ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-16

    شېئىرىي تىل ۋە سۆز——1 - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    شېئىرىي تىل ۋە سۆز

     ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان

      (ماقالە) 

        رەشىدتىن ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىنى بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم. ياش قەلەمكەش ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىزدىنىشىگە مەنسۇپ ماقالىنىڭ تېمىسى بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئويلىنىشلىرىمىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ. قېنى شېئىر ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمىز ئۈزۈلمىگەي.

         ئىنسانىيەتتە، مەڭگۈلۈكلىكىدىن ئەنئەنىگە، جەۋھەرلىكىدىن دائىم يېڭى شەكىلگە ئىگە بولغان بىر تىل لەھزىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ــ شېئىردۇر. شېئىر ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدىن پەيدا بولىدىغان ئۈچىنچى ھال ياكى تۇيغۇن بىرلىكنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى ئوقۇغاندا، تۇيۇش ياكى تۇيۇلۇش پائالىيىتى، بىزنىڭ ئوقۇرمەنلىك دەرىجىمىزنى مۇئەييەن دائىرىگە ۋە ئىچكىي بېسىمغا ئالغان بولىدۇ، ھەمدە ئاڭا پائالىيەت بوشلۇقى بەلگىلەپ بېرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

           دېمەك، تۇيۇش ياكى تۇيۇلۇشتىن ئاۋۋال، تۇيغۇنىڭ ھەرقانداق ئەسلەتمە ياكى تارىخىي تۈسنى، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ خىيال ياكى كەلگۈسى لايىھىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تۇيغۇ ماكاننى زامانغا زەرب بىلەن ئۇرىدۇ - دە، ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۈچ زاماننى ئۆزئارا زەنجىرلىگەن ئىدىيال تارىخىيلىق، بوشلۇقتىكى ئۈچ ئۆلچەملىك شەكىلنىڭ چۇۋۇلۇشىدەك، سوزۇلۇۋاتقان ۋە توزۇۋاتقان بىردىنبىر لەھزىگە ئۆزگىرىدۇ ياكى تۇيۇلۇش ئۇرۇنۇشىدىكى شەرەپلىك تۇزانلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ، يېڭى شائىر، تۇيغۇنى ئاتىماستىن، بەلكى ئۇنىڭدا ئاتالغاندىلا، يارىتىش ئىستىكى ئۆز قېنىشىغا ئېرىشىدۇ. مەنىسىزلىكمۇ ئەسلىدىكى كونا شەكلىنى يېڭىدىن يېڭى شەكىللەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. تۇيغۇنى ئاتاش ئەمەلىيەتتە، ئاتىلىش ياكى جەۋھەر مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئەقلىي ھۆكۈمگە ئېرىشىشنىڭ ئىپادىلىرىدىن بولۇپ، بۇخىل ئىپادە ئىجتىمائىيەت تۈسىدىكى مەقسەتچانلىقنى چىقىش قىلغاچقا، شېئىرىيەت، مەنىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق ئاسىيلىقنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تۇپرىقىدا 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كېلىپ، ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئاخىرقى 10 يىلىنىڭ بېشىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىمۇ دەل، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتنىڭ مەقسەتچانلىق خاراكتېرى ھەمدە مەزمۇن مەركەزچىلىكىدەك ھېسسىي باسقۇچىنى يېڭىلاش، شېئىرىي مەنىنى تىرىلدۈرۈش، شۇنداقلا، شېئىرنىڭ نېمىلىكىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئويلىنىش مۇھىتى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ يېڭى ئېقىمنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقارغان ئاۋانگارت ئۇستازلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇھىتىدا تۇرغۇنلۇق، بېكىنمىچىلىك شەكىللىنپ قالغان، بىر بۆلۈكلىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىجادىيەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم ياشلار بۇ ئېقىمنىڭ غوللۇق قەلەمكەشلىرىدىن بولۇپ قالدى ھەمدە شېئىرىيەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ گۈزەللىكى ياراتتى. بىراق، بۇ يۈزلىنىشكە ئەگىشىپ، يېڭى شېئىرنى قارغۇلارچە دورايدىغان، تەقلىد قىلىشتا تاشقىي ئامىللارنى ئاساس قىلىۋالىدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى شېئىرلارنىڭ ئەسلىدىكى مەنە چۈشەنچىسى ئېتىبارنىڭ سىرتىدا قېلىپ، سۆزلەرنىڭ گۇڭگىلىقى، مىسرالارنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى، يەنى شەكىل جەھەتتىكى يېڭىلىق ئالدىنقى قوغلىشىش نىشانى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدىكى ئاكتىپ يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن پاسسىپ يانداشما قاراشلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ بارغانچە چوڭىيىپ كەتتى.

