ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-05-23

    ئەسلىمە - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئەسلىمە

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

     

    مېنى ئويلىغان بولىشى مۇمكىن،

    چۈشۈمگە كەلگەن،

    يېراقتا قالغان ئۈرۈكزار باغلار.

    نە گۈزەل ئىدى شۇ شېرىنلىك،

    يامغۇردىن كېيىن جۇلالاپ تۇرغان

    شاخ ئارىسىدىن

    نازۇك مېۋىگە قول سوزغان چاغلار.

     

    قېنى

    مومامنىڭ بېغىدىكى ئاشۇ تايتاڭ بوۋاق

    ئاشۇ مەي باغلاپ يەرگە تۆكۈلگەن ئۆرۈكلەرنى

    سۈرىتمەي تۇرۇپلا ئېغىزىغا خىرامان سالغان.

     

    قېنى فىلىملەردىن ئۆگىنىپ «گۇمپا»،

    ئاجىز شاخقا ئاسقان خالتىنى

    ئوماق مۇشتلىرى بىلەن سۆيگەن چاغلار.

     

    يەنە تېخى ئاشۇ قۇچاق يەتمەس ئۆرۈك بوۋاي

    ئەسلەمدىكىن ئۆتكەن پەسىلنى

    ئۆزىنىڭ تاتارغان قوۋزاقلىرىغا قاراپ.

    ئەسلەمدىكىن سېغىزخان ئانا

    بالاپانلىرىنىڭ چۇرقۇراشلىرىنى كۆرسە،

    توپا يېغىپ تۇرغان ئاشۇ كۈننى.

    ئاقكۆڭۈللۈكىدىن قاراپ – قاراپ قويۇپ

    ئۇۋىسى بېشىدىن چۈشۈپ كەتكەن بالىنى.

     

    جىگىدىنى كۆپ چانىۋتسەم قۇرۇپ قالغانتى،

    ئەسلى مومامغا يىلىم چىقسۇن دېگەن ئىدىم.

    يىلىم چىقماي «ئۆلۈم» چىققانتى.

     

    خوشنىمىزنىڭ بېغىغا تېرىغان قوغۇن

    كۆز قىسىپ چاقىراتتى،

    مەن ئۇنى نەچچە قېتىم خىيالىمدا ئۈزگەن ئىدىم.

    راسىت ئۈزگىنىمدە

    خوشنامنىڭ ئوماق قىزى خاپا بولغان

    مېنى ئوغرى كۆرۈپ.

     

    ئەمما

    كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇمۇ قوغۇنىنى مېنىڭ ئۈزۈشىمنى ساقلىدى،

    چۈنكى مەن بىر سۆيۈملۈك ئوغرى ئىدىم،

    ئۇنىڭغا گۈلە، قاق بېرەتتىم

    شۇ قاقلار بەك شېرىن ئىدى....

    ئۇ قاقلارنىمۇ سېغىنىپ قالىمەن،

    خوشنامنىڭ ئەرگە تىگىپ كەتكەن قىزىنى ئويلىسام.

     

    قىزلار مازار بويىدىن قورقاتتى،

    بىز ئوغۇللارنى ساراڭ دېيىشەتتى

    بىر توپ بولۇپ

     قەبرە بېشىدىكى ئۈجىمىلىكتىن ئۈژمە يەپ كەلسەك.

    شۇ ئۈژمىلەر ئەجەپ شېرىن ئىدى

    بىز يېسەك ئۆلگەنلەرنىڭ گۇناھى ئازلايتى،

    بۇنى مومام دەپ بەرگەن ئىدى.

     

    سۇغا چۆمۈلەتتۇق

    مەھەللىمىزدىكى ئۆستەڭنىڭ قىزىل سۈيىگە.

    گۈلدەك ئېقىپ كەتكەن ئىدى

    قاسىم دېگەن بىر بالا.

     

    بۈگۈن يېراق شەھەردە،

    ئىگىز بىنادا،

    خىيالىمدا شۇنداق گۈزەل باغلارنى ئىزدەيمەن.

    بىلىمەن رېئاللىق دېگەن خىيالدەك گۈزەل بولمايدۇ،

    خىيال دېگەن رېئاللىقتەك قاتتىق بولمايدۇ.

     

    分享到: