ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى (3) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئوسمانجان ساۇت شېئىرلىرىدا يېڭىدىن ياسالغان سۆزئاتالغۇلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ . بۇ سۆزئاتالغۇلاردا قىلچىلىك سۈنئىيلىك ، بىئەپلىك مەۋجۇت ئەمەس . ئۇلار مىسرالاردا شۇنچىلىك جىپسىلىشىپ كەتكەنكى ، ئۇنىڭ ئورنىغا مەنىداش باشقا بىر سۆزنى ئالماشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن،
    مەن بىر كارۋان غىڭشىقلارغا كۈلكە تاشلىغان
    مېنىڭ كۈلكەم قارغىش ئەمەس ، بەلكى ئەجەل
    ئوق.
    («بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن)
    تىلسىمدەك بىلىنگەن ياناقلار قېنى؟
    ئاتەشتەك تىلى بار كۆزلەرچۇ ، كۆزلەر.
    («ئۇچرىشىش»دىن)
    گۈلنىڭ پەيزى كۆرك بېرىش گۈلشەنگە،
    يوقنى تاپساڭ ئىجادكارسەن ، تاپقۇرسەن.
    («ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم پۈتكەن دۇئالار»دىن)
    ياشلىقىمغا خىرىسكار كۈندەشلىرىم كۆزىدە
    تەپچىرەپ بىر بالقىماس قار
    مۇز بولۇپ قاتامسەن؟
    («قاپقارا تۈن چاچلىرىم»دىن)
    ئۆندەرىگەك يىگىتكەن دېمە،
    مۆجىزىدىن كەتتىم ئۆندەرەپ.
    .. . ...
    تۇغۇچلىرىم نەگىدۇر غايىب،
    بىز ئۇچراشتۇق بۇندا ئاجايىپ.
    («قەشقەر كۈيلىرى»دىن)
    بىزدىكى تۇيغۇلار ئوخشار شارابقا،
    كۆمۈكتە كۆپ تۇرۇپ ئۇزاق ساقلانغان.
    («قوشۇلۇش»دىن)
    سىنئەينەككە سىنىمىز چۈشسە،
    سىرلىرىمىز نەگە چۈشەر راست؟
    («تاشقا تامغان تامچىلار»دىن)
    مۇشائىرە ئەۋجىپ كەتسۇن ، باشلا قېنى سەن،
    ئەشرەقەت①(ئەشرەقەت
      ناۋائىينىڭ مەشھۇر غەزىلى.)تەك ئېسىل نەزم تۈزۈلسۇن بۇ رەت.
    .. . .. .
    بېزەكلەردە سەن ئۇزغۇن سەن ، پىكىرلەردە مەن،
    ئۆمۈر بويى ئۆتسە كىشى مۇشۇنداق پەقەت.
    («كەل شائىرە»دىن)
    پاك ھاۋانى ئىزدىسەڭ بەندە،
    يول سال مېھنەت ئەۋجىگەن يەرگە.
    .. . ...
    ئايدالىلار ئەجەب ھۆسندار،
    ئاڭلىغىنا سالماقتا سۇران.
    قەدىم روھلار بەكمۇ تۈگۈندار،
    لەۋھەسىدە ھامان بىر ئۇران.
    («سەپەر كۈيلىرى»دىن)
    ئاجايىپ خەتلىرىم قالدى جاۋابسىز،
    ئاجايىپ مىسرالار قالدى ئوقۇقسىز.
    («ئېچىنىش»دىن)
    قايىل بولماي كېلىمەن تەقدىرنىڭ بۇ تەركىگە،
    («ئەسلەش»دىن)
    نېمانچە قىپقىزىل ، ئەي گۈللەر تەققىڭ،
    سىرىڭنى پىچىرلاپ ئېيتقىنا ماڭا.
    .. . ...
    ھايات
    كۈي ، زوقشوخقا قېنىققان بولساڭ
    كەل ، كۈيلەپ باقايلى ھەممىنى پۈتۈن.
    .. . ...
    چىرايلىق سۈرەتكە يۈكدار ئۇيقۇلار،
    ئەس
    ھوشنى بىر ئالغان خۇلق ۋە ھۆسن.
    («تاجىك تەرانىلىرى»دىن)
    كەچمىشلەر شېرىندۇر بەئەينى بالمۇز،
    سۆيگۈلەر ئاسماندىن قۇيۇلغان يادا.
    («ئەقىدە»دىن)
    كەپە①(كەپە
      بۆرە تاۋۇزى ، ياتما غوللۇق ئۆسۈملۈك.)لەر ئايلاندى بويچان كەندىرگە
    مىڭ خىل ئوي قۇيۇلدى بىر خىل ئويۇمغا.
    («كۆيگەن جان»دىن)
    يۇقىرىقى مىسرالاردىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر ئوسمانجان ساۋۇت تەرىپىدىن ياسالغان يېڭى سۆزلەر بولۇپ ، شېئىرنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن . «غىڭشىق ، ياناق ، تاپقۇر ، ئۆندەرىگەك ، تۇغۇچ ، كۆمۈك ، ئۇزغۇن ، ئوقۇقسىز ، ھۆسندار ، تۈگۈندار ، يۈكدار ، بويچان» قاتارلىق سۆزلەر پېئىللارغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ (ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن) ياسالغان سۆزلەر بولسا ، «سىنئەينەك ، بالمۇز» سىنتاكسىسلىق يول بىلەن سۆزلەرنى سۆزلەرگە قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كىشى ھېچ قىينالمايلا مەنىسىنى چۈشىنەلەيدۇ . «قېنىققان ، ئەۋجىگەن
    ئەۋجىپ» قاتارلىق سۆزلەرنى شائىر پېئىل ھالىتىدە جايىدا  قوللانغان . «تەققىڭ ، تەركى» سۆزلىرى تىلىمىزدا يەككە ھالەتتە ، تۈرلىنىپ ئىشلىتىلىپ باقمىغان ، شائىر بۇنىڭ يەككە ھالىتىنى تاللىۋالغان . مېنىڭچە ، بۇلارنى تىلشۇناسلارمۇ تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن . «مەن شېئىرىيەت دەرسىنى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل ئىلمى كەسپىدىكى ستۇدېنتلار ئۈچۈن مەجبۇرىي پەنگە ئايلاندۇرغان بولاتتىم» دەيدۇ قازاقىستان شائىرى ۋە تىلشۇناسى ئولجاس سۇلايمانوف . ئۇستاز شائىر تېيىپجان ئېلىيوپ ھايات ۋاقتىدا: «تىلشۇناسلاردىن شائىرلارغا گرامماتىكا جەھەتتە ئازراق ئەركىنلىك بەرسەڭلار ، دەپ ئۆتۈنۈپ باقايمىكىن دەيمەن» دەپ چاقچاق قىلغانىكەن . بەرھەق ، تىلشۇناسلىرىمىز شېئىرنىڭ قۇدرىتىنى چۈشەنسە ، شائىرلىرىمىز تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىدىن خەۋەردار بولسا تىلىمىزنىڭ ئاھاڭدارلىقى ، ئىخچاملىقى ، شېئىرلىرىمىزنىڭ جەلپكارلىقى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولاتتى . ئەڭ ئەقەللىيسى ، شېئىرلىرىمىزدىكى نايناق خوتۇننىڭ غىلجىڭ گېپىدەك مەنتىقىسىزلىك خېلى ئازايغان ، سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي «مودا» قوغلىشىپلا ئىشلىتىدىغان ئىلمىي قارىغۇلۇقتىن خالىي بولغان بولاتتى . لېكىن بىزدە «شائىر» قالپىقىنى كىيىۋالغان مودا سۆز غەۋۋاسلىرى ھېلىھەم ناھايىتى كۆپ . شېئىرىيەت گرامماتىكىسى بىزدە تېخى رەسمىي تەتقىق قىلىنىپ باقمىغان بولغاچقا ، بۇ بوزنى ئېچىش شائىرلارنىڭ ، تىلشۇناسلارنىڭ ئالدىدىكى يېڭى بىر ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا.
    4 . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا ئويناق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
    ئىستىلىستىكا
      تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ، يەنى تىلنى تۈزەش ، تىلنى بېزەش ، تىلنىڭ ئوبرازلىق ، تەسىرلىك بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئىلىم . ئىستىلىستىكا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    شېئىردا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ئىجادبىي پايدىلىنىش ئىنتايىن مۇھىم . ئوخشىتىشلر ، سىمۋوللار ، جانلاندۇرۇشلار ، كېسىم سۆزلەر يېڭى بولۇشى كېرەك . بالزاك: «قىزنى تۇنجى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان ئادەم دانىشمەن ، ئىككىنچى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان ئادەم ئەخمەق» دېگەنىكەن . دېمەك ، شائىر باشقىلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى تەكرارلىماسلىقى كېرەك . بىرەر سۆزنى دەل جايىدا ، ئورۇنلۇق ئىشلىتىش ئوڭاي ئەمەس . ماياكوۋىسكى: «شېئىرىي ئىجادىيەت خۇددى ئوران كولىغاندەك بىر ئىش ، بىر گرام ئوران كولاش ئۈچۈن يول بويى ئەمگەك قىلىش كېرەك . ئويلاپ كۆرۈڭ ، بىر ئېغىز سۆزنى جايىدا قوللىنىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا >تىل ئورانى< كېرەك» دەيدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت بۇ نۇقتىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان . شۇڭا ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى سىمۋولىستىك ۋاسىتىلەر ، سۈپەتلەش ، جانلاندۇرۇش سۆزلىرى دەسلەپ ئادەمگە غەلىتىرەك ، مەنتىقىگە سىغمايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ . ئۇنى پەقەت سوغۇققانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلغان ، شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بىلەن دەڭسەپ كۆرگەندىلا چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.
    شېئىرىيەتتە سۆزلەرنى شېئىرىيەتنىڭ ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدە
    قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ماسلاشتۇرۇش شائىردىن يۇقىرى بەدىئىي دىت ۋە مول تىل بىلىمىنى تەلەپ قىلىدۇ . شائىر ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا سۆزلەرنى ئەنئەنىۋى ماسلاشتۇرۇشقا ۋە قېلىپلىشىپ كەتكەن سۆز بىرىكمىلىرى قۇرۇلمىلىرىغا جەڭ ئېلان قىلىپ ، «ماسلاشمايدىغان» ، «سۆز بىرىكمىسى ھاسىل قىلالمايدىغان» سۆزلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىرىكتۈرۈپ ، شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئىي چوققىسىنى ئاپىرىدە قىلدى . ئۇنىڭ شېئىرىي تىل ماھارىتىنىڭ سىرى شۇ يەردىكى ، ئۇ ھەرگىزمۇ شېئىرىيەت ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ كونا ، قاتمال قائىدە قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىگە قۇل بولماي ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئويناق ، ئەۋرىشىملىكىدىن ماھىرلىق بىلەن تولۇق پايدىلانغان . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا تۆۋەندىكىدەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
    1) ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدا مەجازلار ، يەنى مەنىسى كۆچكەن ياكى كېڭەيگەن سۆزلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان.
    مەجاز يەنە مېتافۇرا ئىستىئارە دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدە قوللانغاندىن سىرت ، ئۇنى كۆچمە مەنىدە ياكى مەنىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۆرسىتىدۇ . مەجاز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەشلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرلىرىدىكى مەجاز ئاددىيلا سۆز ئالماشتۇرۇش بولماستىن ، بەلكى شۇ شەيئىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەپ ، ئوقۇرمەنلەر نەزىرىدە تېخىمۇ قويۇق شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان . مەسىلەن،
    ياشلىقىمغا خىرىسكار كۈندەشلىرىم كۆزىدە
    تەپچىرەپ بىر بالقىماس قار
    مۇز بولۇپ قاتامسەن؟
    («قاپقارا تۈن چاچلىرىم»دىن)
    ھېچنېمىنى بىلەلمەيدۇ قاۋاش باشلىغان،
    بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق.
    («بۇ ئالەمدىن ئاداپ ئۆتەر ھېچنېمىسى يوق»دىن)
    ۋال
    ۋۇل نىقاب ياراشمايدۇ ئەپتىڭگە،
    ھەپىرەڭگە ھەيۋەت بەرمەس قورام تاش.
    («ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم پۈتكەن دۇئالار»دىن)
    بىرىڭ ماڭساڭ كەڭ يولدا تاشلاپ ئەمدى كەڭ قەدەم،
    بىرىڭ كېلىپ ئارقىدىن تۇيدۇرماستىن چالىسەن.
    («تۈن تىۋىشلىرى»دىن)
    چاڭلارنى ، توزانلارنى يەلگە بەردىم،
    ئۆزۈڭنىڭ شورى دېدىم ، توزغانلارغا.
    («تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش)دىن)
    پاراڭنى ئۆزگە ياققا چالغىتمايلى،
    يۈرەكلەر ئاللىقاچان ئۆزلەشكەندە.
    («قۇياشنىڭ باغرىغا سىڭىپ كېتىمىز»دىن)
    ئىزىڭنى سىنتاش دەپ ئۆپۈشتى يەللەر
    گۈزەللىك بەرھەقكى ، يەللەرمۇ بەرھەق.
    .. . ...
    خېلى مول تەڭگەم بار دەملەردىن پۈتكەن
    جايىدا خەجلەيمەن ، خەجلىمەيمەن ھەم.
    جايىدا جەجلەنسە ئۆمۈر يوق يىتكەن،
    ئەكسىچە ، ئۆلگىنىم ، تاپقىنىم بەرھەم.
    .. . ...
    قىرچىنتال ئوغلىدىن ئايرىلدى ئانا
    يۈرىكى دەريا بوپ ئاقتى كۆزىدىن.
    («مەن ساڭا بەردىم بىپايان دېڭىز»دىن)
    غورىلار چىللايدۇ جاملىرىدا مەي،
    ۋە لېكىن بارمايمەن ئۇنىڭ رايىغا.
    («ئۆكۈنۈش»دىن)
    بىز ياشاپ كېلىمىز چىگىش تور ئارا،
    چىگىشلىك تۈگۈنلەر ھامان تېپىلار.
    («ئاق راۋاقتا ئاق پەرىشتە چۈشى باشلىنار»دىن)
    قايناق رەستە ، باز
    بازلىق بازار،
    ئۇچراپ قالدىم ئۇشتۇمتۇت ساڭا.
    («سەپەر كۈيلىرى»دىن)
    يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى ، مىسرالار تەركىبىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزلەر شېئىردا ئەسلى سۆز مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى مەجاز رولىدا كېلىپ ، شېئىر تىلىنىڭ ئوبرازچانلىقىنى ئاشۇرغان .

    - داۋامى بار    مەنبە : ئوكيان تورى

    分享到: