ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-25

    ئابدۇرېھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت (2) - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    راخمانجان : سەنئەتنىڭ ھەر قانداق بىر تۈرى مىللىي روھ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا تويۇنغاندىلا ، ئاندىن ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ . بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن سەنئەت شۇمىللەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بۇ ھەقتە سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز قانداق ؟

     ئابدۇرېھىم ھېيت :ئىنسانىيەتتە تىل بىرلىكى بولمىسىمۇ  نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتالىق بار . بىر مىللەتنىڭ ھەقىقيي روھىي ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت  ئوخشىمايدىغان ئۆرپ – ئادەت ۋە ئوخشىمايدىغان خاسلىققا ئىگە ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ھۇزۇرلاندۇرالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەرقاچان نامايەن قىلالايدۇ . مۇنداق سېھرىي كۈچ ئىنسانىيەتنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . شۇڭا بىر مىللەتنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن نادىر ناخشا –مۇزىكا تىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن يەر شارى خاراكتىرلىك تەسىر قوزغاپ  ئىنسانىيەت سەنئەت خەزىنىسىدە ئۆز خاسلىقى بىلەن گۆھەردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرالايدۇ . بىر مىللەت ئىنسانىيەت دېمەكتۇر . مىللەتنى سۆيۈش ئىنسانىيەتنى  سۆيۈشنىڭ  يارقىن ئىپادىسى .شۇڭا ھەر بىر سەنئەتكار ئۆز مىللىتىنى چۈشىنىپلا قالماي ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى چۈشۈنىشى  ، سۆيۈشى ، قەدىرلىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك .

     راخمانجان :  سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدە يارىتىلغان كەيپىياتقا قانداق قارايسىز ؟

       ئابدۇرېھىم ھېيت : بىزنىڭ خەلق  ناخشىلىرىمىزدا بولسۇن ، مۇقام  ياكى باشقا يەرلىك  ئاھاڭلاردا بولسۇن ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىدىغان روھىي ھالەت خەلقىمىزنىڭ مەرد – مەردانە ، جۈشقۇن –جاسارەتلىك روھىي ھالىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى . مەن ئىجادىيەتتە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۈرۈپ بېيىتىشقا تىرىشتىم . شۇڭا مەن ئىجادىيەتتە رېتىم ، ھېسسىيات ، ئاھاڭ ھەم ھەر بىر سۆزنى دېگەندىكى كەيپىياتتىن ئىجادچان خەلقىمىزنىڭ  قەيسەرلىكىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم . شۇڭا خەلق ناخشىلىرىدا بولسۇن ياكى  مېنىڭ ئىجادىيەتلىرىمدە بولسۇن مىسكىن ، زەئىپ ،چۈشكۈن ،ئۈمۈدسىزلىك كەيپىياتىنى تاپقىلى بولمايدۇ . مۇبادا مەن چۈشكۈنلۈكنى تەرغىپ قىلسام ئۆزەمگە ئەمەس ، خەلق ئاھاڭلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بەدىئىي ئىپادىلەش قانۇنىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىمەن ، ئەلۋەتتە .

