ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(3)

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

    تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن قارىغاندا، تارىخچىلىق بەدىئىي توقۇلما ۋە پاكىتسىز تەسەۋۋۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ رېئاللىققا سادىق بولۇش ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. تارىخچى ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلمىدىن ساقلىنىدۇ. خۇددى موللا مۇسا سايرامىنىڭ تارىخچىلىق تەجرىبىسىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ئۇنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدىكى تارىخىي پاكىتلار ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىزچىللىقى ئەمەس، بەلكى تارىخچىلىقنىڭ ئىمكانىيىتى ئىچىدە قانات يايغان.

  • تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(2)

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

    باشقا خەلقلەر، بولۇپمۇ رۇسلارنىڭ تارىخىي رومان تەجرىبىسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تارىخىي رومانلارنىڭ ۋەقەلىك ئامبىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكى بەزىدە تارىخىي روماننىڭ يېتەرسىزلىكىگە ئايلىنىپ قالغان.

  • تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك(1)

     

     

    ئاپتورى: ئەكبەر ئەمەت

    مەنبە: تارىم 2011-يىل 12-سان

     

    تارىخىي رومان بىر دۇنياۋى ئەدەبىيات ھادىسىسى بولۇپ، باشقا ئەللەردە تارىخىي رومان ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى ئىزدىنىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

  • ئەدەبي ئىجادىيەت ۋە مېتافىزىكىلىق رېئاللق

     

    پەرھات تۇرسۇن

     

    رېئالىزم تۇرمۇشنى، ھەقىقي رىئاللىقنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنداقتا ھەقىقي رېئاللىق زادى  نىمە ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك رېئاللىق تەسۋىرلەش ئوبيېكتىغا ئايلانغاندا ئۇ ھامان  تەسۋىرلىگۈچىنىڭ سوبيېكتىپئورنى تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . مەلۇم بىر خىل رېئاللىق مىڭ خىل ئادەمنىڭ ئاغزىدا مىڭ خىل بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممسى ئۆزلىرىنىڭ ئېتقانلىرىنى رېئاللىق دەپ تۇرىۋالىدۇ .  ھەممە ئادەمنىڭ ئېيتقىنى رېئاللىق بولسا  ئۇنداقتا رېئاللىق   چەكسىزمۇ؟ ئەگەر ھەممەئادەمنىڭ ئېيتقىنىنى رېئاللىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلسە، ئىنسانىيەت  دۇنياسىدىكى ئۆلچەم ۋە قىممەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىنىپ، ئىنسانىيەت تېخىمۇ  بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان مەنىسىزلىك شەكىللىنىشى مۇمكىن.  

  • شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟ (2)

    ئەزىز ھېيىت كۈن

    شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» مېنىڭچە قاتمال،ئۆلۈك ھالەتتىكى «مەن»بولماستىن ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان «مەن» دۇر. «مەن»نىڭ  تەۋەلىكى شېئىردىكىكونكىرت ۋاقىت،كونكىرت ئورۇننىڭ ئېھتىياجىغا   ئاساسەن بارلىققاكېلىدۇ. ئالمىشىدۇ. ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. «مەن» يىغىلىدىغان شۇنداقلا يېيىلدىغانئۇقۇم.

  • شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟ (1)

    ئەزىز ھېيىت كۈن

        ۋاقىت 2012-يىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.بىز ھازىرداتۇرىۋاتىمىز.ھازىرنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ «شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»كىم؟ » دىگەن سۇئالسورالسا 20-ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى تۇغۇلغانلارنىڭ  شۈھبىسىزكى « شائىرنىڭ ئۆزىبولماي يەنە كىم بولاتى؟» دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقى ھەم مۇشۇنداق ئاددى سۇئالنىسورامدۇ؟ دەپ رەنجىيدىغانلىقى ئېنىق.لىكىن شائىرنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىيەنى شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»نىڭ كىملىكى ھەرگىزمۇ يەككە شەخس ياكى بىرلا ئوبكىتبىلەن چەكلىنىدىغان تار مەنىدىكى «مەن» ئەمەس.

  • شېئىردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر

    مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى  ئۆزىنىڭ ئىخچام، جانلىق، نەپىس ۋە ئوبرازلىق بولۇشتەك روشەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىپ، يېڭى – يېڭى ھېس – تۇيغۇلارنى ۋە يېڭى – يېڭى ھېكمەت دۇردانىلىرىنى نامايان قىلىدۇ.

  • ئىككىنچى، ئوبرازلىق تەپەككۇر.

    ئوبرازلىق تەپەككۇرنى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنىڭ قانىتىغا سىمۋول قىلىش مۇمكىن. شېئىر ئىجادىيىتىدە كۈچلۈك ھېسسىيات، مول رەڭدارلىققا ئىگە شېئىرىي مۇھىت ۋە ئاكتىۋال شېئىرىي مۇددىئانى ئىپادىلەش ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر كىشىلىك ھايات ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ئۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق خام ماتېرىياللارغا قارىتا تاللاش، ئۆزگەرتىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىلىدۇ.

  • 2. شەكىل

    شەكىلنى شېئىرنىڭ تون – لىباسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات داۋامىدا، ئۆزىگە خاس شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك، بارماق ۋەزىنلىك بولسۇن ياكى چاچما شېئىر بولسۇن ناھايىتى كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە. نۆۋەتتە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا قارايدىغان بولساق، گەرچە مەزمۇن جەھەتتە كۆپ خىل، رەڭدار ۋە جەلپكار بولسىمۇ، لېكىن، قوللىنىۋاتقان شېئىر شەكىللىرى يەنىلا ناھايىتى ئاز.

  • 4. بوغۇم ( رىتىم )

    بوغۇم ( رىتىم ) ياكى ۋەزىن بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم ساندىكى بوغۇملار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شېئىرلاردا بوغۇم ( رىتىم ) نىڭ رولى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچى، ئېنېرگىيەسىدۇر. بوغۇم ( رىتىم ) خۇددى مۇزىكىدىكى قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان ئۇدارغا ئوخشايدۇ. ئۇ شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىر قانۇنىيەتلىك تەكرارلىنىدىغان بوغۇم( رىتىم ) ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان شېئىرىي مۇددىئا، ھېسسىيات ۋە بەدىئىي مۇھىتنى بىۋاسىتە تەسىرچانلىققا، ھاياجانلىققا ۋە مايىلچانلىققا ئىگە قىلىدۇ.

  • سۆزلەرنىڭ مەنە پۈتۈمى ھەققىدىكى تەتقىقات غەرب تىلشۇناسلىقىدا قۇرۇلمىزىم، تىل پىسخولوگىيىسى، سەنئەت لوگېكىسى قاتارلىق پەن ئېقىملىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئۆزىگە خاس مېتودنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل مېتودنىڭ يەنە بىر يۈزى يەنىلا شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدىغان مەنە ئېھتىماللىقىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل شېئىرىي ئىستراتېگىيە بىزگە ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شائىر، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ــ بورخېس (Jorge Luis Borges, 1889 - 1986) نىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدۇ:

  • ۋەھالەنكى، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» دە تۇرغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي قىممەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى سانالغان كونا كىملىك ياكى مەۋجۇت ھەقىقەتنى يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بېزەيدۇ، ئۇلارغا ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار قارىماققا، ئۆزىنى تىلغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، شېئىردا ھەرگىز غايىپ بولمايدۇ. ھەربىر مىسرا، ھەر بىر سۆزدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىگە ئايلانغان ھېسسىياتى ياكى ماشىنىلاشقان ئەقلى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوقۇرمەننى پىكىر قىلىشتىن، تۇيۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋەلەندۈرۈپ ماڭىدۇ.

  • شېئىرىي تىل ۋە سۆز

     ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان

      (ماقالە) 

        رەشىدتىن ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىنى بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم. ياش قەلەمكەش ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىزدىنىشىگە مەنسۇپ ماقالىنىڭ تېمىسى بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئويلىنىشلىرىمىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ. قېنى شېئىر ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمىز ئۈزۈلمىگەي.

  • خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟

    ئەگەر بىر تەرەپتىن، ئەدەبىياتنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشىدىغان بولدى (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك)، بۇنىڭ بىشارەتلىرىمۇ مەيدانغا چىقتى دېيىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەدەبىيات ياكى «ئەدەبىياتچانلىق» ئومۇميۈزلۈك، مەڭگۈلۈكتۇر (خۇددى مەن باشتا ئېيتقاندەك). ئۇ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرگە قارىتىلغان بىر خىل ئالاھىدە ئىشلىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرقانداق بىر دەۋردىكى ھەرقانداق بىر خىل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مەۋجۇت بولىدۇ. بىرىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات (بىر خىل غەرب كۇلتۇرى مىخانىزمى سۈپىتىدە) ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر خىل تارىخى تەقەززالىقنى قوبۇل قىلىشتىكى كونكرېت شەكلىدۇر. ئىككىنچى مەنىدىكى ئەدەبىيات بىر خىل ئومۇميۈزلۈك بولغان، جانلىق ئەدەبىياتنىڭ تىل ياكى باشقا بەلگىلەرنى قوللىنىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت.

  • مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

    ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈردى ياكى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىدى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەرلەرنى شەرھلىگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولانىد بارتىسنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» (25) سى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان رىشتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى (كونا كۆز قاراشلاردا ئاپتور بىرلىككە كەلگەن بىر ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ۋە ۋولف (26) دەپ قارىلاتتى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  • ئەدەبىياتنى نېمە مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟ 

    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىيات چوقۇم ھەمراھ بولۇشى زۆرۈر بولغان كۇلتۇر ئالاھىدىلىكى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىياتمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  • ئەدەبىيات دىندىن خالى سېھرىگەرلىك

    مەن «سېھرىگەرلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلەتتىم ھەم كىتابتىكى سۆزلەر ئوقۇلۇپ ئەدەبىياتقا ئايلاندۇرۇلغان چاغدىكى مەۋھۇم رىئاللىقنى ئېچىپ بېرىدىغان كۈچنى ئاتاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلەتمەكچىمەن. دۇرىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ھازىرقى زامان سېھرىگەرلىكى: دىندىن خالى سېھرىگەرلىكنىڭ كۇلتۇر كۈچى» دە سېھرىگەرلىك سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارىخى ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن ئىزدەندى. مەزكۇر تارىخنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇ رېنىسسانىستىن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان سېھرىگەرلىك ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  • ئەدەبىيات دېگەن نېمە

    ھىللىس مىللىر (ئامېرىكا)
    ئىدرىس نۇرۇللا تەرجىمىسى

     

    ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرى. ئامېرىكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بويىچە نوپوزلۇق شەخس، چۇۋۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.

  • ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق تەنقىدچىلىكى

    ئاپتور:  كېرىمجان ئابدۇرېھىم

    ئەخلاق تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت تەنقىدچىلىكىدىكى قوللىنىشچانلىققا ۋە ئومۇمىي ئېتىراپقا ئىگە تەنقىد تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل – تەتقىق قىلىش ۋە باھالاشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىغان، ئىجادىيەتتىكى ئەخلاق ھالقىلىرى، ئەخلاق نۇقتىسى، ئەخلاق ئۆلچىمى ئاساسىدا ئەسەرنى تەھلىلتەتقىق قىلىدىغان ۋە باھالايدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى كۆرسىتىدۇ.

  •  

    ﺷﯧﺌﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎگ

     

    ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚز - ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪر ۋە ﻣﯩﺴﺮالارﻧﯩﯔ ﻗﯘراﺷﺘﯘرۇﻟﻤﯩﺴﻰﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن، ﻣﻪزﻣﯘن ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ «ﺳﯩﻤﯟول» ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇ - ﺋﺎرﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻤﯟوﻟﻨﻰ ﺗﯘﻏﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﺎۋۋال ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪا ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪا ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪن ﺳﯩﻤﯟوﻟﻠﯘق ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯜرەت ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﻣﯘﮬﯩﺘﻠﯩﺮى ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻤﺎگ دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ.