىملىق شېئىرىي رومان نەشر  قىلدۇرغان  مول  ھوسۇللىق  شائىر ، شۇنداقلا  پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن نەسر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، يەتتە توملىق تۆت رومانىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئىجتىھاتلىق يازغۇچى .

  • پېشقەدەم شائىر مۇھەممەتجان سادىق بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل)

    شائىرلىق ھەۋەس

    پېشقەدەم پروفېسسور ، مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس ، تالانىتلىق شائىر ھەم ئىستىداتلىق يازغۇچى مۇھەممەتجان  سادىق  ئەپەندى  قىرىق يىل ئۇستازلىق قىلغان ـ ياش بوغۇنلار قەلبىگە مەرىپەت نۇرىنى ياققان ، قىرىق يىل نەزمە تۈزگەن ـ شېئىرىيەتتە قەلىمى ئۆتكۈر  ھەم  چاققان  ، ئارامغا چىقىپ نەسرگە ئېغىپ ، ئەسەرلىرىدە ئۆز  دىيارىنىڭ  تارىخىغا  باققان ، ئۇستازلىق ۋە ئىجادىيەتتە ئۆرنەك بولۇپ ، كۆپ قېتىم مەيدىسىگە مېداللار تاققان ئادەم !

  • يازغۇچى جالالىدىن بەھرام بىلەن سۆھبەت

    سۆھبەت ئىلىپ بارغۇچى: ئىدىل ئەپەندى

     

    خۇش سۆھبەت ئادەم

    داڭلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ، قەلىمى ئۆتكۈر يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن ، سۆزگىمۇ ئۇستا ، ناتىق ئادەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ،  گېپى ئوچۇق ، خۇش مۇئامىلىلىكى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . كۆڭلى  تۈز  بولغانلىقى  ئۈچۈنمىكىن ، دەسلەپ سۆزلەشكەندىلا  ئشلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ ، سىر ساقلاپ كەتمىدى . 

  •  

    مۇتەپپەككۈرشائىرىمىز ئەلشىر نەۋائىي تەۋەللۇتىنىڭ 570يىللىق خاتىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە « خەزائىنۇل مەئانى » ناملىق دىۋانى بىلەن « خەمىسە » ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .

     

  • تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن سۆھبەت

    غىلاجىدىن ئوسمان

    بۈركۈت بوۋاي

    ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى تۇنجى ئۇچراشقان كىشىگە سىپايە كۆرۈنسىمۇ ، سىرلىق تەسىر بېرەتتى. نەزىرى ئۈستۈن، چۇس مۇجەز بۇ ئالىمنىڭ تەتقىقاتقا بېرىلىپ كەتكەن...

  •  

    ھەقىقىي لىرىكا پەردازغا مۇھتاج ئەمەس

     

    )ياش ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك46-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غالىپ مۇھەممەت قارلۇق بىلەن سۆھبەت(

     

    ئاپتۇر ئېلاۋىسى: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى بولغا...
  • راخمانجان : سەنئەتنىڭ ھەر قانداق بىر تۈرى مىللىي روھ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا تويۇنغاندىلا ، ئاندىن ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ . بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن سەنئەت شۇمىللەتكىم...