ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-28

    ئۈمىدۋارنى تونۇمسىز - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئۈمىدۋارنى تونۇمسىز

    مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى:  ھايات بېغىمدىكى گۈللىرىمنى سانىسام، ئېتىكىمدە 27 گۈل تولۇپ تۇرۇپتۇ، توزۇپ تۇرۇپتۇ. شۇنداق، 1984-يىلى 23-ئاپرېل سەھەردە ئائىلىمىزنىڭ مۇھەببەتلىك بېغىدا ھاياتىمدىكى تۇنجى گۈلنى ئاتام ۋە ئانامنىڭ پەرۋىشىدە ياراتقۇچىنىڭ ھىممىتى بىلەن قولغا ئالغان ئىكەنمەن. مېنى مۇشۇنداق مېھىر – مۇھەببەت چىمەنىگە يەتكۈزگەن ھىممەت ئىگىسىگە ھەمدۇ – سانا ئېيتىشىم كېرەكلىكىنى ئەقلىم كىرگەندىن كېيىن بىلىپ يەتتىم. 
    ئائىلىمىز ھېكايىلەردىكىدەك قىسمەتكە باي بىر ئائىلە ئىدى. 1988-يىلى 28-نويابىر مېھرىبان دادام 71 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بەندىلىكنى بەجا كەلتۈردى. يەتتە پەرزەنتىنىڭ چوڭى 22 ياشتا، كىچىكى 38 كۈنلۈك بوۋاق ھالەتتە، تاغدەك ئېغىر تۇرمۇش غىمى بىلەن قالغان ئانام خۇددى خەلق ناخشىسى «ئانام قۇنىخان»دىكى جاپاكەش ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە مىننەتسىز بەدەللىرى بىلەن ھايات بېغىمىز دائىم ئاۋات  بولۇپ كەلدى. ئانام ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ بىزنى ئوقۇتۇشتىن ۋاز كەچمىدى. بالىلىق ھاياتىم باي ناھىيەسىنىڭ مۇزات بويلىرىدا گۈزەل چۆچەكلەر كەبى ئۆتتى. ئىككىنچى ئاكام مۇھەممەدنىڭ تەسىرىدە كىچىكىمدىنلا كىتابقا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ قالدىم. 1992-يىلى 1-سىنىپنى پۈتتۈرگەن يازلىق تەتىلدە «365 كېچە» ناملىق ئالماناخ توپلامنىڭ 1-قىسمىنى ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكىمنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. ئوقۇغان كىتابلىرىم ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي قۇرداشلىرىم ئىچىدە خېلىلا كۆپ ئىدى. «قىسسەسۇل ئەنبىيا»، «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «چاھار دەرۋىش»، «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «مىڭبىر كېچە»، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ... قاتارلىق كىتابلارنى باشلانغۇچتا ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم. شۇنداقلا، ئوقۇغانلىرىم ئېسىمدە مۆھۈر كەبى ئورناپ قالاتتى. تۆتىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقىنىمدا 1000 كۇپلېتتىن ئارتۇق خەلق قوشاقلىرىنى يادقا ئالغانىدىم.
    2000-
    يىلى 8-فېۋرال كېچە، ئۇيقۇم قېچىپ، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ «ئۇستازلىرىمغا» دەپ سەككىز كۇپلېتلىق بىر پارچە شېئىر يازدىم. بۇنى ئەدەبىي ئىجادىيىتىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايمەن. باي ناھىيەسىدىكى تونۇلغان قەلەمكەش ئۇستازىم، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز پەرھات كېرەم مېنىڭ يېزىقچىلىققا ئىشتىياق باغلاپ قالغانلىقىمنى بايقاپ، مېنى كۆپ ماختىدى. شۇنداقلا مېنىڭ بىر قانچە پارچە «شېئىر» ىمنى مەكتەپتىكى ئۆزى دەرس بەرگەن سىنىپلارغا ئوقۇپ بېرىپتۇ. ئەمدى ئويلىسام، شۇ ھۆرمەتلىك ئۇستاز مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەدەبىياتنىڭ كوچىسىغا باشلاپ قويغان ئىكەن. 2000-يىلى ئۆكتەبىردە، باي ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات بېغىنى سۇغۇرۇپ تۇرىۋاتقان «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلىدا «زامانداشلىرىمغا خىتاب» ناملىق شېئىرىم ئېلان قىلىندى. بۇ مەتبۇئاتتىكى تۇنجى قەدىمىم ئىدى. 2004-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ مەرىپەت باغچىسىدا مەن بىلىملىك ئۇستازلارنىڭ ئەقىل پاراسەت مېۋىلىرىدىن كۆپ بەھرىمان بولدۇم، ئۆزۈم ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇستاز قەلەمكەشلەرنىڭ، زىيالىيلارنىڭ مەنىلىك سۆھبەت، لىكسىيەلىرىگە كۆپ قېتىم داخىل بولدۇم. ئەدەبىيات كوچىسى ماڭا ئەقىدىلىك، ۋىجدانلىق، مەسئۇلىيەتچان دوستلارنى ئۇچراشتۇردى. ھايات مانا شۇنداق قىلىپ بارغانسېرى مەناسىنى تاپتى. 
    2006-
    يىلى باھاردا، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدىكى پەرۋىشكارلار ماڭا ئۆزۈمنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر ژورنالدا سەنئەت ئوبزورى، سۆھبەت خاتىرىسى، كۈي نەزمىلىرى (ناخشا تېكىستى) ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدىم. بۇ مېنىڭ كېيىنچە ئىجادىيەتتە كۈي نەزمىلىرى ساھەسىگە بەكرەك مايىللىقىمغا سەۋەب بولدى. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» ... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر، سەنئەت ئوبزورى، سۆھبەت خاتىرىسى، ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى. «سۆيگۈ كېرەك»، «سۆيگىنىگە تەگمىگەن قىزلار»، «چۆچەكلەر»، «ئانا يۇرت»، «سەھرا»، «سىز كەلسىڭىز»، «قارلىغاچ»، «مېھىر بەردىم سىزگە ئادەملەر» ... قاتارلىق 80 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم ناخشا قىلىپ ئېيتىلدى. 
    ھاياتقا، ئادەملەرگە ۋە ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت مېنى مەسئۇلىيەت بىلەن يېزىشقا ئۈندىمەكتە. ئاللاھىنىڭ ھىممىتى بىلەن مۇشۇ مەنزىللەرگە كەپتىمەن. ئامان بولسام، يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن.

     

    مەھمۇدجاننىڭ نۇرغۇن تېكىستلىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ، سەھنىلەردە ئورۇندىلىپ ناھايىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشىپتۇ. مەن ئىلگىرى ئىلگىرى بۇ ئىنىمىزنى ياشتا چوڭ، مەخسۇس ناخشا تېكىستى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ پەرەز قىلغانىدىم... بىلدىمكى، خاتالىشىپتىمەن. مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تەھرىرلەۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭدا بىر يوشۇرۇن ئىجادىي كۈچنىڭ تولۇپ ياتقىنىنى ھېس قىلدىم ۋە  ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەش، ئۇنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى كەڭ ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.

    ___ مەسئۇل مۇھەررىردىن

     

     

    سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى

     

    مۇھەببەت بېغىدا ۋايىغا يەتسەم،
    ئاڭلىنار سىز ئېيتقان چىن سۆيگۈ كۈيى.
    بىز ۋىسال تاپماستىن گەر ئۆلۈپ كەتسەم،
    سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى.

     

    ئادەملەر يەنىلا يولىغا راۋان،
    باھاردا تۇرنىلار پەرۋازى ئايان،
    چېھرىڭىز پىراقتا بولسىمۇ سامان،
    سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى.

     

    ياشلىقتا ئاشىقلىق مەڭگۈلۈك ئۇدۇم،
     
    قان رەڭلىك ئەتىرگۈل ئېچىلار چوقۇم،
     
    شۇ سەۋەب بىلىنمەس مېنىڭ يوقلۇقۇم،
    سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى.

     

    يۈرسىڭىز قەبرەمگە ياش تۆكۈپ زار-زار،
    بىر يىگىت سورايدۇ ھالىڭىزنى يار،
    ئېرىيدۇ بەرىبىر قەلبىڭىزدە قار،
    سىز مېنى ئۇنتۇيسىز ھامان بىر كۈنى.

    خەۋەر يوق

     

    سىزنى ئىزلەپ مەن كەزمىگەن شەھەر يوق،
    كۆككە بېقىپ ياش تۆكمىگەن سەھەر يوق.
    كەلدى چەكسىز يىراق كەتكەن تۇرنىلار،
    بىراق سىزدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق.

     

    يېشىل ياپراق خازانلارغا ئايلاندى،
    ئېگىز تاغلار توزانلارغا ئايلاندى،
    دەردلىك ئاھىم گۈلخانلارغا ئايلاندى،
    بىراق سىزدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق.

     

    دەريالارنىڭ مەنزىلى بار يىراقتا،
    سىزنى كۈتۈپ خىيالدىمەن قىرغاقتا،
    گۈل ياشلىقىم ئوخشاپ قالدى توزغاققا،
    بىراق سىزدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق.

     

    بۇ ئالەمگە سۆيگۈ ئۈچۈن كەلگەنمەن،
    كېچە-كۈندۈز ۋىسال ئىزلەپ يۈرگەنمەن،
    كەلمىسىڭىز، پىراقلاردا ئۆلگەنمەن،
    نېچۈن سىزدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوق؟

     

    2009 -يىل 27-ئاۋغۇست پەيشەنبە كېچە، باي.


    كېچەلمەيسىز مەندىن پەرىزاد

     

    قەلبىڭىزنى ئۆرتىگەن چوغمەن،
    كېچەلمەيسىز مەندىن، پەرىزاد.
    سۆيگۈ " ئاتلىق يىقىلماس تۇغمەن،
    كېچەلمەيسىز مەندىن، پەرىزاد.

     

    تۈنلەردە سىز سۈرگەن خىيالمەن،
    مەڭزىڭىزگە سۆيگەن شامالمەن.
    خىلۋەتتىكى شېرىن ۋىسالمەن،
    كېچەلمەيسىز مەندىن، پەرىزاد.

     

    مەن كەلمىسەم، ياشايسىز كۈتۈپ،
    ياشلىقىڭىز ھەسرەتتە ئۆتۈپ،
    كېتەر مەڭگۈ كۈلكىڭىز ئۆچۈپ،
    كېچەلمەيسىز مەندىن، پەرىزاد.

     

    بىر سىزگىلا يېشىلگەن سىرمەن،
    سىز ئېرىشكەن ھەيۋەت قەسىرمەن،
    ھۆسنىڭىزگە مەن ھەم ئەسىرمەن،
    كېچەلمەيسىز مەندىن، پەرىزاد.

    2008-يىل 21 – ئاۋغۇست پەيشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us