ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-24

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر» -1 - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە «ئۈچ ئەڭگۈشتەر» -1

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىغىشلايمەن.

    ئۆمەرجان سىدىق (مىسكىن)

     

    1901-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سەھەردە، تۇرپان يېڭى شەھەردىكى ئاۋات سودا دۇكانلىرى جايلاشقان بىر كوچىدا، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ بوۋاق كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر يېڭى دېمۇكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، تىز پۈكمەس مەرىپەتچى، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىدى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نادانلىق، خوراپاتلىق، جاھالەت قاپلىغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خۇددى زۇلمەت كېچىدە ئىزقالدۇرۇپ ئۆتكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش تۈن باغرىنى قېلىچتەك كېسىپ ئۆتۈپ، قىسقا ھاياتىدا چەكسىز ھارارەت ۋە يورۇقلۇق تارقاتقان پىداكار ئەزىمەت ئىدى. بۇ يىللار دەل تالاي قىسمەت ۋە خۇسۇمەتلەرگە، غالىبىيەت ۋە زەبۇنلۇقلارغا، شان –شەرەپ ۋە ئارا-نومۇسلارغا ھامىلدار بولغان بۇ ئەزىزى تۇپراق ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان؛ نەچچە ئەسىرلىك تەپرىقىچىلىك، ئۇرۇش-نىزالار تۈپەيلىدىن خەلقنىڭ روھىنى ئىغىر جاراھەت بېسىپ، بۆلۈنگەن قوي پادىلىرىدەك ھەرتەرەپكە چېچىلغان؛ بىر تەرەپتىن كۆڭلى قارا، قولى قان، سىياسى سىھرىگەر ياڭ زېڭشىڭنىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىلا يەردە ئەرۋاھتەك سۆرۈلۈپ يۈرگەن لىچەك سالغان بۈۋىلەرنىڭ «ھۆ-ئاللا»سى. سوپى-ئىشانلارنىڭ زىكرى-ساماسى، تاپقاق بۈۋى، داخان، پېرىخۇنلارنىڭ خوراپاتلىق ئەقىلىدىلىرى بىلەن خەلق زالالەت ، جاھالەت تۈگمىنىدە چۆرگىلەۋاتقان دەۋر ئىدى. موشۇنداق قاراڭغۇ زاماندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ خەلىقنى ئويغۇنۇشقا، ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشكە، نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىردى ۋە يېتەكلىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ پىداكارلىغى، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بىغىشلاش روھى، شۇ يەردىكى، ئۇ تىجارەت دائىرسى چەتئەللەرگىچە كېڭەيگەن باياشات، مەرىپەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان. ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، پەزىلەت، خىسلەتلىرى بىلەن جەمئىيەتتە يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشكەن، توققۇزى تەل شارائىتتىمۇ ئازاپ چېكىۋاتقان خەلق ئۈچۈن ھەممە نېمىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ھاياتى بەدىلىگەخەلققە بولغان موھاببېتىنى، ئۆز ئېتىقادى يولىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى ۋە ئەۋلادلار قەلبىدە يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى. ئۇ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغاچقا ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھېكايىلەر خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يادلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ مارشىغا ئايلىنىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنوپ، شىمالىدا ياڭراپ، ئۇزاققىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىچە تارقىلىپ خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدىكى ئىلىمخۇمارلىقىنى، مەرىپەتپەرۋەرلىكىنى، تەرەققىيپەرۋەرلىكىنى ئۇنىڭ مەنۋىيتىدىكى «ئۈچ ئەڭگۈشتەر» دېيىشكە بولىدۇ.

    (1)

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىلىم-مەرىپەت، مەكتەپ دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدىغان، تالىپ، تالىبەلەر مەدرىسلەرگە تۆردىن بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىش ئۈچۈنلا كېرىپ، زىر-زەۋەر نىڭ سىرتىغا چىقالمايدىغان، باي بالىلىرى بايلىققا ئىشىنىپ ئوقۇمايدىغان، كەمبەغەلنىڭ بالىلىرى ماغدۇرى يەتمەي ئوقۇيالمايدىغان دەۋردە قىلچە بوشاشماستىن، ھەرقانداق جاپا –مۈشكۈللەردىن قورىقماستىن بىلىم، مەكتەپ نەدە بولسا شۇيەرگە بېرىپ ئوقۇدى. ئۆگەندى. ئوقۇشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ كۆپنى كۆرگەن نورغۇن خەلق چۆچەكلىرى، رىۋايەت، ئەپسانىلەرنى بىلىدىغان مېھرىبان چوڭ ئانىسى ئەرەمسىما خانىمنىڭ گۈزەل رىۋايەتلىرى ئىچىدە بالىلىق تۇيغۇلىرى قاناتلاندى. ئەرەبچە، پارىسچە، تىل-يېزىقتىن خەۋىرى بار، خەنزۇچىنىمۇ بىلىدىغان كىتابخۇمار ئاتىسى، ئۇقۇمۇشلۇق زات ئابدۇراخمان مەخسۇمنىڭ ئوقوپ بەرگەن كىتابلىرى، ئابدۇراخمان مەخسۇمنىڭ قېيناتىسى، ئابدۇخالىقنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجىنىڭ رۇسيەنىڭ شەمەي، قازان شەھەرلىرىدىن ئەكىلىپ بەرگەن يېڭىچە دەرىسلىكلەر مىجىت ھاجى ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرغان ئەدىبلەر سۆھبەتلىرىدە ئۆسۈپ يىتىلدى. توققۇز ياشقا كىرگەندە يېڭى شەھەردىكى مەدرىسكە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەدرىسنىڭ باش مۇددەرىسى ھەمدۇللا دامۇللام ئەينى چاغدا قەشقەر خانلىق مەدرىسدە ئوقۇشنى تاماملىغان، كېيىن بۇخاراغا بېرىپ ، بۇخارا مەدرىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن رۇسيىنىڭ ئوفا، قازان شەھەرلىرىدە ئىلىم –تەھسىل قىلغان داڭلىق تەرەققىيپەرۋەر زات ئىدى. ھەمدۇللا داموللام ئابدۇخالىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئېلىپ كۆرۈپ ، ئۇنىڭ زېرەكلىكىگە،  زېھنىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا،  ئىلىم ئۆگۈنۈشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە تىل-ئەدەبىيات، ئىلمىي تەجۋىد(قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ ئوقۇش)، ھېساب قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈشتىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىدىمۇ مەخسۇس دەرس ئۆتتى. 1914-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 13 ياشقا كىرگەندە چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى ئۇنىڭ ئىلىم ئۆگۈنۈشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇسكۇۋا ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن تاتار زىيالىي ئەلى ئىبراھىموپنى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلۇققا تەكلىپ قىلدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەلى ئىبراھىموپتىن ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە تايار تىلىنىمۇ ئۈگەندى. 1915-يىلى مىجىت ھاجى ئەلى ئىبراھىموپنىڭ تەكلىپى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى رۇسيەدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سودا كارۋانلىرى ۋە تۇرپان ئاستانىلىك مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر زات مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە شەمەيگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇيەردە يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز يازغان «بالدۇر ئويغانغان ئادەم-ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم خۇمارلىغى ھەققىدىكى بىر تەپسىلاتنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم. «...مىجىت ھاجى قازانغان كېلىپ، ئەتىسى ئابدۇخالىقنى ئىلىپ كوچىغا چىقتى. ئۇزۇن ماڭمايلا مىجىت ھاجىنىڭ ئىككى تاتار سودىگەر تونۇشى ئۇچىراپ قېلىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. دەل شۇچاغدا قوللىرىدا بىردىن كىتاب كۆتەرگەن ئىككى تاتار بالا نىرىدىكى سېرىق بىنادىن چىقىپ كەلدى. ئابدۇخالىق بالىلاردىن كىتابنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىۋېدى بالىلارنىڭ بىرى ‹ئاۋۇ كىتابخانىدىن› دەپ نېرىقى سېرىق بىنانى كۆرسەتتى. ئابدۇخالىق ‹دادامنىڭ گېپى تۈگىگىچە كېرىپ چىقاي›دەپ كىتابخانىغا كېرىپ بىر كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئابدۇخالىقنىڭ قىزىقىپ قالغىنى –موللا مۇسا سايرامىنىڭ 1904-يىلى قازاندا نەشىر قىلىنغان ‹تارىخى ئەمىنىيە› ناملىق كىتابى ئىدى.ئۇ كىتابقا بېرىلىپ كېتىپ چوڭ دادىسىنىڭ كوچىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا قورسىقى ئاچقانلىقنىمۇ تۇيمىدى. پەقەت كىتابخانا خىزمەتچىسى ‹چۈشلۈك تاماققا بارىمەن› دېگەن چاغدىلا پۇلنى تۆلەپ كىتابنى سېتېۋىلىپ كوچىغا چىقتى. كوچىدا چوڭ دادىسى كۆرۈنمەيىتتى. ئابدۇخالىق قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي تۇرغان چاغدا بىر دوقمۇشتىن چوڭ دادىسى بىلەن مەخسۇت مۇھىتى چىقىپ كەلدى. ئابدۇخالىقنى كۆرگەن مىجىت ھاجى ھاسىراپ تۇرۇپ:

      -سىزنى يىتۈپ كەتتىمىكىن دەپ ئىزدىگىلى نەۋاخ، -دېدى تىرىكىپ. ئابدۇخالىق قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى. مىجىت ھاجى كىتابنى كۆرۈپ ئاچچىقدىن ياندى-دە:

      -بوپتۇ، قازانغا كېلىپلا بىر خەيىرلىك سودا قىلىپسىز. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن يىنىمدىن ئاجرىماڭ،-دېدى.

      -بۇ بالىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى قارىماملا ھاجىم،-دېدى كېتىۋىتىپ مەخسۇت مۇھىتى،-چەتئەلگە چىقىپ تۇنجى قىلغان سودىسى كىتاب ئېلىش بوپتۇ.كىتاب-بىلىم باغچىسى. ئىنساننىڭ يىقىن دوستى. ئابدۇخالىق سىز ئەھمىيەتلىك سودا قىپسىز، بىراق ئۈن-تۈنسىز يوقلىپ كەتمەڭ!»

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر چوڭ دادىسى بىلەن شەمەيگە كەلگەندىن كىين، رۇسچە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى ۋە 1917-يىلى 6-ئايدا ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرىنى تاڭ قالدۇرۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئۈچىنچى يىللىققا كۆچتى. رۇسيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1918-يىلى 4-ئايدا سودا كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ تۇرپانغا قايتىپ كەلدى. 9-ئايدا يېڭى شەھەردىكى خەنزۇچە مەكتەپ شۆتاڭغا ئوقۇشقا كىردى. شۇ يىللاردا شۆتاڭدا ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى توڭچى (تەرجىمان) بولۇپ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كىرىش، ئەمەلدار بولۇش ئويىدا يۈرگەنلەر بولغاچقا كىشىلەر بالىلىرىنى شۆتاڭغا ئوقۇشقا بېرىشنى خالىمايىتتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولسا پەقەت بىلىم ئىگەللەش، خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنۈپ  بىلىمنىڭ يېڭى مۇندەرىجىسىنى ئېچىش ئۈچۈن شۆتاڭغا كىرگەن بولۇپ، بۇ مەقسىتېنى كېيىنكى ئەمىلىيتىدە ئىسپاتلاپ بەردى.  يەنى ئۇ شۆتاڭنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كىين ناھيە ئامبىلى ئالايىتەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، يامۇلدا ئېشلەپ قېلىشىنى ئېيتىقاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلىقنى نادانلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ، ئامبالنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەرەپ، پارس، تاتار، رۇس، خەنزۇتىللىرىنى ئىگىلىگەن ، موڭغۇل تىلىنى بىر موڭغۇل تونۇشى ئارقىلىق ئۆزلۈگىدىن ئۈگەنگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى دەۋىرنىڭ يىتۈك زىيالىيسىغا ئايلانغان بولسىمۇ يەنە ئۆگىنىشتىن توختاپ قالمىدى. 1923-يىلى 3-ئايدا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابلەتخاننى، ئېغىرئاياق ئايالى ئايىمخاننى ئۆيدە قالدۇرۇپ رۇسىيىدە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇت مۇھىتى، جامال مۇتئىلار بىلەن بىرگە يولغا چىقتى ۋە مەخسۇت مۇھىتىنىڭ مۇسكۇۋادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تونۇشى ئارقىلىق ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. 1926-يىلى 6-ئايدا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مېدال بىلەن موكاپاتلاندى. ئوقۇتقۇچىسى بۇ تالانىتلىق ئوقۇغۇچىسىنى موسكۇۋادا قېلىشقا دەۋەت قىلغاندا ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلىپ تۇرپانغا قايتىپ كەلدى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاغ داۋانلارنى ئېشىپ، تۆگە، ئاتلىق كارۋانلار بىلەن نەچچە ئايلاپ مېڭىپ، نەدە مەكتەپ، نەدە ئۈگىنىدىغان بىلىم بولسا، شۇيەردە ئوقۇش ئىرادىسى بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماي ۋە ئۇيالدۇرماي قالمايدۇ. مانا ھازىر شۇنداق ياخشى شارائىت، ئەۋزەل دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. ئوقۇيمىزلا دېسەك ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتەلەيدىغان ئىمكانىيەت بار. ۋەھالەنكى، بىرقىسىم بالىلىرىمىز ياشلىرىمىز ھە-دەپ ئوقۇشتىن قېچىپ ، ئوقۇشتىن بىزار بولۇپ، ۋاقتىنى بىكارچىلىق، ئويۇن تاماششا، ياكى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزمەكتە. موشۇنداق ياشلىرىمىزنى ئابدۇخالىقنىڭ روھى قورۇندۇرماسمۇ؟!


    收藏到:Del.icio.us