ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-13

    ئەسەرلىرىم: پاتىمە - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    پاتىمە

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     

    پاتىمەنىڭ كۆينىكى،

    سەكسەن يەردە ياماقى.

    ياماي دېسە ياماق يوق،

    چىگىپ كىيگەن پاتىمە.


    - خەلق قوشىقى

    بالىلىق ئەسلىمىلىرىمدە ئۈستىدىكى خەلق قوشىقىدىكى قىز بىلەن ئىسىمداش ئاجايىپ سەبىي بىر قىز گۈلدەك كۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تال - تال ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى ھېلىھەم ئەسلەپ قالىمەن. شۇ دەملەردە قالدۇرۇلغان سۈرەتلەرنى گاھىدا قولۇمغا ئېلىپ كۈلۈپ كېتىمەن. پاكىز بالىلىق ھېسلىرىم بىلەن تەلپۈنگەن قەلبىمنى ئەسلەيمەن. بەلكىم مېنى شېئىرغا شۇ قىز باغلاپ قويغان بولىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى ئۇنى ئەسلەپ يازغان بىر پارچە شېئىر ئىدى. قېنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي :


    پاتىمە

     

    قاپقارا كۆزلىرىڭ چۈشلەردە تەكرار،

    مۇھەببەت ئىسمى سەن سەبىي پاتىمە.

    دۇنياغا بىر سۆزنى ئېيىتمىغان ئۈچۈن،

    ئاشىقلار تىلىدا بولدۇڭ ئەپسانە.

     

    ئېسىمدە گۇگۇم پەيىت مەھەللەمدىكى

    دەرەخكە ئويۇلغان ھەقىقەتتۇر سەن.

    چۆچەكتەك بالىلىق كۈنلەردە قالغان،

    ئون بەشكە تولمىغان سۆيۈملۈك ۋەتەن.

     

    ناخشامدا دېرىزەڭ چەككۈم بار ئىدى،

    موماڭدىن قورقاتتىم، يۈرەتتىم پىنھان.

    تۈنلىرى ئۇخلىماي مەكتۇبلار يېزىپ،

    بەرمىگەن ۋە بىراق بولسىمۇ ئىمكان.

     

    چۈنكى بۇ شۇنچىلىك پاكىز بىر تۇيغۇ،

    ۋەزنىگە تاغلارمۇ چۆكەتتى بەلكىم.

    مەن ئۇنى قانداقمۇ كۆتۈرەلەيمەن؟!

    ئەسلەرگە ئويۇلدى شۇ كۆڭۈل گىپىم.

     

    بىز شۇنداق كۈنلەرنى ئۇزاتتۇق ئەركەم،

    بىلمىدۇق، قاياققا ئاداشتى ھايات.

    ئىشكىڭدە ئېيتىلدى تۇيۇقسىز ئۆلەن،

    قەدىمىي بىر چۈشۈم ئەيلەندى بەربات.

     

    ھە، بۈگۈن مەن يەنە سېنى ئەسلىدىم،

    ئۆكسۈيدۇ كۆڭۈلدە ئۇنتۇلغان ئىستەك.

    شۇ بىر سۆز سېھىرىدىن بۇ دەمدە توۋا،

    كەپتەرگە ئايلىنىپ كەتمەكتە يۈرەك.

    分享到: