ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-11-25

    ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت (1) - [سۆھبەت - ئەنجۇمەنلەر]

    ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت

     

    زىيارەت خاتىرىسى

        راخمانجان : ئابدۇرېھىمكا ، سىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنئىتى ساھەسىدە مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، كۆپلىگەن نادىر مۇزىكىلارنى ئىشلەپ ، ئۆزىڭىزگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبى ياراتقان سەنئەتكار، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاسلىقىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت : مەن بالىلىق چېغىمدىن باشلاپ سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرىنى ئۆگىنىپ خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىغا مۇھەببەت باغلىغانىدىم . شۇ چاغدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلسام ، يەنە بىر تەرەپتىن دۇتار چېلىشتىكى ماھارىتىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتىم . ئاھاڭلارنى پىششىق ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىنق مۇزىكىنىڭ سىستېمىلىق قانۇنىيىتىنى ئەستايىل تەتقىق قىلىپ ، چۈشەنچىلىرىمنى ئۆگىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەشكە تىرىشتىم . مەن دەسلەپتە نەشىر قىلىنغان «قەشقەر كېچىسى»،«دوست خېنىم» ناملىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان چېغىمدا ماھارەتنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولغان بولساممۇ ، بىراق مەندە پەلسەپىۋى پىكىر پىشىپ يېتىلمىگەن ،شۇنداقتىمۇ خەلق ناخشىلىرى ۋە باشقا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بىرىنچى قەدىمىمنى ئوڭۈشلۇق باستىم . كېيىن ئۆزۈمدە مۇستەقىل سەنئەت كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ، بۇرۇنقى ئىجادىيەت باسقۇچىغا قەدەم قويدۇم .خاسلىق توغرىسىدا توختالسام ، بۇرۇنقى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى يەرلىك ئاھاڭلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەچكە ئىجادىيەتچىلەر قايسى يۇتتىن بولسا شۇ يەرلىك ئاھاڭىنى ئىشلەپ كەلدى . بۇنداق قىلىش سەنئەتكارغا خاس پەزىلەت ئەمەس .چۈنكى  پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا خاس بولمىغان ئىجادىيەتتە يۇرتۋازلىق پۇرىقى قويۇق تۈس ئالغان بولىدۇ .مەن بارلىق خەلق ئاھاڭلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى يىغىۋېلىپ ۋە يەرلىك ئاھاڭلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق ئاھاڭ سىستېمىسىنى ياراتتىم . شۇڭا مېنىڭ بارلىق ئىجادى ناخشىلىرىم قەشقەر ،كۇچا ياكى غۇلجا ،تۇرپان ئاھاڭلىرىغا ياتمايدۇ. بەلكى مىلىتىمىزگە ئورتاق بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى مۇجەسسەملەنگەن تولۇق ئاھاڭ سىستېمىسىغا كىرىدۇ . مەن پەقەت بارلىق يەرلىك ئاھاڭلارنىڭ بەدىئىي تۈسىنى ، رەڭدارلىقىنى ، نەپىسلىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاقلىقنى ئىجاد قىلدىم .

      راخمانجان : نۆۋەتتە چوڭ ياشتىكىلەر بىلەن ياشلارنىڭ سەنئەتكە تۇتقان پۇزىتسىيىسى ئارىسىدا پەرق زورىيىۋاتىدۇ . بۇ روھىي ھالەت ئەنئەنىۋى سەنئەت بىلەن زامانىۋىي ناخشا –مۇزىكىلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن سەنئەتتىن ئېستېتىك زوق ئېلىش جەھەتتە ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت : دۇنيا مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن بىزدىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك كومپوزىتورلار يېتىشىپ چىقىپ ، كەلگۈسى ئۈچۈن پارلاق يول ئاچالايدىغان، سەنئەتنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم ۋارسىلار يېتىشىپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ نەزەزى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىگە مەركەزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەنئىتىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ۋارىسلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىمىزغا مۇراجەت قىلساق ، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپقا تايىنىشىمىز كېرەك . مۇئەللىملەر ۋە ئاتا-ئانىلار سەنئىتىمىزنىڭ قىممىتىنى ، سەنئەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتەلەيدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ . شۇ چاغدىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .

    راخمانجان : بىز سەنئەت توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا پاراڭلىشىپ كېلىۋاتىمىز . مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، سىز ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئىجادى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كۆپ خىل تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى ئۆزگىچە بەدىئىي دىت ۋە خاسلىق بىلەن ئۆزىڭىزگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتىڭىز . مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟

     ئابدۇرىھىم ھېيت : بىر دەۋرنىڭ ناخشا- مۇزىكىسى بىر مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەن ئىجادىيەتتە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم . مېنىڭچە ، ھەرقانداق بىر سەنئەتكار ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى تولۇق بىلگەندىن سىرت ، كەلگۈسى ھەققىدىمۇ ھۆكۈم قىلالايدىغان ھەمدە روھى دۇنيانى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلىيەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە بولىشى كېرەك . شۇنداق ئىجادكارلار چەكلىك ھاياتىدا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىپ يىللار ، دەۋرلەر ئۆتسىمۇ قىممىتى يوقالمايدىغان بۈيۈك ، ئىجادى بايلىقلارنى يارىتالايدۇ . ھە دېسىلا نام ، شۆھرەت ،مال – دۇنيا قوغلىشىش سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇرىنى قۇرىتىۋېتىدۇ . شۇڭا سەنئەتكار قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە روھ بىلەن خەلقىگە ۋە سەنئىتىگە ئۆزىنى خالىسانە بېغىشلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ھەقىقىي ، مۇنەۋۋەر خەلق سەنئەتكارىغا ئايلىنالايدۇ.

      راخمانجان :  سىز ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ مەنبەسى بولغان  12 مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرى بىلەن ئۆزىڭىز ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان  قىممەتلىك سەنئەت مىراسلىرىنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە قارشىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت :  12 مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرىغا خەلقىمىزنىڭ شادلىقى ، قايغۇ-ھەسرىتى،ئۆرپ- ئادىتى روھىي دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى سىڭگەن . ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مىراسلار  بۈگۈنكى  كۈندە مىللىتىمىزنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى  كۆتۈردى . ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تالانتى ۋە ئەقىل –پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ سەنئەت مۇنبىرىدە بىزگە مۇقامنى قالدۈرۈپ كەتتى . بىز بۇ مەنىۋى مىراسلاردىن ھەقىقەتەن پەخرلىنىمىز . بىراق بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىدىن ماختىنىپ ئېڭىمىزدىكى ئىجادىيەت روھىنى ئېچىشقا تىرىشمىساق بولمايدۇ. مۇقام ، خەلق ئاھاڭلىرى تارىخنىڭ مەھسۇلى ، بىز ئۆز دەۋرىمىزنىڭ مۇقامىنى يارىتىپ ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرمىساق ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز .شۇڭا ئەقىل –پاراستىمىزنى ، تالانتىمىزنى كەلگۈسى ئۈچۈن بېغىشلىشىمىز ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا تارىخ ۋە دەۋر ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ يېڭى –يېڭى سەنئەت دۇردانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرسەك ، شۇنىڭ ئۆزى چوڭ تۆھپە ھېسابلىنىدۇ .مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئۆتمۈش ئەمەس ، بەلكى ھازىر ھەم  كەلگۈسى بۈگۈن ئەتىگە نىسبەتەن كۆرسىتىپ ، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى كەلگۈسى ئۈچۈن بېغىشلىشىمىز كېرەك . 

      راخمانجان : سىز باشقا ئەللەردە شۇ ئەل خەلقلىرىنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپسىز .ئىجادىيەتلىرىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ گېزىت ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇپتۇ شۇنداقمۇ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت : مەن تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى خەلق مېنى دوستانە كەيپىياتتا كۈتىۋالدى ھەم يەرلىك سەنئەتكارلار بىلەن پىكىر –تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى . ئۇلار مەن 1991 – يىلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر سەھنىلىرىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىمنىڭ سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ماڭا قويۇپ بەردى . مەنمۇ خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىي ناخشىلىرىمنى سوۋغا سۈپىتىدە ئۇلارغا تەغدىم قىلدىم . ئاشۇ ئەللەردىكى كەسپ ئەھلىلىرى ، پروفېسسور ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى مېنى سىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر سەنئەتكارى ئىكەنسىز ، دېگەندە مەن ئۇلارنىڭ باھاسىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ خەلقىمنىڭ مېنى  تەربىيلەپ يېتىشتۈرگىنىدىن  چەكسىز سۆيۈندۈم. بىراق ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىدەك  نەپىس ، جەلپكار ، كەڭ دائىرىگە ۋە يېقىملىق مېلودىيىگە ئىگە بولغان سەنئەتنى ئۇچراتمىدىم . چۈنكى ئۆز مىللىتىنى ۋە  سەنئەتكارلىرىنى سۆيۈشكە ۋە ياقىلاشقا ھەرقانداق مىللەتتىن بولغان بىر ئادەم ھوقۇقلۇق ئەلۋەتتە .ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر ، ئۆزگىلەرنىڭ قەدرىگە يېتەلمەيدۇ . شۇڭا سەنئەت ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە بىلەن تېڭىرقاپ قالغان ياشلار سەنئىتىمىزنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ، تەتقىق قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئېسىل سەنئىتىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىپ بۇرۇنراق توغرا كۆز قاراشقا كېلىپ ، سەنئىتىمىزنىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولار ئىدى ، دەپ ئويلاپ قالىمەن .

      راخمانجان : سىز ئۆز ئىجادىيەتلىرىڭىزدىكى مۇزىكا بىلەن تېكىستنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىجادىيىتىڭىزدە يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازلارغا قانداق قارايسىز ؟

    ئابدۇرېھىم ھېيت : مۇزىكا ئىجاد قىلىش ئاسان بولمىغاندەك ، شېئىر يېزىشمۇ ئادەمدىن ئەقىل –پاراسەت ، قايناق ھېسسىيات ۋە يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ، نازۇك ئەھلىي ئەمگەك ،خەلقىمىزنىڭ مەيلھ شېئىرلىرىدا مەيلى مۇزىكىلىرىدا بولسۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان مەردانىلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مەن ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا تېكىستتە بايان قىلىنغان سۆز ، ھېسسىيات ، مەقسەت  ۋە رېتىمغا سۆز ، ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىپ ، شېئىردىكى ئاساسلىق دېمەكچى  بولغان پىكىرگە ئاساسەن مۇزىكىلىق ھېسسىياتنىڭ رىتىمى ۋە سۈرئىتىنى بىر –بىرىگە يۇغۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئۆتمۈش ،ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىمەن . شېئىر ئارقىلىق مۇزىكىلىق ھېسسىياتنى بېيىتىش ،مۇزىكا ئارقىلىق شېئىرنىڭ قىممىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈپ ھازىرقى دەۋر بىلەن تارىخ ئوتتورىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن .

    راخمانجان : سىز سەنئەت ئىجادىيەتتىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ نىسبىتىگە قانداق قارايسىز ؟ دىمەكچى بولغىنىم ، مۇكەممەل بىر ناخشا نەچچە خىل ئامىلنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ ؟

      ئابدۇرېھىم ھېيت : بىر ناخشا –تېكىست ئىجادىيىتى ، مۇزىكا ئىجادىيىتى ، ناخشا ئورۇنلاش ۋە مۇزىكىنى ئورۇنلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . ھەر بىر ئامىل بىر ئورتاق نىشاننى كۆزلىگەن بولۇشى شەرت .  بىر ئامال كەم بولۇپ قالسا ياكى ئاجىز بولۇپ قالسا ۋە ياكى ھېسسىيات جەھەتتە تېكىست بىلەن مۇزىكا ماسلاشمىسا ،ئۇ ناخشا مۇكەممەل  ناخشا ھېسابلانمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ناخشا %100 دېسەك ، ھەر بىر ئامىل %25 تىن تەشكىل تاپىدۇ .بەزى كىشىلەر تېكىست بىلەن مۇزىكىنىڭ بىرىكىشىدىكى سېھرى كۈچنى پەرق ئېتەلمەي ، ناخشىنىڭ تېكىستى ياخشىكەن ،دەپ ھېسابلايدۇ . لېكىن ھەر بىر ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى پارچىلاپ تۇرۇپ باھا بېرەلمەيدۇ .ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى ناخشىدا تېكىست بولمىسىمۇ يەنىلا مۇزىكىلىق سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ .بىر شېئىرمۇ مۇزىكا بولمسىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . بىراق ئىككىسى بىرلەشكەندە ئادەم قەلبىنى لەرزىگە .relpost{clear:both}

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us