ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-03-02

    قەشقەرگە قايتىش -5 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قەشقەرگە قايتىش -5

    (داستان)

    دىلشات ساھىت

    شەھەردىكى چۆچەك

     

    دۆلەت قۇشى قونغان دۆلەتباغ،

    تەڭرى قۇشى قونغان چاھارباغ.

    دىنار يىغار ئويچان كېرەمباغ،

    تاغ تۇراسى قالغان بەك پەستە

    جىمجىتقىنا ياتار شامالباغ.

    سۆيۈملۈك قۇچقاچ

    قۇرت بىلەن قىلىشماقتا جەڭ.

    ھەسەل ھەرىسسى

    گۈل چېڭىنى سۆيەر بەك تاتلىق

    دوڭغاق سۆگەت

    مىڭ يىللىق تېرەك

    قۇچاقلىشىپ تۇرار رەتمۇ-رەت.

    تەتۈر ئۆستەڭ

    جىغانلىق ئارال

    قوتانلاردا بېقىلغان مارال

    ھاڭراپ سالار بەزى ئىشەكتەك.

     

    قول تۇتۇشۇپ يۈرگەن چۈمۈلە،

    كۈل قىز ئۈچۈن ياسايدۇ كەپە.

    ئالتۇن كەشنى غاجايدۇ چاشقان،

    ئىسسىق-سوغۇق يوقالغان يەردە.

     

    تەشنا كورا ئالتۇن بېلىققا

     

    ئاپپاق خوجا __

    شاياتۇنلار داپ چالغان كېچە

    پايخان بولدى تۈمەنمىڭ غۇنچە

    ياتار بۇ يەردە

    ئاپئاق ساقال مەردانە بوۋاي

    ئۆز يېغىدا قورۇلغان موماي

    بۆشۈكىدە تۇنجۇققان گۆدەك

    ياتار بۇ يەردە

    ۋەتەن ئىمان، ۋەتەن ئىتىقاد

    ۋەتەن ئۈچۈن كىسىلگەن قانات...

     

    ياتار بۇ يەردە

    ئوغرى قاراقچى

    رەڭلىك سۇۋاقچى

    دۇنيا نېمە، ھايات نېمە دەپ

    سۇئال قويماي ئۆمرىدە بىررەت

    ئۆتۈپ كەتكەن مىسكىن تاۋاقچى...

     

    پەيشەنبە، جۈمە

    تۈمەن قوللار سوزۇلار كۆككە

    گۈمبەزلەردىن چىقمايدۇ سادا

    دۇئا ئۇچار قەبرىلەر ئارا...

     

    جاللات خېنىم

    قىلىچىغا ئاينى قوندۇرۇپ

    ئېلىشماقتا ئىبلىسلار بىلەن.

     

    جۇۋاز

    كالا سۆڭىكى

    ئۇچراشقاندا تەنھا چىغىر يول

    قۇرۇقدىلار رۇمكىلار ئەبجەش

     

    روھ جاڭگىلى

    سۇغا تەشنا كۆپۈكتۇر كۆپۈك

    يۇمۇلاق ئۆي

    خوراز كاتىكى

    مىكىيانلار ئالمىشىپ تۇرغان

    پور سىمىز بەڭگە

    ئۆيلەنمەكچى بۈگۈن كىگىزگە..

     

    ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى

    بىز پۇتلۇق ئادەم

    تەمبۇر چالار ئېرىق بويىدا

    قۇلاقسىز مەخلۇق

    كىچىلەرنى باشلار تويىغا

    پۇل

    سۆڭەكسىز پۇل

    خاقانىدۇر باغلار ھۆسنىدە

    ساختا دورىلار

    ساختا دىپلوملار

    ساختا خوتۇنلار

    كومپىيۇتېر تورىدىن چىقىپ

    تور ياسايدۇ تورلار ئىچىدە

    ئۆمۈچۈك تورى

    جىنىس دۇنيا رىكورتىدىن قالدى بۇ پەسىل


    分享到:

    收藏到:Del.icio.us