-
2011-11-13
چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]
چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس
ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
سۈرەتلەرنى كۆيدۇردۇق ئۆرتەپ،
خەتلەرنىمۇ يىرتتۇق بىر بىرلەپ،
ياق، تۈنلەردە قولۇم يېتىلەپ،
چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس.
ئاسمانلىرىم مەيلى يۇلتۇزسىز،
باغلىرىم ھەم قالسۇن بۇلبۇلسىز،
مېنى ئالداپ ئەمدى ئورۇنسىز،
چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتماس.
كويىڭىزدا ئادا بولسام ھەم،
يولىڭىزدا گادا بولسام ھەم،
خۇشاللىقتىن جۇدا بولسام ھەم،
چۈشلىرىمگە كىرمەس ئىلتىماس.
سۆيگۈ ئىكەن ۋاپا ناخشىسى،
كېرەك ئىكەن ئاڭا ياخشىسى،
سىزگە ئەمدى ياركەن باشقىسى،
چۈشلىرىمگە كىرمەڭ ئىلتىماس.
«شىنجاڭ سەنئىتى» 2011-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.