ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-23

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 11 (لەف ۋە نەشرى) - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟ـ 11 (لەف ۋە نەشرى)

    11.لەف ۋە نەشر

    «يىغىش ۋە يېيىش» مەناسىنى ئىپادىلىگۈچى ئۇشبۇ سەنئەت شېئىر بېيىتىدىكى بىرنەچچە نەرسە ياكى چۈشەنچە نامىنى قاتمۇقات كەلتۈرۈپ، كېيىن ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى قاتمۇقات بايان قىلىشنى نەزەردە تۇتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، ناملىرى تىلغا ئېلىنغان نەرسە ياكى چۈشەنچىلەرنى ئاشۇرۇپ، كۈچەيتىپ تەسۋىرلەشتۇر.

    ئاۋۋال تىلغا ئېلىنغان(يىغىلغان) ناملار تەرتىپ بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكۈملەر تەرتىپى مۇناسىۋىتىدىن كۆرە لەف ۋە نەشر «مۇرەتتەب»(تەرتىپلىك) ۋە «نامۇرەتتەب» ياكى «غەيرى مۇرەتتەب»(تەرتىپسىز، تەرتىپلىك بولمىغان) تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

    مەسىلەن:لۇتفىنىڭ

    قاشىڭ، ئىرنىڭ، يۇزۇڭ، ئاي رەشك رىزۋان،

    ھىلالۇ كەۋسەرۇ باغى جاناندۇر.

    بېيىتىنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا لەفدە ئاۋۋال قاش، كېيىن ئىرى(لەۋ)، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز تىلغا ئېلىندى. ئىككىنچى مىسراسىدىكى «نەشر» يەنى مەھبۇبە ئەزالىرى ھەققىدىكى ھۆكۈملەر تەرتىپلىك يوسۇندا بىرىنچى مىسرادىكى سۆزلەرگە ماس كېلىدۇ. يەنى بىرىنچى مىسرادىكى بىرىنچى سۆز «قاش» سۆزىگە ئىككىنچى مىسرادىكى بىرىنچى سۆز «ھىلال» تەشبىھى، بىرىنچى مىسرادىكى ئىككىنچى سۆز «ئىرى»(لەۋ) سۆزىگە ئىككىنچى مىسرادىكى ئىككىنچى بولۇپ كەلگەن «كەۋسەر» تەشبىھى، بىرىنچى مىسرادىكى ئۈچىنچى سۆز «يۇزۇڭ» سۆزىگە ئىككىنچى مىسرادىكى ئۈچىنچى سۆز «باغى جانان» تەشبىھى ماس بولۇپ كېلىدۇ.

    ئەتايىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇب بولغان

    ياد قىلماس زۇلفۇ رۇخسارۇ خەتىڭنى كۆرگەلى،

    لالەيۇ نەسرىنۇ سۇنبۇل بىرلە رەيھاندىن كۆڭۈل.

    بېيىتىدىكى لەف ۋە نەشر بولسا، نامۇرەتتەب(تەرتىپسىز) سانىلىدۇ. زەرا، بىرىنچى مىسرادىكى بىرىنچى بولۇپ كەلگەن «زۇلف» سۆزىگە ئىككىنچى مىسرادىكى بىرىنچى بولۇپ كەلگەن «لالە» تەشبىھى ماس كەلمەيدۇ، «زۇلف»قا ئۈچىنچى بولۇپ كەلگەن «سۇنبۇل» تەشبىھى مۇناسىپ كېلىدۇ. بىرىنچى مىسرادىكى ئىككىنچى بولۇپ كەلگەن «رۇخسار» سۆزىگە بولسا، ئىككىنچى مىسرادىكى بىرىنچى بولۇپ كەلگەن «لالەيۇ نەسرىن» مۇناسىپ كېلىدۇ. بىرىنچى مىسرادىكى ئۈچىنچى بولۇپ كەلگەن «خەت» سۆزىگە بولسا، ئىككىنچى مىسرادىكى تۆتىنچى بولۇپ كەلگەن «رەيھان» تەشبىھى ماس كېلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ بېيىتتىكى لەف بىلەن نەشرنىڭ تەرتىپى ئۆزئارا ماس كەلمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بابۇرنىڭ

    ئاغزىيۇ ئىككى زۇلفىيۇ قەدى بولمەسە ماڭا،

    رەيھانۇ سەرۋۇ غۇنچە كۆرەردىن مەلالدۇر.

    بېيىتىدىكى لەف ۋە نەشر ھەم يۇقىرىدىكى بېيىتتىكىدەك بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ.

     

    ئەنۋەر ھاجى ئەھمەدوۋ: شېئىرىي سەنئەتلەرنى بىلەمسىز؟

    «شەرق» نەشرىيات-مەتبەئەسى ھەسسىدارلىق شىركىتى باش تەھرىراتى تاشكەنت 2001-يىل نەشرى

    داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

    ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :

    ئوبۇلقاسىم مەمەت (شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە  ئىنىستىتۇتى ماگىستېرانتى)

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ماگىستىرانتى)

    (ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن: بۇ يەرگە ئىككى ئىلىك قوشۇمچە قىلىدىغىنىمىز، مەزكۇر تەرجىمە تامام بولغان بولسىمۇ، تۈزىتىپ يوللاش، ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قەدەممۇ - قەدەم چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە ھەپتىدە بىر بۆلۈكتىن قىلىپ ئەزىزتۈرك بىلوگىغا يوللىنىدۇ. بۇ تېمىنى باشقا بېكەتلەرگە يوللاش رەت قىلىنىدۇ. )

     

     

    分享到: