ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى (4) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    بىز سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسى ۋە شېئىردىكى كۆچمە مەنىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
    سۆزلەملەر ئەسلى مەنىسى مەجازىي مەنىسى
    كۈندەش
      بۇرۇنقى دەۋردىكى كۆپ خوتۇنلۇق كىشىلەرنىڭ خوتۇنلىرى.
    رەقىب ، دۈشمەن.
    قاۋىماق
      ئىتلارغا خاس خۇسۇسىيەت ، ئىتلارنىڭ ھاۋشىشى.
    ھېچنېمىنى پەرق قىلماي سۆزلەۋېرىدىغان بەتخۇي ئادەم.
    ھەپىرەڭ
      نامازشامگۈل ئالىجوقا ، تۇتۇرۇقسىز ، ھەپتىرەڭ.
    چالماق
      ساز چالماق؛ (بىرنەرسىنى) ئېلەشتۈرمەك.
    چاپۇتلىماق ، چىماق سالماق
    توزغان
      چاڭتوزانلارنىڭ توزۇشى ، ئۇچۇشى.
    تۇراقسىز ، تۇتۇرۇقى يوق ، يولدىن چىققان ئادەم.
    چالغىتماق
      سۇنى قوچۇماق ، چەمبىرەك چىقارماق.
    بۇرىماق ، تېمىنى يۆتكىمەك.
    سىنتاش
      ئاق ھەم سۈزۈكلۈكىدىن ئادەم قارىسا ، شولىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر خىل ئاق سۈزۈك تاش.
    مۇقەددەس ، خىسلەتلىك ، گۈزەل.
    تەڭگە
      پۇل ، مالدۇنيا . ۋاقىت
    قىرچىنتال
      تال ، تېرەكلەر تىپىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال . سۇ ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ . چىۋىقلىرىدىن ھەر خىل سايمانجابدۇقلارنى توقۇشقا بولىدۇ.
    نازۇك ، ئەۋرىشىم.
    غورا
      تېخى پىشمىغان مېۋەچېۋە.
    يېتىلمىگەن ، نادان.
    چىگىش تور
      چىگىشلىشىپ كەتكەن تور.
    مۇرەككەپ دۇنيا.
    باز
    باز  دەيدەيگە سېلىش ، كۈشكۈرتۈش ، تالاشتۇرۇش.
    ۋاراڭ
    چۇرۇڭغا تولغان ، سوداتىجارەت قاينىغان.
    دېمەك ، ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا قوللىنىلغان مەجازىيلىق سۆزلەر شېئىرنىڭ جېنىغا جان قوشۇشتىن سىرت ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلىرىنى بېيىتىپ ، ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك ھەسسە قوشقان.
    2) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلىق
      سۈپەتلەشلەر كىشىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ.
    سۈپەتلەش
      ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ، ۋەقەھادىسىلەرنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنى ، تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ، سۈپەتلىرىنى ۋە ھالەتھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئېنىق ، روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ سۈرەتلەپ بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى سۈپەتلەشلەر تەسۋىرلىنىۋاتقان ئادەم ۋە نەرسىلەرنى ، ۋەقەھادىسىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە روشەن كۆرسىتىدۇ ، ئاڭلىتىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلاردا ھېسھاياجان ئويغىتىدۇ . مەسىلەن،
    سۆڭىكىم ئالماستىن پۈتۈلگەن تامام،
    كېمىرىپ يۇتالماس ئىكەك تۇمشۇقلار.
    («مەن چېقىن ، مەن ئاپتاپ ، مەن سامانيولى»دىن)
    ئالەمنىڭ رەڭلىرى سېھرىنى تاشلاپ،
    نامەھرەم ھېسلىرى توزۇسا بىراق؛
    ئېگىلگەك ھۆسنلەر توپىلاڭ باشلاپ،
    قوغلانغان ئاپەتلەر ياندۇرسا چىراغ.
    («تەشۋىش»دىن)
    يېتىلىدۇ غورا ھېسلار ھامان پەيدىنپەي،
    قىيام بولۇپ تومۇرۇڭغا تارايمەن تېخى.
    .. . ...
    ئاتقان تاڭلار،
    ئاققان نۇرلار،
    ئولجا ئەسنالار
    ئەتىكى كۈن ئوڭلۇڭىنىڭ نىشانىسى دە!
    يانغان قۇياش،
    سۈزۈك ئاسمان،
    ئالماس قىيالار
    يۇمران
    يۇمران نوتىلارنىڭ پېشانىسى دە!
    («مەڭگۈلۈك تولۇش»دىن)
    بولمىغاندا ئوت سەزگۈنىڭ ئەكس ساداسى،
    قانداق قىلىپ دىل يورىسۇن پېتىر ھىممەتتىن.
    .. . ...
    يېڭى تاڭ كىرمەكتە ئۆيۈمگە ئەنە،
    ئۇندا يوق ۋەھىمە ، ھەسەت پۈركۈشلەر.
    .. . ...
    يانار ئىدى تاڭسۇق مەدەنلەر،
    («تۈن تىۋىشلىرى»دىن)
    خەجلەيسەن جېنىڭنى كۆپ زۇغۇيلارغا،
    چىلتەكلىك شەلپەردە يۈزىنى ياپقان.
    («بەرگىمدە پۇراپ تۇر مەڭگۈگە ئالما»دىن)
    يارىتىپ تىنماستىن چىرايلىق ئاڭلار،
    توزغانلار ئورنىنى ئالىدۇ گويا.
    («ئەركەم»دىن)
    تەمە بىلەن باقار ھەممىگە،
    غۇرۇرىنى كەش قىلىپ ئۇلار.
    ئايلىنىدۇ ئاخىر تەلۋىگە،
    خۇشامەتنى پەش قىلىپ ئۇلار.
    («دوستۇمغا»دىن)
    ئالۋۇنلارغا ئايلىنىپ ، ئاق قۇچاقلىق ئۇپۇقۇم،
    قوزۇق بولۇپ ۋۇجۇدۇم قېقىلغاندا بازغاندا.
    («تاشقا تامغان تامچىلار»دىن)
    3) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلاندۇرۇشلار ئەنئەنىۋى جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
    نەرسىلەرنى ئادەملەشتۈرۈپ ۋە ئادەملەرنى نەرسىلەشتۈرۈپ يېزىشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە جانلاندۇرۇشتۇر . ئۇ تىلنىڭ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى جانلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى جانلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىدىن پەرقلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەردە روشەن ، جانلىق ۋە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ . مەسىلەن،
    مەڭگۈتاش كۈيلىرى ياڭرار قۇلاقتا،
    ئۆچمەستۇر كەينىمگە مەن تاشلىغان ئىز.
    («مەن چېقىن ، مەن ئاپتاپ ، مەن سامانيولى»دىن)
    يالپۇزلار جاقىلداپ بەزگەك بوپ گويا،
    قىياقلار تىترىشىپ يۇتۇشتى زەھەر.
    .. . ...
    شاماللار سەكرەيدۇ شۈمۈپ گۈللەرنى
    تۈزدىكى شۇ ھاۋا يەنە شۇ ھاۋا.
    («شۇمبۇيا»دىن)
    يۇقىرىقى مىساللاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇتقىلا خاس ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر بولۇپ ، ئۇنىڭدا «ئىكەك تۇمشۇق ، ئېگىلگەك ھۆسن ، ئالماس قىياق ، نامەھرەم ھېس ، غورا ھېس ، ئولجا ئەسنا ، پېتىر ھىممەت ، خەجلەيسەن جېنىڭنى ، ھەسەت پۈركۈش ، تاڭسۇق مەدەنلەر ، غۇرۇرىنى كەش قىلىپ ، ئاق قۇچاقلىق ئۇپۇق» قاتارلىق جانلىق سۈپەتلەشلەر ، «مەڭگۈتاش كۈيلىرى ، يالپۇزلار جاقىلداپ بەزگەك بوپ ، قىياقلار تىترىشىپ ، شاماللار سەكرەيدۇ
      شۈمۈپ گۈللەرنى» قاتارلىق جانلاندۇرۇشلار ئاجايىپ شېئىرىي مەنزىرە ھاسىل قىلغانكى ، ئوقۇغان كىشىدە گويا ھەسەل يېگەندەك تاتلىق سېزىم پەيدا قىلىدۇ . يۇقىرىقىلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى ، ئوسمانجان ساۋۇت ھەقىقىي تىل ئۇستىسى ، يېڭىيېڭى ئىسىتىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ تۇغۇمچان ئانىسى . ئۇنىڭ ئالدىدا تاغلار ، دەريالار ، گۈلگىياھ ، ئۇچار قاناتلار ، دۇنيادىكى ھەممە جانلىقجانسىزلار ئۆز قەلبىنى ئېلىپ قالماي ئاشكارىلايدۇ . «مەڭۈتاشلار كۈيلەيدۇ» ، «تۇمشۇقلار ئىكەك» بولىدۇ ، «ئېگىلگەن ھۆسنلەر» ئۇنىڭ «نامەھرەم ، غورا ھېس»لىرىنى قىيامىغا يەتكۈزىدۇ ، «يالپۇزلار جاقىلداپ» «بەزگەكتەك تىترەپ» ، «ئەسنالار ئولجا» بولىدۇ . شائىر زۇغۇيلار ئالدىدىكى ھاجەتمەنلەرنىڭ «جېنىنىڭ خەجلىنىپ» كېتىۋاتقانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ، «غۇرۇرىنى كەش» قىلماسلىققا چاقىرىدۇ . مانا بۇلار شائىر ئىجادىيىتىدىكى تىل خاسلىقى.

    تىل
      شېئىرنىڭ جېنى . تىلنى قانداق ئىشلىتىش شائىرنىڭ دىتىغا ، بىلىم قۇرۇلمىسىغا باغلىق . تىلىغا ئىشلەنمىگەن ئەسەر گويا كىيىمىنى مەينەت ، رەتسىز كىيگەن كىشىگە ئوخشايدۇ.
    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنى باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلسا ، ئۇنىڭدىكى تىل گۈزەللىكى ، ئىستىلىستىكىلىق خاسلىق قاتارلىقلار ئۇنچىلىك يارقىن بولماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان بۇ «پېشقەدەم» ، «بالا» مىللەتنىڭ تىلىدىكى يارقىنلىق ۋە ئويناقلىقنى شائىردەك چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەسەرلىرىدە ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ بېرىش خېلى
    خېلى تەرجىماننىڭ قولىدىن كەلمىسە كېرەك . شائىر ئانا تىلىغا ئانا كۆكسىگە تەلپۈنگەن بوۋاقتەك تەلپۈنىدۇ ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئاسرايدۇ . بۇنى ھازىرقى بەزى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەبجەش ئاتالغۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمانزېمىن پەرقلىنىدۇ . «كۆپ تىللىق بولۇش شاراپەت ، ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەيدۇ چىڭغىز ئايتماتوف . ئوسمانجان ساۋۇت ئانا تىلىغا خۇددى مەھمۇت قەشقەرى ۋە ناۋائىيدەك مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتتى . بۇ نۇقتىدىن شائىرغا تىلشۇناسلىق تاجىنى بەرمەسلىككە ئىلاجىسىزمىز.
    شېئىر
      تىلنىڭ بالاغىتى . ناۋادا تىل قۇرامىغا يەتسە شېئىرغا ئايلىنىدۇ . تىلنىڭ قۇرامىغا يېتىشى ئوسمانجان ساۋۇت كەبى تىل ئۇستىكارلىرىنىڭ بەدىئىي دىتىغا ۋە تۇيغۇن روھىيىتىگە باغلىق . مېنىڭچە ، شائىردىن يېڭىيېڭى سۆز دۇردانىلىرىنى كۈتۈشكە ھەقلىقمىز . چۈنكى شائىر بىزنى ئۇمۇندۇرمايدۇ . ئاخىرىدا شۇنىمۇ دەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى ، ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئوپېراتسىيە قىلىش تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۇ تىلشۇناسلىرىمىز ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرىمىز تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر تەتقىقات تېمىسى.
    2003
    يىل سېنتەبىر-دېكابىر،ئۈرۈمچى

    تامام.              مەنبە : ئوكيان تورى

    分享到: