ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-17

    يېڭى كىتابلار ئۇچۇرى (2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى) - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    يۈرۈشلۈك ئەدەبىي توپلام كىتابلار

    ئەسكەرتىش : ئالدىنقى ھەپتە كىتابخانا ئارىلاپ قايتىپ كىلىپ، تورغا ئۆزۈم دىققەت قىلغان بىر قىسىم يېڭى كىتابلار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىلوگىمغا ۋە چوغلان، كۆيۈكتاغ مۇنبەرلىرىگە قويغاندىن كېيىن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى ياخشى بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىىسىدا بەزىلىرى باشقا بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ سوراشتى. ئۈرۈمچىدەك رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئۇچۇر مەركىزىدە يۈرۈپ، باشقا يۇرتلاردىكى ياكى خىزمەت بىلەن ئالدراش كىتابخانىغا بارغۇسى بولسىمۇ بېرىشقا ۋاقتى يەتمەيۋاتقان تورداش قىرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ خىل يېڭى كىتابلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ تولىمۇ قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ خىل تېمىنى قارارلىق قىلىپ ئايدا بىرەر مەرتەم يوللاپ تۇرۇشنى ئويلىدىم. شۇڭلاشقا قايتا كىتابخانىغا بارغان پۇرسەتلىرىمدە بەزى يېڭى كىتابلارنى تۈرى، ئاپتۇرى، باھاسى، نەشىر قىلىنغان ۋاقتى، نەشرىيات دېگەندەك ئۇچۇرلىرى بىلەن خاتىرلىۋالدىم. تۆۋەندە يېقىنقى بىر مەزگىلدە نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان بەزى يېڭى كىتابلارنىڭ ئۇچۇرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇلار ئەلۋەتتە ھەممە يېڭى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى ئەمەس بەزى يېڭى كىتابلار دىققىتىمدىن سىرىتتا قالغان بولىشى، بەزىلىرى مەن بارغان كىتابخانىدا يوق بولىشى، يەنە بەزىلىرىنى بولسا خاتىرلىۋېلىشقا ئېرىنگەنلىكىمدىن چۈشۈپ قالغان بولىشى مۇمكىن. قېنى بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ. بۇلارنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ قويدۇم ۋە شۇ تۈرلەر بويىچە تورغا يوللىدىم.

    يۈرۈشلۈك ئەدەبىي توپلام كىتابلار

    1.    ئەبەيدۇللا ئىبراھىم ئەسەرلىرى (6 توم) 322.00 يۈەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2010-1

    «بوز دالا»، «ئۈچ غەزەل»، «ئاجايىپ كۆزلەر»، «ساياھەتنامە»، «داغ»، «بەشىنچى ئوغۇل»

    2.    تۇردى سامساق ئەسەرلىرى (6 توم)،

    «يۈرەك سىرلىرى»(40.00 يۈەن)، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»(30)، «خەيىر كۈنلەر»، «ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ»، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار»، «ئۆمۈر ئىزلىرى»

    خالىدە ئىسرائىل ئەسەرلىرى (3 توم)

    «ھۆكۈمران»، «قۇملۇقنى چۈشى»(44.00 يۈەن)، «ئانا دەريانى ئىزدەپ»

    3.    مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى (4 توم)

    «گۈللىگەن دالا»(30.00 يۈەن)، «قىرلىق ئىستاكان»(30.00 يۈەن)، «كونا يېڭى ئىشلار»(30.00 يۈەن)، «تولۇن ئاي»(30.00 يۈەن)

    4.    قاھار جىلىل ئەسەرلىرى (4 توم)

    «تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ»(46.00 يۈەن)، «بالدۇر توزىغان گۈل»(44.00 يۈەن)، «كۈلۈمسىرىگەندە»، «قىساس»

    5.    يېڭى دەۋىر شائىرلىرىنىڭ 10 توپلىمى

    مۇھەممەدئىلى زۇنۇن تەشنائى : «قەدىردان ئاتام»، 15.00 يۈەن

    قۇربان ئىمىن : «بوز تورغاي»، 12.00 يۈەن

    ئەلقەم ئەختەم : «ئۆچمەس تىلەكلەر»، 13.00 يۈەن

    ئابدۇكىرىم خوجا : «تاغ گۈلى»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

    مۇھەممەتجان سادىق : «مۇھەببەت ۋە تەبەسسۇم»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

    رەخىم قاسىم : «تەڭرىتاغ قەسىدىسى»، 15.00 يۈەن

    مۇھەممەد شاۋۇدۇن : «تەڭرىتىغىم»، 15.00 يۈەن

    ئىمىن ئەھمىدى : «ئاسمانلار - تاغلار»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

    مامۇت زايىت : «زېمىندىكى يۇلتۇزلار»، 15.00 يۈەن

    تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن : «سەھرا نەزمىلىرى»، 15.00 يۈەن

    ئارسلان : «زېمىن ئەركىسى»، 15.00 يۈەن

    تاھىر تالىپ : «مەن - ئادەم»، باھاسىنى كۆرمەپتىمەن

     

    داۋامىدا : ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتى توغرىسىدىكى يېڭى كىتابلار يوللىنىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us