-
2011-05-23
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 12 (رۇجۇئ) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 12 (رۇجۇئ)
12.رۇجۇئ
رۇجۇئ−ئەرەبچە «قايتىش» مەناسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىرىيەتتە شائىرنىڭ ئالدىنقى مىسرا ياكى بېيىتتا ئىپادىلىگەن پىكرى، قوللانغان بەدىئىي تەسۋىرى ۋاستىسىدىن قايتقاندەك بولۇپ، كېيىنكى مىسرا ياكى بېيىتتا ئۇنىڭغا قارىغاندا كۈچلۈكراق ئىپادە، شېئىرىي سەنئەتنى كەلتۈرۈش ياكى ئالدىنقى پىكىرنى ئېنىقلاشتۇرۇش، تولدۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئېنىقراق ئېيىتقاندا مۇمتاز شېئىرىيىتىمىزدە رۇجۇئ ئۇسۇلى تەشبىھ قوللىنىلغان مىسرالاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
-
2011-05-23
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 11 (لەف ۋە نەشرى) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 11 (لەف ۋە نەشرى)
11.لەف ۋە نەشر
«يىغىش ۋە يېيىش» مەناسىنى ئىپادىلىگۈچى ئۇشبۇ سەنئەت شېئىر بېيىتىدىكى بىرنەچچە نەرسە ياكى چۈشەنچە نامىنى قاتمۇقات كەلتۈرۈپ، كېيىن ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى قاتمۇقات بايان قىلىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، ناملىرى تىلغا ئېلىنغان نەرسە ياكى چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇپ، كۈچەيتىپ تەسۋىرلەشتۇر.
-
2011-05-17
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ10 (تەلمېھ) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ10 (تەلمېھ)
10.تەلمېھ
تەلمېھ «نەزەر سالماق» دېگەن مەنىدە. شېئىر ياكى نەسىردە مەشھۇر تارىخىي ۋەقەلەر، ئەپسانىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى ماقالىلەرگە ئىشارە قىلىش سەنئىتىدۇر. شائىرلار مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە كۆپىنچە شەرقتە كەڭ تارقالغان «پەرھات-شېرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «ۋامۇق ئۇزرا»، «تاھىر-زۆھرە» كەبى قىسسەلەر، داستانلارنىڭ قەھرىمانلىرى نامىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
-
2011-05-17
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ9 (ئىنتاق) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ9 (ئىنتاق)
7.ئىنتاق
«سۆزلىتىش»، «گەپ قىلىش» مەئناسىدىكى ئىنتاب سەنئىتى بەدىئىي ئەسەردە ھايۋانلار ياكى جانسىز نەرسىلەرنى ئادەملەرگە ئوخشىتىپ سۆزلىتىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. جۈملىدىن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «لىسانۇتتەيىر» داستانىدا قۇشلار ئادەملەر كەبى سۆزلىتىلگەن.
-
2011-05-12
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ8 (تەشخىس) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 8 (تەشخىس)
8.تەشخىس
تەشخىس−«جانلاندۇرۇش» يەنى ھايۋانلار، قۇشلار، جانسىز نەرسىلەرگە ئىنسان خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆچۈرۈش سەنئىتىدۇر.
-
2011-05-12
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 7(تەجاھۇلى ئارىفانە) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ7 (تەجاھۇلى ئارىفانە)
7.تەجاھۇلى ئارىفانە
«بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇشبۇ شېئىرىي سەنئەت شائىرنىڭ بېيىتتا ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقان بىرەر ئوبرازلىق ئىبارىنى ئېنىق ئېيىتماستىن، ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغاندەك كۆرسىتىشى نەزەردە تۇتۇلغان.
-
2011-05-07
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 6 (ھۇسنى تەئلىل) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 6 (ھۇسنى تەئلىل)
ھۇسنى تەئلىل
ھۇسنى تەئلىل ئەرەبچە «چىرايلىق دەلىللەش» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان بىرەر ھادىسىگە شائىرانە بىرەر سەۋەب كۆرسىتىش سەنئىتى شۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ.
-
2011-05-07
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 5 (تەمسىل) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 5 (تەمسىل)
تەمسىل
تەمسىل «مىسال كەلتۈرۈش» مەنىسىنى بىلدۈرۈپ، شېئىر بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا ئىپادىلەنگەن پىكىرگە دەلىل سۈپىتىدە ئىككىنچى مىسرادا ھاياتىي بىر ھادىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە ئاساسلانغان سەنئەتتۇر.
-
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 4 (تەشبىھ)
تەشبىھ − شەرق ئەدەبىياتىدا كەڭ تارقالغان سەنئەتلەردىن بىرى بولۇپ، «ئوخشىتىش» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككى نەرسە ياكى چۈشەنچىنى ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ھەقىقىي(رېئال) ياكى مەجازىي مۇناسىۋەتلەرگە ئاساسەن ئوخشىتىش سەنئىتىدۇر.
-
ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 3 (مۇبالىغە)
مۇبالىغە تەبلىغ، ئىفراق، غۇلۇۋۋ دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
تەبلىغ ئەقلەن ئىشىنىش مۇمكىن بولغان، ھاياتتا ھەم يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان مۇبالىغىلەردۇر.
ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «كەلمىدى» رادىفلىق غەزىلىدىكى: