ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(2)

     

  • بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى(1)

  • «باھادىرنامە» رومانىدىكى ئۆلۈمگە ئائىىت بايانلار توغرىسىدا

    رۇقىيە قادىر

     

    ئاپتور : قەشقەر پېداگوكىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتىنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى يۆنىلىشى بويىچە 2010-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى

       

     «باھادىرنامە» رومانى يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يىرىك نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زور ھەجىمگە سىغدۇرۇپ كەلگەن مول مەزمۇن، ئۆزگىچە تىل، يۈكسەك بەدىئىي تىل، بەلگىلىك دۇنيا قاراش، تۇرمۇش، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىدى. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، «تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىلەن ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنىڭ تەخىت-سەلتەنەتكە ۋارىسلىق قىلىش، گۈللىنىش، زاۋاللىقا يۈزلىنىش ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشتەك تارىخىي جەريانى بۇ روماندا داستان (ئىپوس) خاراكتېرلىك يۇرۇتۇپ بېرىلگەن.» ①

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار (11)

    ئەخمەتجان خۇما

    باھادىرنامە ۋە قۇربان ئەمەت (24)

    قۇربان ئەمەت ئۇيغۇر نەسرچىلىك مۇنبىرىدىكى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۆزگىچە تالانتىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋاتقان ياش نەسرچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، ئەدەبىيات ھەققىدىكى يېڭىچە، ئىجادى قاراشلىرىنىڭ موللىقى بىلەنمۇ ھەمسۆھبەت بولغۇچىنى قايىل قىلىدىغانلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىپ تۇرىدۇ. مەن ھەر قېتىم قۇربان بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىنىمدا ئۇنىڭ تەلقىنلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايمەن ھەم ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن يېڭىچە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولىمەن. تۈنۈگۈن شۇنداق قۇتلۇق پۇرسەتتە يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھەم پارىڭىنى ئاڭلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.
      -ئەدەبىياتىمىزدا يازغۇچىشۇناسلىق بىر ئىلىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك ئىدى، -دىدى ئۇ كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۇر ۋە ئويلىنىشلارغا سالىدىغان تەلقىنلىرىنى باشلاپ،- بىزدە ئەدەبى تەنقىد مۇئەييەن بىر ئىزىغا چۈشۈپ بولالمايۋاتقان بولسىمۇ لېكىن يازغۇچىشۇناسلىقنىمۇ ئەدەبى تەنقىدنىڭ بىر قانىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىز ۋە تەنقىدچىلىكىمىز بىر پۈتۈنلىككە ئىگە بولغان ھالدا سېستىمىلىق ئىزىغا چۈشكەن بولاتتى.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(10)

     

    ئەخمەتجان خۇما

        

    ياسىنجان سادىق ۋە بابۇر (22)

     

    «بايانلار»نىڭ بېشىدا ياسىنجان «باھادىرنامە»نى يېزىش جەريانىدا ھېچكىمگە يان باسماي، ئورتاق ھالدا تارىخى شەخسلەر ۋە پېرسۇناژلارنى ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن، ھېچكىمگە ئېغىپ كەتمىگەن دەپ يازغان ئىدىم. لېكىن تۇيۇقسىزلا يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن بۈيۈك ئىستىلاچى مۇھەممەت زۆھۈررىدىن بابۇرنى باشقىچە مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن يېزىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدىم.بۇ خىل سەزگۈمنىڭ دەۋىتى بىلەن بابۇر ھەققىدىكى قۇرلارغا نەزەر سالغىنىمدا، ياسىنجاننىڭ بابۇرغا مايىللىقنىڭ سەۋەبى، بابۇرنىڭ روھىيىتى ۋە ۋۇجۇدىدىكى خىسلەت ۋە باھادىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(9)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (19)

    موغۇلىستان ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلىنى كىم كولىدى؟

     

     تارىخ بىزگە مىرزا ئابابەكرىنىڭ 40يىللىق دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق بىر قانخور ھۆكۈمدارنىڭ قانداقلارچە تەخت-سەلتەنەتنى قولغا ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئۇ ھىلە-مىكىر بىلەن تاغىسى مۇھەممەت ھەيدەر مىرزىنى ئالداپ يەكەن بىلەن خوتەننى تەسەررۇپىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، قانات-قۇيرىقى تەڭشىلىپ ھاكىمىيەتكە ئاشكارا ئىسيان بايرىقىنى كۆتىرىشكە پېتىندى. ئەجىباكى، ئۇ شۇنچە كۆرەڭلەپ يۇرتلارنى بېسىۋېلىپ ھاكىمىيەتكە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتسا مۇھەممەت ھەيدەر مىرزىدەك تەخت-سەلتەنەتنىڭ ساداقەتمەن ئۇلۇغى بولمىش ماڭلايسۆيە ئەمىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ دامىغا چۈشتى. پاكىت كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ يەنىلا مىرزا ئابابەكرىگە ئىشەنگەننى ئاز كۆرگەندەك ساداقەتمەن باھادىرلار ۋە ئەمىرلەرنى ھەيدىۋەتتى. بۇمۇ مەيلى دەيلى، سۇلتان يۇنۇسخان قانداق خاقان؟

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(8)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (16)

    «باھادىرنامە»دە ئىزچىللىق- ئەمىر خۇدايداد ھەزرىتىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى

     

    ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتتە شۇ ھاكىمىيەتكە چىن ساداقىتى ۋە ئەل-ئاۋامغا بولغان جاۋانىمەردلىكى بىلەن تەخت-سەلتەنەت ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئەمىر-سەركەردىلەرنىڭ بولىشى ھاكىمىيەت ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. موغۇلىستان ھاكىمىيىتىنىڭ تەۋرەنمەي تۇرالىشى ئۈچۈنمۇ ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدا سۈپۈرگە مىرزا، پولات باھادىر، ئالچىنبەگ... قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەر، باھادىرلار، ئەمىرلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھېچنىمىسى ئايىماي خىزمەتتە بولدى. بولۇپمۇ ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇغلۇق تۆمۈر زامانىدىن تارتىپ ئۇدۇمى جان پىدالىقى داستان بولغۇدەك ئۈزۈلمەس ئېقىننى ھاسىل قىلغان. يازغۇچى موغۇلىستان تارىخىنى يورۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ بەدىئى ئەمگىكى جەريانىدا بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بېرىشنى ۋە ئىزچىللىقنى روشەنلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغاچقا، ئەمىر خۇدايداد ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ نۇرانە سىماسى ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا ھەر قاچان نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(7)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (14)

    يۇنۇسخان تەختكە قانداق چىقتى؟

    سۇلتان ئۇۋەيىسخاننىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، يۇنۇسخان چوڭ ئوغۇل ھەم تۈركى قەۋملەرنىڭ سەلتەنەت قائىدىسى بويىچە تەخت ۋارىسى ئىدى. ئەمما سۇلتان ئۇۋەيىسخان قازاغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سەيدئەلى ئالپ ئۆزىنىڭ ئوردىدىكى نوپۇزى ۋە ھەيۋىسىگە تايىنىپ، ئۇنىڭ تەختىنى كىچىك خانزادە ئېسان بۇغاخانغا ئېلىپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى خىل سەۋەپ بار.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(6)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(12)

     

       يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ «باھادىرنامە»نى يېزىش جەريانىدىكى ئوي-خىياللىرىنى بىلىشكە قىزىقىپ قالدىم. بۇنىڭ سەۋەبى يازغۇچى 3-كىتاپنى تۈگەتكىچە بولغان جەرياندا نىمىلەرنى خىيال قىلغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ جەرياندا تەدرىجى تاكاممۇللۇققا قانداق كىرىشىپ قالغانلىقىنى بىلىش ئىستىكىمدۇر.
      يازغۇچى ياكى باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللانغۈچىلار بولسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، بىرەر ئىشنى باشلىغان چاغدىكى ھېسلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىچە بولغان جەرياندىكى ھېسلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى، بۈگۈن چوقۇم تۈنۈگۈندىن ياخشى بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ قەلىمى ۋە تەپەككۇرىغا دىققەت بىلەن زەن قويسام روماننىڭ باشلىنىشى كۈچلۈك ھاياجان ۋە قىزغىنلىق جىلۋىسىدە تاقەتسىزلىك چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئەلبەتتە، چۈشىنىشكە بولىدىغان تەبىئىلىك. كىممۇ مۇشۇنداق كاتتا بىر ئىشقا يۈزلەنگەندە ھاياجانلانماي تۇرالايدۇ؟

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(5)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدەبايانلار(10)

     

    دەرخكى، ھاياتلىق ئادەمگە نىمە قىسمەتلەرنىكۆرسەتمەيدۇ؟ تۈركىستان ۋە موغۇلىستاننىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلغان، جاھانئەھلىنى سۈر-ھەيۋىلىرى بىلەن تىز چۆكۈشكە مەجبۇر قىلغان باھادىر خاقانلارنىڭ كۆزيۇمۇشى بىلەن ئەسلىدىمۇ پارچىلىنىپ كېتىۋاتقان كەڭ زىمىننى تەپرىقچىلىكنىڭقاينىمىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھەر كىم ئۆزىنى قانۇنلۇق تەخت ۋارىسى سەپ قاراپ،تەخت-سەلتەنەتنىڭ دەۋاسىدا زىمىن جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇيىقىدا نالە قىلىشقا باشلىغۈان،بارلىق كەلگۈلۈك ئەشۇ تەخت-سەلتەنەتتىن تەمەيى يوق ئاۋامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىدىشۇنداق قىسمەتلىك جاھاندا ئاتا بىلەن بالا، ئاغا بىلەن ئىنى بىر-بىرىگە تىغتەڭلىشىپ تۇرماقتا. سۇلتان ئېسان بۇغاخاننىڭ تەختىگە كۆز تىكىپ تۇرغان يۇنۇسخانغاقاراپ كىشىنىڭ ئىچى ئاچچىق بولسا، تۇرۇپلا، كىملا دەۋران سۈرسە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟دىگۈسى كېلىدۇ.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(4)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(8)

     

      ئىككىنچى كىتاپنى ئوقۇپ بولغىنىمدا ئىختىيارسىز تۈردە سۇلتان ئۇۋەيىسخاننى ئەسلەپ قالدىم. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن باشلانغان جەڭگى-جىدەل ئايىقى چىقماس سەلتەنەت ماجراسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان بولۇپ، شۇندىن كېيىن تۈركىستان ۋە ماۋارائۇننەھردىن تارتىپ ئىران، ئىراققىچە تېنچلىقنىڭ دەپتىرى يېپىلىپ ئۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبى نىمە؟ سەۋەبى بىرلا بولۇپ، سەلتەنەتكە بولغان ئىنتىلىش. بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە تۈپكى ئىچكى ئامىل بولغىنى سەلتەنەت ۋارىسلىرىنىڭ بىساپالىقى ۋە كۆڭلى قارىلىقىدۇر.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(3)

     

    ئەخمەتجان خۇما

    (5)

        بىزدە «قول تېشىغا ئېگىلمەيدۇ» دىگەن ھېكمەت بار. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈنلا گەپ قىلىدۇ. بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى. بۇ خىل قانۇنىيەت ئەدەبىياتتا ئۆز پېتى ئىپادىسىنى تېپىپ قالسا تارىخى شەخسلەرگە، تارىخقا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچىدا يازغۇچىلىق مەسئۇلىيەتتىن باشقا تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلالايدىغان، تارىخى جەريانغا دىئالىكتىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارىيالايدىغان جۈرئەت بولىشى كېرەك. يازغۇچى ياسىنجان سادىق بۇ جەھەتتە ئېغىپ كېتىشتەك ئادىمىگەرچىلىك يولىنى ئەمەس بەلكى، تارىخقا ۋە تارىخى شەخسلەرگە باراۋەر ۋە ئادىل مۇئامىلە دادىل يولنى تاللىغان ۋە بۇ ئارقىلىق تارىخى تېمىدا ئەسەر يېزىشتا تارىخنى قانداق مەيداندا تۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار(2)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

    (3)

    رومانچىلىق تارىخىمىزدا ئىزچىل تۈردە يېتەكچىلىك ۋە سالماقلىق ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن تارىخى رومانچىلىقىمىز گەرچە ئوبراز يارىتىش جەھەتتە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك باھادىرلار ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ كېلىنۋاتقانلىقى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرسىمۇ، ئەمما ئىزچىل تۈردە ئاياللار ئوبرازىنى يارىتىشتا نىمە ئۈچۈندۇر سەل قارىلىپ كەلدى. يازغۇچى ياسىنجان سادىق «جاللات خېنىم» رومانىدا مەلىكە مۇھتىرەم خېنىم ئوبرازىنى يارىتىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان بولسا، بىرىنچى كىتاپتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلىكە سۇلتان خاتۇن، مەلىكە دۆلەت سۇلتان، مەلىكە ئۇز سۇلتان خېنىم، مەلىكە مەختۇمسۇلۇ قاتارلىق بىر قاتار ئاياللار ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ، بىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك سىماسىنى ئايان قىلدى.

  • «باھادىرنامە» ھەققىدە بايانلار (1)

     

    ئەخمەتجان خۇما

     

       يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ يېڭى بىرئەسىرى «باھادىرنامە»نىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. مانا ئالتە توملۇقرومان ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. مۇقاۋىسى كۆركەم ھەم جەلپ قىلارلىق ئىنشلەنگىنىدىنلاكىشىنىڭ كىتاپقا بىردىنلا زوقى كېلىدۇ. مەزكۇر رومان نەشردىن چىقىش ئالدىدا ۋە نەشرقىلىنىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن توردا ۋە جەمىيەتتە ئوبدانلا داۋرىڭى بولدى. ياخشى نىيەتلىك ئەدەبىيات ئاشىنالىرى ھەر خىل يوللار بىلەن ياسىنجاننى تەبرىكلىدى. بۇ گەرچە كىشىلەرنىڭ كىتاپنى كۆرمەي تۇرۇپ بەرگەن ئالقىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما بۇئالقىشلاردىن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە ۋە يازغۇچىلىق ئىستىداتىغائىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدىكى گەپ، كىتاپ قانچىلىك سېتىلار؟ كىتاپتائالقىشقا لايىق بىر نىمە بارمۇ؟

  • «قۇملار جىلۋىسى » نىڭ « جىلۋىدارلىقى» نەدە؟(2)

    ھەبىبۇللا مىجىت

    «ھەيران قالار دىمەڭ» ناملىق شېئىردىكى، شىئېرىي تىلدىن بالقىپ تۇرغان مەردانىلىق، قۇرۇلمىدىكى ئەپچىللىك ۋە ئۇنىڭ مەركىزىدە جۇلالىنىپ تۇرغان رەت قىلغۇسىز ھەقىقەت، ئوقۇرمەننى شائىرنىڭ ئويلىرىغا يېقىندىن ياندىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بىراق ئوقۇرمەن شىئېرغا ياندىشىش جەريانىدا، شائىرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن پىكىر دۇردانىلىرىنى سەمىگە سېلىپ قۇيۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىدۇ. شېئىردىكى مەنىلەر سەپىرى، ئوقۇرمەنگە بەدىئى تەسەۋۋۇرنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە پايانسىز بولغان ئالىمىگە يۈزلىنىپ، ئىلگىرى ئادەتلەنگەن پىكىر قىلىش ئوسۇلىمىزدىن ۋاز كىچىشىمىزنى، تەپەككۈردە تېخىمۇ دادىلىراق بۇلۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

  • «قۇملار جىلۋىسى » نىڭ « جىلۋىدارلىقى» نەدە؟(1)

    ھەبىبۇللا مىجىت

     

    كىچىككىنە بىر تال قۇم يالغۇز تۇرغاندا، كىشىنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما، ئىگىز-ئىگىز قۇم بارخانلىرىنىڭ جىلۋىسى، كىشىنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىدۇ. ئابا-ئەجداتلىرىمىز قەدىمدىن بۇيان تەكلىماكان نامى بىلەن ئاتالغان ئەشۇ پايانسىز قۇملۇقلاردىن تەبىئەت بىلەن گارمۇنىيىلىك بىردەكلىكىنى ساقلىغان ئاساستا، ئۆز رىسقىنى تېپىپ كەلگەن. كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغىدەك مەدەنىيەتلەرنى ئەشۇ قۇملۇقلاردا يارىتىپ، ئۈن-تىنسىز ھالدا يەنە شۇ قۇملۇقلارغا دەپىنە قىلۋەتكەن. قۇملۇقلار بىزنىڭ ياشاش ماكانىمىز. رىئاللىقىمىز. پارلاق مەدەنىيەتلىرىمىزگە ھەغدا گۇۋاچىمىز.

  • ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-4

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

  • ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-3

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

  • ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-2

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

  • ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر»-1

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)