           بىزنىڭ يېڭى شېئىرىيەت ھەققىدىكى كونا چۈشەنچىلىرىمىزدە، شېئىرنىڭ «نېمە» لىكىدىن ئاۋۋال «قانداق» لىقى باش كۆتۈرگەن بولغاچقا، تۇيغۇ بىلەن بەزى شېئىرلار ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق كۆۋرۈك بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ تېكىستلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇيغۇغا ئەمەس، يەنىلا ئەنئەنىۋىي ھاياجانلىق ئاڭغا، يەنى ھېسسياتقا ياكى ۋاقىتلىق ئەقلىي يەكۈنگە تۇتاشقان بولىدۇ. شۇڭا، بەزى شائىرلار تەرىپىدىن كېڭىيىشچان ئاتالمىغا ئايلىنىۋاتقان «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» ياكى «سۆز ئويۇنى» نىڭ ئەسلى مەنىسىنى كۆرۈپ چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.

            ئەسلىدە، ھەقىقىي شېئىر (بىزچە يېڭى شېئىرىيەت) غا نىسبەتەن، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» نىڭ ئۆزى، بۇ ھەرىكەتنى قوزغاۋاتقان شائىرنىڭ تېخىچە ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت تۇپرىقىدا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغان ئۇقۇملار بىرلىكى بولۇپ، بۇ قاراشنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

         تىل پارچىلاش ھەرىكتى ــ ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتتىن يېڭى شېئىرىيەتكە كۆچكۈچىلەرنىڭ، تەقلىد قىلىش، ماسلىشىش، ئىچكىي قۇرۇغدىلىش ۋە بۇ جەرياندىكى تاشلاپ كېتىلگەن ئەنئەنىۋىي قىممەتنىڭ قايتارما تىنجىتىشىدىن ئۈنۈملۈك قوغدىنىش ئۈچۈن تاللىۋالغان ۋاقىتلىق ماكان (ئۆتەڭ) ى بولۇپ، كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى، بۇ ئۆتەڭگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، سەپەر جەريانىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ (قەلەمنى تاشلايدۇ). بۇ ئۆتەڭگە ئۇلىشالىغان ھاياتلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن، خۇدىنى يوقاتقان، ياكى ئەسلىدىكى كونا ئولتۇرىقىنى سېغىنىپ مەيۈسلۈككە پاتقان بولۇپ، بۇ ئۆتەڭدىن كۆز يەتكۈسىز يىراقلىقتا ئۆزلىرىنى چاقىرىۋاتقان، ئاخىرى بولمايدىغان ئاداققىي مەنزىلگە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قىيا باققىنىچە، مۇشۇ ماكاننى يېڭى شېئىرىيەتنىڭ مەنزىلى ياكى ئاخىرقى ماكانى دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق ئامالسىزلىق ۋە قارىقۇيۇقلۇق بىلەن تاللانغان ئاتالمىش «شېئىرىي مەنە» يېڭى شېئىرىيەت كۆزلەۋاتقان «مەنە» دىن تولىمۇ يېراقتا، يەنە كېلىپ، ئەنئەنىۋىي «شېئىرىي مەزمۇن» دائىرىسىدە بولغاچقا، شېئىرىي مەنە، ئۇلار تەرىپىدىن تولۇق ئاڭقىرىۋېلىنمايدۇ - دە، يېڭى شېئىرنىڭ نېمىلىكى قوغلىشىلماي، قانداقلىقى كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق تېكىستلەردە دەبدەبە ۋە سۆز ئويۇنلىرى ئومۇمىيلىقنى ئىگەللەيدۇ. گۇڭگالىقتىن ئىبارەت تاشقىي خۇسۇسىيەت ئاساسىي مىلودىيەگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سۆز بىلەن سۆز ئارىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتلەردە، سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنىڭ ئورنىدىن قوزغىلىشى ياكى يەنە بىر سۆز مەنىسىگە سىلجىش مۇساپىسى نەزەردىن چەتتە قالىدۇ، لېكسىكىلىق مۇناسىۋەت ۋە گرامماتېكا ئېتبارغا ئېلىنمايدۇ.

         يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە ئۇرۇنغۇچىلارغا ئەسلىتىدىغان بىرىنچى پارولى ــ «شېئىرنىڭ نېمىلىكى» دۇر. يېڭى شېئىرىيەتكە ئۇرۇنغۇچى ئاۋۋال شېئىرنىڭ «نېمە» لىكىنى ئەسلىيەلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ شېئىرىي مەنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تۇيالىسا، يېڭى شېئىرىيەت ئۇنىڭغا ئۇنتۇلغان ئۆزگىچىلىكىنى ياكى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان نەزەربەنت ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئەركىنلىك قۇياشىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا، ئۆزىنىڭ ئۆزگە ئىكەنلىكىنى تۇيغۇچى شائىرنىڭ قارشىسىدىكى كونا ئىجتىمائىي كىملىك  ياكى ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى، شېئىرلاردا دېيىلىش ئالدىدا تۇرغان «مەنە» ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا گۇۋاھ بولغان شائىرمۇ، ئىپادىلىگۈچىلىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ، ياراتقۇچىلىق شەرىپىنىڭ ھەقدارىغا ئايلىنىدۇ. بىز ئۇلۇغلاۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى شېئىر، مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

           شېئىرىي تىلدىكى «پەلسەپىۋىيلىك» بولسا، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەتكە نىسبەتەن، ھازىرغا، ئۆتكەن زامان چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت قايتىلاش تراگېدىيىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئەنئەنىۋىي ئوقۇرمەن شېئىردىن «پەلىسەپىۋىي پىكىر» ئىزدەش ئۈچۈن ئاۋۋال پەلىسەپىگە، ئاندىن شېئىرغا خىيانەت قىلىدۇ. چۈنكى، پىكىر ــ كىشىلەرنىڭ شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قايتۇرغان ساددا ئىنكاسى بولۇپ، ئۇنىڭدا پەلىسەپىۋىيىلىك بولمايدۇ. پەلىسەپە بىلمەسلىكتىن باشلىنىدۇ، پىكىر بولسا، ھۆكۈمنىڭ ئاددىي شەكىللىرىدىن بىرى. ئۇ، مۇئەييەن چەك ئارقىلىق ئۆز گەۋدىسىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە بىلىمگە ئوخشاشقا ئىنتىلىدۇ. پەلىسەپە ئەقىلنىڭ رادىكال خاراكتېرىنى گۇمان ئارقىلىق كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا، بىز، تىلدىن «پەلىسەپىۋىي پىكىر» ئىزدەلگەن شېئىرلارنى ئوقۇرمەنلىك نۇقتىسىدا ھەقىقەتەن ئەقلىي يەكۈنلەر تىزمىسىغا ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇرمىز. يەنە كېلىپ، تۇيغۇ ــ ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ يۈكسەك بىرلىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەقىل ھەقىقەتنى نىشان قىلسا، ھېسىيات  ئىشەنچنى مەركەز قىلىدۇ. تۇيغۇ شېئىر ئارقىلىق ئالدىنقى ئىككىسى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە (مۇددىئا)نىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغاندىن سىرت، ئۇنى ئۆزى خالىغانچە ياساپ چىقىدۇ. بۇ نۇقتىدا، شائىرنى تىل باياۋىنىدىكى ئازغۇنغا ياكى تەنھا سەيياھقا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن.

    分享到: