ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • سۆزلەرنىڭ مەنە پۈتۈمى ھەققىدىكى تەتقىقات غەرب تىلشۇناسلىقىدا قۇرۇلمىزىم، تىل پىسخولوگىيىسى، سەنئەت لوگېكىسى قاتارلىق پەن ئېقىملىرىدىن پايدىلانغان ئاساستا ئۆزىگە خاس مېتودنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل مېتودنىڭ يەنە بىر يۈزى يەنىلا شېئىرىي تىل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىدىغان مەنە ئېھتىماللىقىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىپ تاللىۋالغان. بۇ خىل شېئىرىي ئىستراتېگىيە بىزگە ئارگېنتىنالىق مەشھۇر شائىر، يازغۇچى ۋە تەرجىمان ــ بورخېس (Jorge Luis Borges, 1889 - 1986) نىڭ «ئەتىرگۈل» ناملىق شېئىرىنى ئەسلىتىدۇ:

  • ۋەھالەنكى، «تىل پارچىلاش ھەرىكىتى» دە تۇرغۇچىلار، ئەنئەنىۋىي قىممەتلەرنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى سانالغان كونا كىملىك ياكى مەۋجۇت ھەقىقەتنى يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق بېزەيدۇ، ئۇلارغا ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇلار قارىماققا، ئۆزىنى تىلغا تولۇق تاپشۇرغاندەك قىلغان بىلەن، شېئىردا ھەرگىز غايىپ بولمايدۇ. ھەربىر مىسرا، ھەر بىر سۆزدە ئۇلارنىڭ ۋاسىتىگە ئايلانغان ھېسسىياتى ياكى ماشىنىلاشقان ئەقلى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوقۇرمەننى پىكىر قىلىشتىن، تۇيۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋەلەندۈرۈپ ماڭىدۇ.

  • شېئىرىي تىل ۋە سۆز

     ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان

      (ماقالە) 

        رەشىدتىن ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىنى بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم. ياش قەلەمكەش ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ ئىزدىنىشىگە مەنسۇپ ماقالىنىڭ تېمىسى بىزنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئويلىنىشلىرىمىزغا تۈرۈتكە بولىدۇ. قېنى شېئىر ھەققىدىكى تەلقىنلىرىمىز ئۈزۈلمىگەي.

  • بىز سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە شېئىردىكى كۆچمە مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
    سۆزلەملەر ئەسلى مەنىسى مەجازىي مەنىسى
    كۈندەش  بۇرۇنقى دەۋردىكى كۆپ خوتۇنلۇق كىشىلەرنىڭ خوتۇنلىرى.
    رەقىب ، دۈشمەن.
    قاۋىماق  ئى...
  • ئوسمانجان ساۇت شېئىرلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆز-ئاتالغۇلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بۇ سۆز-ئاتالغۇلاردا قىلچىلىك سۈنئىيلىك ، بىئەپلىك مەۋجۇت ئەمەس . ئۇلار مىسرالاردا شۇنچىلىك جىپسىلىشىپ كەتكەنكى ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەنىداش باشقا بىر سۆزنى ئالماش...
  • ھەقىقەتەنمۇ دىئالېكت-شېۋىلىرىمىزدە ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بىئەپ سۆزلەرنىڭ ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدىغان سۆزلەر بار ، لېكىن دىئالېكت-شېۋىلەردىكى ھەممە سۆزنى ئەدەبىي تىل قاتارىغا كىرگۈزۈشمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس ، بۇ ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ،...

  • غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار (كاندىدات تەتقىقاتچى)

       لىرىك شائىر ئوسمانجان ساۋۇت 1961-يىلى تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ، ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ۋە تەرجىمە شېئىرلىرىنى يورۇقلۇققا چىقارغاندىن سىرت ، «...

  • بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى
    1. كىرىش
    ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى...
  • بۈگۈنكى جەمىئىيەت تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىشىشى ۋە كۈچ تالىشىش، مەۋجۇدلىقىنى ساقلاش كۈرەشلىرى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ، بىر مىللىي توپنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭ كىملىكىنى قانچىلىك تونۇش، ئۇنى قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قوغداش، ...

  • «ئانا تىل ھاياتىم، ئانا تىل ئەركىم» ئۈستىدە ئويلىنىش
     
    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)
     
    شېئىرغا ...
  • ئۇيغۇر تىلى - ئۇرال- ئالتاي تىللىرىى سېستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى، شەرقىي تۈرك تىلى تارمىقى، ئۇيغۇر-قارلۇق تىلى توپلىمى ،ئۇيغۇر تىلى بولۇپ تۈركىي تىللاردىن ئۆزبەك تىلى ئەڭ يېقىن تىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىككىلىسى چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇپ ب...