-
2011-04-16
ھايات تىترەپ كەلمەكتە تۈندىن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
ھايات تىترەپ كەلمەكتە تۈندىن
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
يوللار راسىتلا ساچىڭدۇر بەلكىم،
سېھرى بىلەن باغلىغان مەھكەم.
تەكرار-تەكرا چاقىرىپ سېنى،
مەن يوللاردىن كېلىمەن ئەركەم.
سەن يوق بۇ دەم كوچىلار قۇرۇق،
ئالدانغانمەن زىل بىر تۇيغۇغا.
سىمايىڭنى ئىزلىسە كۆزۈم،
يۈرەك تەشنا شېرىن سۆيگۈگە.
قېنى سېنىڭ سىرنىدەك ھىدىڭ؟...
خۇش پەسىللەر كەتكەنمۇ بۇندىن؟!...
مۇھەببەتنىڭ ئاپتاپىسىز دات!!!
ھايات تىترەپ كەلمەكتە تۈندىن.