    راخمانجان : سىز ھازىرقى ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت : بىزنىڭ سەنئىتىمىز ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا قەدەممۇ قەدەم پىشىپ تاۋلانغان ۋە مۇستەھكەملىنىپ ، مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان . بىر قىسىم ياشلىرىمىز تەجرىبىسىزلىك ۋە ئاڭقىرالماسلىقتىن چەت ئەل ناخشامۇزىكىلىرىغا قىزىقىپ ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ . ئىدىيىسى تەرەققىياتنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلىرىمىزنىڭ گاڭگىراش كەيپىياتى ئىچىدىكى مۇنداق ھېسسىياتىنى توغرا چۇشىنىشكە بولىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن سەنئىتىمىز بۇلغىنىپ ، تۈگىشىپ كەتمەيدۇ . ئاشۇ ئاز ساندىكى ياشلارغا قاراپلا سەنئىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تۈگەشتى، دېيىش تازا ئىلمى بولمىغان كۆز قاراش. چۈنكى بۇنداق ئەھۋال غەرىب ئەللىرىدىمۇ بولغان، ئۇنىڭلىق بىلەن غەرىب ئەنئەنىۋى سەنئەت ھەم سەنئەتكە بولغان كۆز قاراش تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتمىگەن بەلكى ئۆزىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ قىممىتىنى ساقلاپ قالغان. مىللەت مەۋجۇت بولىدىكەن ئۇنڭ سەنئىتى ھەم ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۆز كۈچىنى يوقاتماستىن، يېڭلىق بىلەن ماس ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇن ياشلار چەت ئەل ناخشا – مۇزىكىلىرىغا ھەۋەس قىلىشتىن سۇسلىشىپ بارا – بارا ئۆزىمىزنىڭ ناخشامۇزىكىلىرنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىۋاتىدۇ. مېنىڭ كۆز قارشىم شۇكى، سەنئىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخمۇ پارلاق بولىدۇ ۋە ئۆز قىممىتىنى تېخمۇ نامايەن قىلىپ تارىخ بېتىدە ئۆزىنىڭ شانلق ئوبرازىنى مۇستەھكەم تىكلىيەلەيدۇ.

    راخمانجان: سىز قۇتلۇق شەۋقى، نېمشھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ تېكىستلىرنى كۆپ ئىشلەتتىڭىز، مېنىڭچە سىز بۇ جەھەتتە ناھايتى تەلەپچان ئىكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تېكىست تاللاشتىكى خاھىشىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    ئابدۇرېھىم ھېيىت: ئىجادىيەتچى بولغان سەنئەتكار ياخشى بىلەن ياماننى ئىلغىيالايدىغان شائىرانە ھېسسىياتقا باي بولۇشى كېرەك. مەيلى قايسى تېمىدا بولسۇن، شەكلى جەھەتتە ھەتتاكى چاچما شېئىر بولسۇن پىكىر ئېنىق، بەدئىي جەھەتتە يۈكسەك بولغان شېئىرلار بولسا مەن ئۇنى تاللايمەن. چۈشىنكسىز، گۇڭگا ياكى مىللىي ئەنئەنىمىزگە يات شېئىرلارنى قەتئى ئىشلەتمەيمەن. مۇزىكىلىق ھېسىيات بىلەن شېئىردىكى رېتىم ئۆز ئارا جىپسىلىپ كەلسە، بىر – بىرىدىكى بوشلۇقنى ئۆز ئارا تولۇقلاپ مۇكەممەل ئىجادىيەتكە ئايلىنىدۇ.

    راخمانجان: بۇندىن كېيىن ئىجادىيەت پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

    ئابدۇرېھىم ھېيىت: مېنىڭ ئىجادىي ھاياتىم ئۈچ قىسىملىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى«مۇڭ- زار» ناخشىلرىم بىلەن ھەققى باشلانغانىدى. مەن كەسىپكە بېرلىپ ئۇنى تەتقىق قىلغانسېرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشنى زېممىسىگە ئالغان مەندەك بىر سەنئەتكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يالغۇز تالانىت بىلەن ماھارەت كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.

    شۇڭا مەن ئاددى ھەۋەستىن ھالقىغان يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلق بىلەن كەسپي سەۋىيەمنى ئىزچىل يوقىرى كۆتۈرۈپ يېڭلىق يارتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي پوزىتسىيدە بولدۇم. بەزىدە بىر روماننىڭ قىممىتى بىر پارچە شېئىر بىلەن ئوخشاش بولغىنىدەك بىر ياخشى ناخشا بىلەنمۇ بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكىسئەتتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن بۇندىن كېيىن سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرنى يارتىشقا تىرىشىمەن.

    راخمانجان: مىللىي سەنئىتىمىز بىلەن چەت ئەل سەنئىتىنىڭ مۇناسىۋىتگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىدە ياشلار بىر ئاز گاڭگىراپ قالدىمۇ قانداق؟

    ئابدۇرېھىم ھېيىت: ياشلار ئىزدىنىشچان، يېڭلىق يارتىش روھىغا باي كېلىدۇ. شۇڭا ئەنئەنىۋى سەنئەتتىن قانائەت ھېس قىلالماي چەت ئەلنىڭ سەنئىتىگە قىزىقىپ يېڭلىق ھېس قىلىش ئارقىلىق روھىي ئېستېتىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

    چەت ئەل ناخشلىرىنى ياخشى كۆرگەن ياشلارنى ئەيىبلەش ياكى چەكلەش ئىلمىي ئىش ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىنىمۇ ئۆگەنسە، تەتقىق قىلسا ۋە ئۇنىڭغا ئەستايدىل، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا يامان، ناچار، زەھەرلىك سەنئەت بولمايدۇ. شارائىت يار بەرسە چەت ئەللەرگە چىقىپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسە بولىدۇ. شۇڭا ياشلارنىڭ بۇ ئىدىيسىنى ئەيىبلەشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق. بىر سەنئەتكار مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىغانىكەن، ياشلارنىڭ كۆڭلى قانائەتلەنگۈدەك، دەۋىرگە ماس كېلىدىغان ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نەرسىلىرىمىز ئۇلارغا ئېستېتىك زوق بېرەلمىسە ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن بەلكى توغرا سەنئەت كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەش ھەر بىر سەنئەتكارلارنىڭ ۋەزىپىسى. ناۋادا ئۆزىمىزنىڭ نادىر ياخشى ئاھاڭ، ئىجادىيەتلىرىمىز بولسا  ئۇلارنىڭ چوقۇم ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىمەن.

    راخمانجان: سىز 1998-يىل 3-ئايدا بىر مەيدان ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى، يەنە بىر مەيدان خەلق ناخشىلىرى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ناخشا ھەم ئىجادىيەتتىكى تالانتىڭىزنى نامايەن قىلىپ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدىڭىز. يەنە كېچىلىك ئۆتكۈزۈش پىلانىڭىز بارمۇ ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيىت: مېنىڭچە بولسا شارائىت يار بەرسلا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا چەت ئەللەرگە چىقىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سەنئىتىمىزنى دۇنياغا نامايەن قلىشتا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسام دەپ ئويلايمەن. بۇ جەھەتتە تەييارلىقىممۇ ناھايىتى پۇختا. غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ مېنى تەكلىپ قىلىپ خەت كېلىۋاتىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلسە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىجادىي ناخشىلىرىم بىلەن بىر كېچىلىك ئۆتكۈزۈش پىلانىم بار. مەن نادىر ئىجادىيەتلىرىمنى مېنى ئېتىراپ قىلغان، ماڭا كۆيۈنگەن ۋە مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن خەلقىمگە تەقدىم قىلالسام خەلقىمنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي مۇكاپاتىغا جاۋاپ قايتۇرغان بولىمەن. 

    مەنبە - شىنجاڭ سەنئىتى 2003 يىللىق مەلۇم بىر سان .

    ئابدۇرىھىم ھىيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا،مەھەللىسىدە « بالا سازەندە»  دەپ نام  ئالغان . مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ،قەشقەر شەھىرىدىكى ساماۋەرخانىلاردا،چوڭ-كىچىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا،ھەتتا توي -تۆكۈنلەردە دۇتتار چالغۇزۇپ،ئۇنىڭغا قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن.
    شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ سەبى قەلبىدە ،مىللى سەنئەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان . ئابدۇرىھىم ھىيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە،قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار،ئۇقۇتقۇچىلار،ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان . ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان . 1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا،جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر نەپەر راۋاپچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئىمتاھاندىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان . 1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان . 1989-يىلى ئىجاد قىلغان«چىللاڭ خورىزىم»  كىيىن،سەنئەت ساھەسىنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان ،«تۇتقۇن»، «ئەينەك»، «ئۇچراشقاندا»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «ئانا ئەللىيى»، «ئۇيغۇر گۈزىلىگە»، «يىپەك»، «ئاھ ئاتىلار»، «سەن يوق»، «ئالدىدا» ... قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسىل.relpost{clear:both}

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us