ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-11-13

    «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار » - [تەۋسىيە كىتابلار]

    «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار »

     

    «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» نەقەدەر گۈزەل ۋە سەمىمىي تەلپۈنۈش ھە! شۇنداق، كىتابخانىلارغا كىرگىنىڭىزدە ئىسمىمۇ، ئۆزىمۇ گۈزەل بۇ كىتابنى سېتىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.  يېقىندا ئۈمىدلىك قەلەمكەش گۈلباھار ئەزىزنىڭ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق نەسىرلەر توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى .

    گۈلباھار ئەزىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولىغا قەلەم ئېلىپ، دىيارىمىزدىكى «تارىم» ، «تەڭرىتاغ»،  «تۇرپان» ، «كروران» قاتارلىق ژۇرناللاردا كەينىكەينىدىن 200 پارچىدەك تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا نائىل بولۇپ كەلمەكتە .

     ئۇنىڭ «يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار» ناملىق بۇ توپلىمىدىكى نەسىرلەردە تۇرمۇش ، مۇھەببەت ، تەبىئەت، ئاتا – ئانا ، پەرزەنت قاتارلىق تېمىدىكى مەزمۇنلار ئوتلۇق ،لىرىك ھېسيات بىلەن نەسىرىي تىلدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ ، كىشىنى شېرىن ، گۈزەل ھېستۇيغۇلارغا چۈمدۈرىدۇ . ھايات، مۇھەببەت، دوستلۇق قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. قېنى سىزمۇ ئۇنىڭ لىرىك پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سېلىڭ. ئۇنىڭ بۇ پىچىرلاشلىرى بەلكىم سىزنى ھاياتىڭىزدىكى يۈرىكىنى تىڭشاپ باققۇڭىز بار ئەزىزلىرىڭىزنىڭ قەلىب دۇنياسى ھەققىدىكى ئويلىنىشلارغا يېتەكلىسە ئەجەب ئەمەس.

    ئاپتۇرنىڭ كىتابتىكى سۈرىتى:

    ئۇنىڭ يەنە « ئەقىدە توزانلىرى » ناملىق رومانىمۇ  نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت ،بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمىز .

    分享到: