ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-06

    مەن توغرىلىق بىلىشنى خالامسىز ؟ - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

     مەن توغرىلىق بىلىشنى خالامسىز ؟

     

    ئىسمىم ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن. تور دۇنياسىدا ئىلگىرى Azizturk كېيىنچە rasheed نامىدا ئەدەبىيات – سەنئەت تېمىلىرىغا ئىزچىل ئىشتىراك قىلىۋاتقان، مەزكۇر «ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقاتى بىلوگى»نى شۇ ئىشتىياقنىڭ تۈرىتكىسىدە قۇرۇپ ماڭدۇرىۋاتقان دوستىڭلار بولىمەن. مەن توغرىلىق قىزىقساڭلار ئۇنداقتا «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى» دە مەن توغرىلىق چىقىرىلغان تۆۋەندىكى تېمىغا دىققىتىڭلارنى بېرىڭلار :

    كۆپ قىرلىق ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ئىگە ئۈمىدلىك ئاپتور ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن  1984-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى (تولۇق كۇرۇس)گە قوبۇل قىلىنغان. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىگە ئوقۇش ئالماشتۇرۇپ، 2008-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئوقۇش جەريانىدا ئىزچىل تىرىشىپ ھەر قايسى پەنلەردىن ياخشى نەتىجە ئېلىپلا قالماي، كومپىيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى، خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى، ئىنگىلىزتىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى ئالغان. ئالىي مەكتەپتە بىر قانچە قېتىم «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» ، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان. تولۇق كۇرۇس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 2008-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەرخىل ماقالىسى» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات يۆنىلىشىگە ماگىسىتىر  ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.

    ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىلا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېزىقچىلىق مۇسابىقىسىدە 1- بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قەشقەر» قاتارلىق ژورناللار ۋە ئالىي مەكتەپ گېزىتلىرىدە 20 پارچىغا يېقىن «تېڭىرقاش»، «يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا»، «كۆزۈمگە قارىما»، «سېنىڭ چېھرىڭ»(ئۇيغۇر قىزىغا) قاتارلىق شېئىر، نەسىرلەرنى، «ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ قوللىنىدىغان باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى»، «ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە پوۋېسىتلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئەدەبىيات تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ 2004-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇنبەرلىرىدە «ئەزىزتۈرك» تور نامىدا 200 پارچىگە يېقىن شېئىر، نەسىر، ھېكايە، ئەدەبىي ئوبزۇر، ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تور مۇنبىرى «سۇمرۇغ» نىڭ 10 يىللىقىغا تەييارلىنىپ نەشىرگە بېرىلگەن «سۇنىڭ سايىسى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا شېئىرى تاللانغان. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە «دۇنيا شېئىرىيەت مۇنبىرى» تورى بولغان «www.poemhunter.com» دا «چېقىلغان ئەينەكمەن»، «يوللار» قاتارلىق ئىنگىلىزچە شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ،  تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىنگىلىزچە مۇنبەردىكى «I am broken mirror» (چېقىلغان ئەينەكمەن) ناملىق شېئىرى ھىندىستاندا چىقىدىغان «سوۋغات» نامىدىكى خەلقئارالىق شېئىرىيەت نەشىرى ئەپكارنىڭ 2008-يىللىق 3-سانىدا 1873 نەپەر دۇنيا شائىرلىرىنىڭ ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئارىسىدىن تاللانغان 24 پارچە ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ بېسىلغان. (تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرۈڭ : http://theenchantingverses.weebly.com/issue-i-march-2008.html)

    يېقىندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات سەنئەت تەتقىقاتى بىلوگى»نى يېزىشنى باشلاپ، ئۆز ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ۋە ماقالىلىرىنى شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت تەتقىقاتى ئۈستىدىكى ماقالىلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ ئىلمىي يۈزلىنىشى ئۈچۈن كۈچىمەكتە.

    ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشىدە 2008-يىللىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.

    شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يارقىن دەملەرنى تىلەيدۇ

                                                                      ـــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

     

    ئەدەبىي ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنىڭ يارقىن، چۈشىنىشلىك بولۇشنى، تۇيغۇلىرىمغا ماسلاشقان كەيپىياتقا تويۇنغان بولۇشىنى قوغلاشتىم. ئاددى تىل بىلەن چوڭقۇرلۇقنى، بۈيۈكلۈكنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇندۇم. ئەدەبىي تەنقىدتە، باشقىلارغا بەرگەن باھا، پىكىرلىرىمدە ھامان ئادىل، ھەققانيلىقنى، پاكىتلىق بولۇشنى ياقىلاپ كەلدىم. چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرگە ئىكرام كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. بىراۋغا ئەگىشىپ «مۇرت» بولمىدىم، بىراۋنى مەخسەتلىك ماختاپ ياكى چۆكۈرمىدىم. يۇرتۋازلىقتىن قاچتىم. زىيادە «گۇڭگىلىق» ئۈچۈن، «ساپ سەنئەت» ئۈچۈن يۈگۈرمىدىم. رېئاللىقىمىزغا كۆپرەك كۆز يۈگۈرتتۈم. ئەدەبىيات - سەنئەتتە ھامان بىر روھىي پاكىزلىقنىڭ چاقىرىقى بارلىقىغا ۋە شۇنداق بولىشى كىرەكلىكىگە ئىشىنىپ كەلدىم. كىلاسسىكلارغا ئىنتىلدىم، زامانداشلىرىمغا مەستلىكىم كەلدى. ئەدەبىياتقا ھامان مەسئۇلىيەت بىلەن يۈزلىنىشكە تىرىشتىم ۋە شۇ قاراشنى ياقىلىدىم.

    ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت.

     

    چېقىلغان ئەينەكمەن

     

    ۋادەرىخ !چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا،

    سەن سوقۇپ ئۆتكەندە كۆزلىرىڭ بىلەن.

    يۈرەكتە ساقلىسام سەن ئۈچۈن بىر گۈل،

    كۈلمىگىن زاڭلىق قىپ ئەي شېرىن لىۋەن.

     

    چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا چېقىلغان،

    شۇ خىلۋەت، شۇ پىنھان ئەشۇ ياقىدا.

    ئۆزگىلەر بىلمەيدۇ مەن ھەم سۆيگۈمنى،

    پۇرىماس گۈلۈمنى كۆڭۈل زوقىدا.

     

    چېقىلغان ئەينەكمەن، ھەق راسىت چېقىلغان،

    تاشلاندۇق كىتابتا قالغان ئەپسانە.

    ھەتتاكى چۈشۈمدە نەزەر سالمايسەن،

    مىسرالار نەزەرسىز شۇنچە پىنھانە.

     

    چېقىلغان ئەينەكمەن چۇل چۇل چېقىلغان،

    ۋە بېراق ھەر پارچەم كۆرسىتەر پۈتۈن.

    كۆرسىتەر شۇنداق بىر سۈزۈك باھارنى،

    ھەم سۇنغان يۈرەكنى مەڭگۈ سەن ئۈچۈن.

     

    تېڭىرقاش

     

    كۆزلىرىم نېمىگە تويمايدۇ بۇ دەم،

    نە ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدۇ يۈرەك؟...

    چۈشۈمدە كۆرگىنىم قايسى بىر پەسىل،

    بىلمىدىم، نېمىدىن بەرگەندۇ دېرەك؟!

     

    ئېھ !، قاچان پورەكلەپ قالدى خىيالىم،

    گۈل پەسلى كەلگەننى نېچۈن بىلمىدىم؟

    كىم ئۈچۈن تۆتقۇلاق تەردىم سۈبھىدىن،

    بىلمىدىم، ئەزەلدىن شۇنداق زىلمىدىم؟!!

     

    جاۋاپقا ھەممىدىن مۇھتاجدۇرمەن بەك،

    تۇيغۇلار بىردەمگە ياتمايدىغۇ جىم.

    قېزىرىپ، ھودۇقۇپ، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،

    سورايمەن ئارانلا:«ئىشىك چەككەن كىم؟؟..».

     

    «تارىم»ژورنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

     

    داۋامىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ :

     

     

    http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=60&TopicID=458

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئىشلىرىڭزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن !
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复پەنجىر说:
    رەھمەت. ئاللاھ سىزنىڭ ھەم ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!
    2012-03-21 00:33:22
  • ئەسسالام ! مېنى ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قويمامسىز؟>>>>...
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تور دۇنياسىدا سىزگە ئوخشاش ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بىلەن تونۇشقانلىقىمىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، بىلوگىمىزنىڭ ئۇسلۇپلىرىمۇ يېقىن كىلىدىكەن ، ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق ...
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复chaghritekin说:
    تەشەككۈر! ئۇلىنىشقا قوشۇۋەتتىم. يوقلاپ تۇرۇڭ!
    2011-05-22 20:00:40